قىسقا يۈگۈرۈش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 776-يىلى گرېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا پەقەت بىرلا تۈردە، يەنى قىسقا يۈگۈرۈشتە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن. ئەينى چاغدىكى مۇسابىقىلىشىش ئارىلىقى 27.192 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر «ئايلانما» بولغان، مۇسابىقە ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، ۋاقىتمۇ، ئىسىم تەرتىپىمۇ ھېسابلانماي، كىم بىرىنچى بولۇپ ئاخىرقى پەللىدىن ئۆتسە غەلىبە قىلدى دەپ ھېسابلانغان. رېپىرىلىكنى ئاقسۆڭەكلەر ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار قولىغا تاسما قامچا ئېلىپ، بۇرۇن يۈگۈرۈۋېلىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى شەپقەتسىزلىك بىلەن قامچىلىغان.
ئۇ ۋاقىتتىكى مۇسابىقىلەردە قىياپەت بىلەن تېخنىكىغا ئېتىبار بېرىلمەي، پەقەت كۈچلۈكلەرلا غەلىبە قىلغان. 1896-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىمۇ پەللىدىن چىقىش قىياپىتى خىلمۇخىل، ئاجايىپ-غارايىپ بولغان. 1936-يىلىغا كەلگەندىلا 11-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا قىسقا يۈگۈرۈشتىكى پەللىدىن چىقىش قىياپىتى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تەنھەرىكەتچىلەر پەللىدىن چىقىش ئەسۋابىدىن چىقىدىغان بولغان.
100مېتىرغا يۈگۈرۈشتىكى ئەڭ بالدۇرقى رەسمىي رېكورت 1894-يىلى بارلىققا كېلىپ، نەتىجىسى11 سېكۇنت 2 دەقىقە بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، 100 يىل مابەينىدە نەتىجە 9 سېكۇنت 6.8 دەقىقىگە يەتكەن. بۇ نەتىجىنى ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى لېۋېس 1991-يىلى ياراتقان. ئاياللارنىڭ نۆۋەتتىكى 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش دۇنيا رېكورتى 10 سېكۇنت 9.4 دەقىقە بولۇپ، ئامېرىكىلىق گدىففېت جوينېد 1988-يىلى ياراتقان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.