شيا سۇلالىسى

شيا سۇلالىسى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى سۇلالە، شۇنداقلا جۇڭگو قۇللۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىنىشى. بۇ سۇلالە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى21-ئەسىردىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى16-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان، جەمئىي14 ئەۋلاد17 پادىشاھ ئۆتكەن، تەخمىنەن500 يىل دەۋر سۈرگەن.

ئۇيغۇرچە نامى شيا سۇلالىسى
خەنزۇچە نامى 夏朝
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا قىتئەسى
سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق تۈزۈم
ئەلباشى يۈي
ئاساسلىق مىللىتى خۇاشىيا مىللىتى
پايتەختى گاۋچېڭ,ياڭدى
باشقا نامى The Xia Dynasty

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شيا سۇلالىسى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى سۇلالە، شۇنداقلا جۇڭگو قۇللۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىنىشى. بۇ سۇلالە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى21-ئەسىردىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى16-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان، جەمئىي14 ئەۋلاد17 پادىشاھ ئۆتكەن، تەخمىنەن500 يىل دەۋر سۈرگەن. شيا سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق زېمىن دائىرىسى ھازىرقى خېنەننىڭ غەربىي قىسمىنى مەركەز قىلغان ھالدا، غەربتە سەنشىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ شەرقتە ھازىرقى خېنەن، خېبېي، شەندۇڭ ئۈچ ئۆلكىنىڭ چېگرىلىنىدىغان جايىغىچە كېڭەيگەن، جەنۇبتا خۇبېيغا، شىمالدا خېبېيغا تۇتاشقان. ئۇنىڭ كۈچى ۋە تەسىرى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىن چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا قەدەر يەتكەن.[0]

شيا سۇلالىسىئۇلۇغ يۈي سۇنى تىزگىنلەپ تۆھپە ياراتقاچقا، نۇرغۇن قەبىلىلەرنىڭ ھىمايىسىگە ۋە شۇننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، شۇنىڭدىن كېيىن قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ سەردارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ ياڭچېڭ(ھازىرقى خېنەننىڭ دېڭفېڭ دېگەن جايىدىكى گاۋچېڭ) دا پايتەخت قۇرغان، كېيىن پايتەختنى ياڭدى(ھازىرقى خېنەندىكى يۈيشيەن ناھىيىسى) غا كۆچۈرگەن، كېيىن يەنە تۇشەن(ھازىرقى ئەنخۇينىڭ خۇەييۈەن ناھىيىسى دائىرىسىدە) دە قەبىلە ئاقساقاللىرى قۇرۇلتىيى چاقىرغان. تۇشەن قۇرۇلتىيى ئۇلۇغ يۈينىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقىنىڭ تىكلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇلۇغ يۈي ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى چى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ قەبىلە ئىتتىپاقى سەردارىنى سايلاش ئادىتىنى بۇزۇپ، ئۆزى پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە لەشكەر تارتىپ ئۆزى بىلەن خانلىق تەختىنى تالاشقان بو يىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈزۈمى تەختكە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش(باقىمەندىلىك) تۈزۈمىگە ئۆزگەرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، يۇ خۇشى قەبىلىسى لەشكەر تارتىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ چىغا قارشى چىققان، چى نۇرغۇن لەشكەر باشلاپ جازا يۈرۈشىگە ئاتلىنىپ، گەن(ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىدىكى خۇشيەن ناھىيىسى) دە قاتتىق جەڭ قىلىپ، يۇ خۇشى قەبىلىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، پۈتكۈل قەبىلە ئەزالىرىنى قۇل قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، نۇرغۇن قەبىلىلەرنىڭ سەردارلىرى ياڭدىدا ئۇچرىشىپ چىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شيا سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تولۇق تىكلەنگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇلۇغ يۈي ئۆزىگە تەئەللۇق يەرلەرنى توققۇز ئايماققا ئايرىپ، رايونلار بويىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، «يۈينىڭ قەدىمى يەتكەنلىكى جايلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ، توققۇز ئايماققا ئايرىلدى» دېگەن گەپ مۇشۇنىڭدىن قالغان. شيا سۇلالىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ھاكىمىيەت ئاساسى تېخى دېگەندەك پۇختا بولمىغاچقا، «تەي كاڭنىڭ دۆلەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشى» دەك ۋەقە يۈز بەرگەن. تەي كاڭ چىنىڭ ئوغلى بولۇپ، پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت ئىشىلىرىنى ياخشىلىمىغان، بەش ئاكا-ئۇكا پادىشاھلىق تەختىنى تالاشقان ھەمدە ئىچكى نىزا يۈز بەرگەن. دەل شۇ چاغدا، شەرقتە ياشايدىغان يۇچيۇڭ قەبىلىسىنىڭ سەردارى خۇ يى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شيا سۇلالىسى پايتەختىگە بېسىپ كىرىپ تەي كاڭنى قوغلىۋېتىپ، شيا سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. تەي كاڭ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن سىرتتا ئۆلگەن، ئۇنىڭ ئىنىسى جۇڭ كاڭ، جۇڭ كاڭنىڭ ئوغلى شياڭ، شياڭنىڭ ئوغلى شاۋكاڭ ئارقا-ئارقىدىن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. شاۋكاڭ شيا خۇ جەمەتىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، خۇيىنىڭ ۋارىسى خەن جۇنىڭ كۈچىنى يوقىتىپ، شيا سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇ، تارىختا» شاۋكاڭنىڭ دۆلەتنى قايتا گۈللەندۈرۈشى «دەپ ئاتالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، شيا سۇلالىسى ئوتتۇرا مەزگىلگە قەدەم قويدى.

شيا سۇلالىسىشيا سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق زېمىن دائىرىسى ھازىرقى خېنەننىڭ غەربىي قىسمىنى مەركەز قىلغان ھالدا، غەربتە سەنشىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ شەرقتە ھازىرقى خېنەن، خېبېي، شەندۇڭ ئۈچ ئۆلكىنىڭ چېگرىلىنىدىغان جايىغىچە كېڭەيگەن، جەنۇبتا خۇبېيغا، شىمالدا خېبېيغا تۇتاشقان. ئۇنىڭ كۈچى ۋە تەسىرى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىن چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا قەدەر يەتكەن.

شيا سۇلالىسىشيا سۇلالىسى جەمئىيىتى ئاللىبۇرۇنلا قۇللار ۋە قولدارلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قارىمۇقارشى سىنىپقا بۆلۈنگەنىدى. ئەسلىدىكى ئۇرۇق، قەبىلىلەرنىڭ سەردارلىرى ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرىگە ئايلاندى، ئۇلارنىڭ مەلۇم ساندا ئەر-ئايال قۇللىرى بولاتتى، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە سېلىنىدىغانلىرى» ئاۋام «، ئۆي ئىشىغا سېلىنىدىغانلىرى» چاكار «، » دېدەك «دەپ ئاتىلاتتى. قۇللارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئىدى، شيا ئۇرۇقىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرمۇ قۇلغا ئايلىنىپ قالاتتى. » ئاددىي كىشلەر «ئەركىنلىككە ئىگە پۇقرالار ئىدى. شيا سۇلالىسى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، ئايماقدار، چوپاندار، تائام بېگى، ھارۋىدار قاتارلىق ئەمەللەرنى تەسىس قىلىپ، تۈرلۈك» پۇقراۋى ئىشلار «نى باشقۇردى. يەنە قوشۇن تەشكىللەپ جازا قانۇنلىرىنى بېكىتىپ، تۈرمىلەرنى ياساتقانىدى.

شيا سۇلالىسىشيا سۇلالىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا گەرچە يەنىلا تاش قوراللار ئاساس قىلىنسىمۇ، بىراق دېھقانچىلىقى تەرەققىي قىلغانىدى. شيا سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھاراق-شاراب ئىچىشكە ھېرىسمەنلىكى دانلىق زىرائەت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خېلى زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. برونزا(تۇچ) قۇيۇشمۇ بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە ئىدى. دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا، شيا سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلمىي نۇجۇم(ئاسترونومىيە) ، تەقۋىمچىلىك(كالېندارچىلىق) بىلىملىرىمۇ خېلى يۈكسەلگەنىدى.

جيې − شيا سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى، شۇنداقلا تارىختا نامى پۇر كەتكەن زوراۋان پادىشاھ ئىدى. ئۇ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرقايسى بەگلىكلەرگە ئۈزلۈكسىز قوراللىق تەھدىت سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ بەگلىكلەرنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولدى. دەل شۇ چاغدا، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا ياشايدىغان شاڭ قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى شاڭ تاڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ لەشكەر تارتىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىڭتياۋ(ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى فېڭچيۇنىڭ شەرقى) دا شيا جيېنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، شيا سۇلالىسى مۇنقەرز بولۇپ، شاڭ سۇلالىسى قۇرۇلدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/23706.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#