لۇەن جۈيجيې

لۇەن جۈيجيې

لۇەن جۈيجيې جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا ئاسىيانىڭ قىلىچۋازلىقتىكى تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى. ئۇ 1958-يىلى جياڭسۇنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە بىر ئادەتتىكى ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا ئوغۇللاردەك دومىلاپ، پومىداقلىشىپ ئويناشقا ئامراق ئىدى، شۇڭا قەيسەرلىك خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لۇەن جۈيجيې
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى نەنجىڭ شەھىرى
كەسپى قىلىچۋازلىق
خەنزۇچە ئىسمى 栾菊杰
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1958-يىلى
تەنھەرىكەت تۈرى ئاياللار قىلىچۋازلىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لۇەن جۈيجيېلۇەن جۈيجيې جۇڭگو نىڭ، شۇنداقلا ئاسىيا نىڭ قىلىچۋازلىقتىكى تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى. ئۇ 1958-يىلى جياڭسۇنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە بىر ئادەتتىكى ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا ئوغۇللاردەك دومىلاپ، پومىداقلىشىپ ئويناشقا ئامراق ئىدى، شۇڭا قەيسەرلىك خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن. 14 يېشىدا ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا ۋە پەي توپ مەشقىگە قاتناشقان. قەدىمى چەبدەس، كاللىسى سەگەك بولغاچقا، قىلىچۋازلىق ترېنېرىنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشكەن. ئىككىنچى يىلى قىلىچۋازلىق كوماندىسىغا كىرگەن. 

قىلىچۋازلىقنى قاتتىق مەشىق قىلىش ئۈچۈن، لۇەن جۈيجيې يۇقىرى ھەرىكەت مىقدارىلىق مەشىقنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، كۈن بويى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ، بەل-پۇتلىرى سىرقىراپ ئاغرىپ كەتسىمۇ «ئوۋبولاڭ» دەپ توۋلاپ(قىلىچۋازلارنىڭ قىلىچ سانجىش ۋاقتىدىكى توۋلاش ئادىتى) ئاۋازلىرى پۈتۈپ كېتەتتى. قارشى تەرەپ سانجىغان قىلىچ يارىسىدىن ئاپئاق بەدىنىنى كۆك داغلار قاپلاپ كەتكەنىدى. 

بەش يىل جاپالىق چېنىقىش ئارقىسىدا، لۇەن جۈيجيې تەدرىجىي ھالدا بىر يۈرۈش قەدىمىي قىلىچۋازلىق ئېقىمىغا ماسلاشقان، كۆركەم قىياپەت، ئىنچىكە ماھارەتنى ۋە ھازىرقى زامان قىلىچۋازلىقىدىكى چاقماقتەك ھۇجۇم قىلىش تېخنىكىسى ۋە تاكتىكىسىنى يېتىلدۈرۈپ چىققان. ئۇ مەردانە قەدەملەر بىلەن دۇنيا قىلىچۋازلىق سەھنىسىگە چىقىشقا باشلىغان.

 1979-يىلى ئىسپانىيە دە ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار قىلىچۋازلىق لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 20 ياشلىق لۇەن چۈيجى سول بىلىكى قىلىچتىن زەخىملەنگەن ئەھۋالدا، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ئاخىر ئاياللارنىڭ يەڭگىل قىلىچ مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولغان، 1981-يىلى دۇنيا قىلىچۋازلىق لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە يەنە بىر نۆۋەت ئىككىنچى بولغان. 1984-يىلى 23-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننىڭ، ئاياللار يەڭگىل قىلىچ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ، قىلىچۋازلىقتا دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئاسىيا ماھىرى بولۇپ قالغان. كىشىلەر ئۇنىڭغا «جاھاندىكى بىرىنچى قىلىچۋاز» دەپ نام بەرگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#