ئاقساراي يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئاقساراي يېزىسى (بۈگۈر ناھىيەسى)
  2. ئاقساراي يېزىسى (قاراقاش ناھىيەسى)
بۈگۈر ناھىيەسى

ئاقساراي يېزىسى

ئاقساراي يېزىسى

ئاقساراي يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۈگۈر ناھىيەسى گە قاراشلىق يېزا، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 650 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاقساراي يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 650 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿克萨来乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بۈگۈر ناھىيەسى
نوپۇسى 4000 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاقساراي يېزىسىئاقساراي يېزىسى بۈگۈر ناھىيەسى گە قاراشلىق يېزا. 1958-يىلى ئاقبۇلاق گۇڭشېسى بۇلۇپ قۇرۇلغان. 1984-يىلى ئاقبۇلاق يېزىسى بۇلۇپ تەسىس قىلىنغان،  1988-يىلى تارلاق يېزىسى ۋە ئاقساراي يېزىسىغا ئايرىلغان. 

ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى توققۇز كىلومېتىر، كۆلىمى 211.8 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 4000، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %99.4 نى ئىگىلەيدۇ. قاراشلىق سۆگەت كەنتى، ئاقساراي كەنتى، ئۆتەڭ كەنتى، ئاقساراي چارۋىچىلىق كەنتىدىن ئىبارەت تۆت كەنت كومىتېتى بار. تەۋەلىگىدە بۇلاق سۇلىرى كۆپ، سۇ بايلىقى مول. ئىقتىسادى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك قوشۇمچە قىلىنىدۇ. 

ئاقساراي يېزىسىئاقساراي يېزىسى تاغلارنىڭ ئالدىدىكى كەلكۈن چۆكۈندى-تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان، شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس بولۇپ، يانتۇلۇقى چوڭ. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1017 مېتىر. ئاقساراي يېزىسى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي، بۈگۈر بازىرىنىڭ شىمالىغا 9 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە يېڭىسار بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى چۇمپاق بازىرى بىلەن دەريانىڭ ئىككى يېقىدا قارىشىپ تۇرىدۇ، جەنۇبتا بۈگۈر بازىرى، شىمالدا تارلاق يېزىسىغا تۇتىشىدۇ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 20 كىلومېتىر، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 650 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئاقساراي يېزىسىئاقساراي يېزىسىغا قاراشلىق ئۈچ يېزا ئىگىلىك كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە بىر يېزا باشقۇرۇشىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى، بىر چارۋىچىلىق مەيدانى، جەمئىي 18 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 2012-يىلى يېزا بويىچە ئومۇمىي ئاھالە سانى 1779، 6247 كىشى، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق ئۈچ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 5592 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %89 نى، خەنزۇ 634 نەپەر، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10 نى ئىگىلەيدۇ، خۇيزۇلار 18 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %1 نى ئىگىلەيدۇ. 

ئاقساراي يېزىسىئاقساراي يېزىسىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 14 مىڭ 600 مو، باغ كۆلىمى 7450 مو، 2011-يىلى يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 6266.08 تۈمەن يۈەن، چارۋىچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8696 يۈەن بولغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#