كېرىمجان داۋۇت

كېرىمجان داۋۇت

كېرىمجان داۋۇت 1980-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى پەيزىۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسى دا دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كېرىمجان داۋۇت
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1980-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ شەھەر قۇرۇلۇش مەكتىپى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى پەيزىۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسى
كەسپى ساخاۋەتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېرىمجان داۋۇت 1980-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى پەيزىۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسى دا دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە پەيزىۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسى دا باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇغان. 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە پەيزىۋات ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇغان. 1998-يىلى 9-ئايدىن 2001–يىلى7-ئايغىچە شىنجاڭ شەھەر قۇرۇلۇش مەكتىۋىنىڭ شەھەر بازار قۇرۇلۇشىنى لاھىيلەش كەسپىدە ئۇقۇغان. ئوقۇش جەريانىدا كۆپ قېتىم «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، «ئىلغار سىنىپ كادىرى»، «ئىلغار ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشما كادىرى» بۇلۇپ باھالانغان. ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ 1-قارارلىق ئۇقۇتقۇچى تۇلۇقلاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، 2004-يىلى 3-ئايدا پەيزىۋات ناھىيە خۇشئاۋات يېزىسىغا ئۇقۇتقۇچلىق خىزمىتىگە تەقسىم قىلىنغان. خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ، باشتىن ئاخىرى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ، مەركىزى رادىئو-تېلىۋىزىيە ئۇنۋىرىستىتىنىڭ مەخسۇش كۇرىس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ تۇلۇق كۇرۇس ئۇقۇش تارىخى گۋاھنامىسىغا ئېرشكەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل ياشلىق باھارىنى، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بېغىشلىغان. 

كېرىمجان مەكتەپتە ئاساسلىق تايانچ ئۇقۇتقۇچى بولۇپلا قالماي يەنە بىر مۇنەۋۋەر پىدائي. 2014-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ، خىزمەت سىجىللىقى، خىزمەت رېتىمى شۇنداق يۇقرى تۇرسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، خىزمەتتىن سىرىت  پىدائىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، باشتىن ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئاۋانگارىتلىق، نەمۇنلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پەيزىۋات ناھىيەسى دىكى يىتم-يىسىر، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئۇقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ يارىدەم بىرىش مەقسىتىدە، 2014-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ كۆپ قېتىم ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ، شۇنداقلا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى ئىگەللەپ نۇرغۇن قېتىم  ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، پەيزىۋات ناھىيەسى دىكى ئاۋانگارىت پىدائىغا ئايلانغان. ھەم ئىللقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

يەنى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا، توغراق خەيرى-ساخاۋەت جەمىيىتى تارقاتقان ياش-ئۈسمۈرلەر ئۇقۇش يارىدەم پۇلى (باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقاندىن تارتىپ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ھەر يىلى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ھەر بىر ئۇقۇغۇچى 950 يۈەن ئۇقۇش يارىدەم پۇلىدىن بەھرىمان بولىدىغان) تۈرى ئىلتىماس قىلىش خەۋىرىنى كۆرگەندىن كىيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەترەت بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، بەش نەپەر ئۇقۇغۇچىنىڭ ماتېريالىنى ۋاقتىدا ئەستايىدىللىق بىلەن يوللاپ، بۇ ئۇقۇغۇچىلارغا بۇ تۈرنى ئەمەلىلەشتۈرگەن. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆزلۈكسىز ئالاقىنى كۇچەيتىپ، يەنە 15 نەپەر ئۇقۇغۇچىغا سان ھەل قىلىغان. بۇنىڭدىن باشقا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ۋېيپىنخۈي 365 مېھرىبانلىق فوندى پەيزىۋات ناھىيەسى خۇشئاۋات يېزىسى مەركىزى مەكتەپكە 412 مىڭ يۈەن يارىدەم قىلىپ قايتىپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۇچايتىپ، خۇشئاۋات يېزا مەركىزى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان 560 نەپەر ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۈمىت ئارزۇسىنى (پەلەي، ئاياغ، ئىشتان، ۋالىبۇل، ۋاسكىتبول، پەي توپ، ئۇقۇش قۇراللىرى قاتارلىق) ئىگەللەپ، ئۇنى باش فوندىغا ئەۋەتكەن.

پات ئارىدا تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تەڭرىتاغ قار لەيلىسى پىدائىلار ئەترىتى قانات يايدۇرغان «تۇتاش قەلىبلەر» ئىلتىماس قىلىش تۈرى (ھەر بىر ئۇقۇغۇچى بىر تالدىن شىنخۇا لۇغىتىدىن بەھرىمان بۇلۇش) گە پەيزىۋات ناھىيەسى خۇشئاۋات يېزىسىدىن ئاقئۆستەڭ، مەركىزى مەكتەپ قاتارلىق ئىككى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان 1000 نەپەر ئۇقۇغۇچىنىڭ ماتىريالىنى يوللاپ، بۇ تۈرمۇ ئۇڭۇشلۇق تەستىقلانغان.

2014-يىلى تەڭرىتاغ قار لەيلىسى پىدائىلار ئەترىتى بىر يۈەن فوندى تەمىنلىگەن چاپان، پايپاق، ئاياغ، پەلەي، سومكا، پوسما، شارپا،  ئۇقۇش قۇراللىرى ۋە بىر دانە قونچاقتىن تەشكىل تاپقان ئىللىقلىق سومكىسى تارقىتىش پائالىيىتى، قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەۋاتقانلىق خەۋىرىنى كۆرگەندە، ئەترەتتىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، شەرەپ بىلەن بۇ ئەترەتنىڭ ئەزالىقىغا كىردى ھەم بۇ پىدائىلار ئەترىتىنىڭ پەيزىۋاتتىكى ھەمكارلاشقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى يېزا بازارلاردىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن 50 نەپەر ئۇقۇغۇچىنى بىكىتىپ، ئەترەتنىڭ باش مەسئۇللىرىنىمۇ تەكلىپ قىلىپ،تارقىتىش پائالىيىتىنى باشتىن ئاخىرى ئۆزى پىلانلاپ، بۇ ئۇقۇغۇچىلارنى بىر يۈەن فوندىنىڭ ئىللىقلىق سومكىسىدىن بەھرىمان قىلغان. ھەم بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، يەنە بىرقىسىم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، يەنە 15 سان ھەل قىلىپ، بۇ 2-قارارلىق بىر يۈەن فوندى ئىللىقلىق سومكىلىرىنىمۇ پەيزىۋات ناھىيەسى دىكى ئائىلىىسىدە قىيىنچىلىقى بار 15 نەپەر ئۇقۇغۇچىنىڭ قۇلىغا ئۆز قۇلى بىلەن تارقىتىپ،ئۇلارغا جەمىيەتنىڭ ئىللقلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدۇرغان.

كېرىمجان ھازىر تەڭرىتاغ قار لەيلىسى پىدائىلار ئەترىتىنىڭ پەيزىۋاتتىكى باش ھەمكارلاشقۇچىسى ئاۋانگارىت پىدائسى بۇلۇش سالاھىيىتى بىلەن. يېزا مەكتەپ پىدائىلار ئەترىتى، شىنجاڭ ئون يۈەن مىھرىبانلىق فوندى، توغراق خەيرى-ساخاۋەت جەمىئيىتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك 365 مىھرىبانلىق فوندى ۋە پەيزىۋات ناھىيەلىك ياش پىدائىلار پاراۋانلىق جەمىيىتى قاتارلىق خەيرى ساخاۋەت ئەترەتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە. 

كېرىمجان 2007-يىلى يېزىلىق پارتىكوم، خەلىق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئىلغار كومپارتىيە ئەزاسى»، 2008-يىلى 3-ئايدا «ئىككى ئاساسەن خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس»، 2008-يىلى 4-ئايدا ناھىيەلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرپىدىن «ئىشچىلار ئۇيۇشما خىزمىتىدىكى ياش ئاكتىپ»، 2008-يىلى 9-ئايدا يېزىلىق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئىلغار ئۇقۇتقۇچى»، 2009-يىلى 4-ئايدا پەيزىۋات ناھيەلىك ئىتتىپاق كومتىتى تەرىپىدىن «2008-يىللىق ئىلغار ئىتتىپاق كادىرى»، 2009-يىلى يېزىلىق پارتىكۇم، خەلىق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئىككى ئاساسەن خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس»، 2010 -يىلى «يىللىق خىزمەتتىكى ئىلغار شەخس»، 2011 -يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن «2011-يىللىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستىمېسى خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس»، 2012-يىلى ناھيىلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرپىدىن «ئىلغار ئۇقۇتقۇچى»، 2014-يىلى ناھىيەلىك باش ئىچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن «ئۈچتە ياخشى خىزمەتچى» بۇلۇپ باھالانغان. ئۇندىن باشقا ئۇ يازغان «باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسىلىكىدىكى ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا بولغان كۆز قاراش» ناملىق ماقالە جۇڭگو خەلىقئارا مائارىپ جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو ئۇقۇتقۇچىلار توپلىمى ژۇرنىلىدا، «باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئۇقۇتۇشىدا ھىس قىلغانلىرىم» ناملىق ماقالە جۇڭگو مائارىپ ئىلىمى جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ھازىرقى زامان ئۇقۇتقۇچىلىق تەتقىقاتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلنغان. «ئۇقۇغۇچىلىرىمىنىڭ خۇشاللىقى مىنىڭ بەختىم» ناملىق ماقالىسى شىنجاڭ ئىقتىسات گىزىتىنىڭ 2015-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى بەخىتىلىك مىنۇتلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىڭ ناملىق سەھپىسىگە مۇكاپاتلىق ئەسەر قاتارىدا تاللىنىپ ئېلان قىلىنغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#