دۇرۇنەج ئەقرەبى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۈرەك، ئاشقازان، جىگەر، پەي ۋە نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى قىزىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، يەلنى تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھامىلىنى ساقلاش، زەھەر قايتۇرۇش.
ئىران، خۇراسان قاتارلىق چەتئەللەردىن چىقىدۇ،ھىندىستاندىنمۇ مۇشۇ تۈر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، بۇنىڭ قۇۋۋىتى خۇراساندىن چىقىدىغان دۇرۇنەجدىن تۆۋەن.
يۈرەك ئاجىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش، ئۇنتۇغاقلىق، تۇتقاقلىق كېسىلى، مالېخولىيا، پەي ۋە نېرۋا ئاجىزلىقى، پالەچ، يۈز نېرۋىسىنىڭ پالىچى، ۋابا، ئاميوبالىق تولغاق، چۇما، ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. كاپۇر، دۇرنەج 12 گرامدىن، جەدۋار، بىنەپشە 4 گرامدىن. يۇمشاق سوقۇپ، ئەرىقى گۇلاب بىلەن خېمىر قىلىپ كۇمىلاچ تەييارلاپ ئىچسە، يۈرەك ۋە نېرۋا كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ.
2. دورنەج ئەقرەبى 10 گرام، زەپەر 7 گرام، داۋائى مىشكى 20 گرام، جەدۋار 30 گرام. ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مەجۈن تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. بادرەنجى بۇيا 10 گرام، ئۈستىقۇددۇس 10 گرام، دورۇنەج ئەقرەبى 10 گرام، غارىقۇن 7 گرام، گاۋزىبان 10 گرام، لاچىندانە 7 گرام. سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئۇنتۇغاقلىق، سەرئى، مالىخولىيا قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.