دول يېزىسى
دول يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيەنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 7 كىلومېتىر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دول يېزىسى لوپ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيەنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 7 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 63 كۋادرات كىلومېتىر. دول يېزىسى تەۋەسىدىكى 30 مەمۇرىي كەنت، 111 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، نوپۇسى 7146 ئائىلە (دېھقان ئائىلىسى 6871 ئائىلە)، 28261 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمگەك كۈچى 12640 ئادەم؛
يېزىغا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلاردىن ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى 35، بۇنىڭ ئىچىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى 29؛ پارتىيە ئەزالىرى 918 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە كاندىدات پارتىيە ئەزاسى 15 ئادەم، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى 26 ئادەم؛ ئىتتىپاق ياچېيكىسى 31، ئىتتىپاق ئەزالىرى 1476 ئادەم؛ «ئۈچ پېشقەدەم» لەر 152 ئادەم.
دول يېزىسىدول يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653224205. يېزىغا قاراشلىق 30 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: يولچى كۆل كەنتى، تاختا كۆۋرۈك كەنتى، دول خەلپە ئېرىق كەنتى، قوغاچئېرىق كەنتى، دولسېرىق كەنتى، خالۋاپ كەنتى، كۆتەمە كەنتى، جالان ئېرىق كەنتى، كالتە كۆتۈمە كەنتى، دۆڭ كۈزلۈك كەنتى، قۇدۇقئېرىق كەنتى، قۇرۇقئېرىق كەنتى، ئويمانيانتاق كەنتى، چاقما كەنتى، توپا ئېرىق كەنتى، كۆلئېرىق كەنتى، دۆڭئازما كەنتى، باش ياندۇما كەنتىى، تاۋىغاز كەنتى، قاخلىق كەنتى، شور كۆتەك كەنتى، تالما خېنى كەنتى، مازار ئۆستەڭ كەنتى، قاغا ئېرىق كەنتى، چوڭقۇر ئۆستەڭ كەنتى، توغرا ئېرىق كەنتى، تولغاش كەنتى، قاراڭغۇتوغراق كەنتى، قاراڭغۇ تۈگمەنبېشى كەنتى، دۆڭئۆستەڭ كەنتى قاتارلىقلار.
دول يېزىسى يەر كۆلىمى 64040 مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 43699 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە 1.55 مو؛ بۇنىڭ ئىچىدە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 14 مىڭ 100 مو، بۇغداي 22 مىڭ مو، كۆممقوناق 21 مىڭ 400 مو، توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى 16 مىڭ مو؛ ھازىرقى كۆكتات پارنىكىدىن 340 ى بار.
2006-يىلى يېزا بويىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 63 مىليون 542 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 43 مىليون 881 مىڭ يۈەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.3 ئاشقان؛
2-، 3-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 7 مىليون 979 مىڭ يۈەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئاشقان؛
2006-يىلى يېزا بويىچە ئوتتۇرىچە كىرىمى 18 مىليون 642 مىڭ 200 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئاشۇرۇلىشى 462.22 يۈەن.
ھازىر يېزا بويىچە جەمئىي «بەشتە ياخشى» پارتىيە ياچېيكىسىدىن 14، ئاممىنى رازى قىلغان پونكىتىدىن سەككىزى ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكەن. يېزا بويىچە جەمئىي رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇندىن بىرى، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن (كەنت) دىن 4 ى بار.
2006-يىلى يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ۋىلايەت دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.