ئۈچ خىل شەكىلدىكى كارخانىلار

ئۈچ خىل شەكىلدىكى كارخانىلار جۇڭگو بىلەن چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا، جۇڭگو بىلەن چەت ئەل ھەمكارلاشقان كارخانا ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ شېرىكسىز كارخانىسىنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى .

ئۇيغۇرچە نامى ئۈچ خىل شەكىلدىكى كارخانىلار
خەنزۇچە نامى 三资企业

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈچ خىل شەكىلدىكى كارخانىلار جۇڭگو بىلەن چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا، جۇڭگو بىلەن چەت ئەل ھەمكارلاشقان كارخانا ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ شېرىكسىز كارخانىسىنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشىدىكى ئاساسىي شەكلى. ئۇ جۇڭگو مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش ئاساسىدا  مەلۇم تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ، بىر ياكى بىردىن ئارتۇق چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ بىلەن جۇڭگونىڭ مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ ئورتاق تىجارەت قىلىدىغان ياكى ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان ، مۇستەقىل ھىساپلاش، پايدا - زىيانغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى يولغا قويىدىغان  ئىقتىسادىي گەۋدە . 

جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا

جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق شېرىك بىلەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان پاي ھوقۇقى شەكلىدىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بولۇپ، ئۇ مۇستەقىل قانۇنىي ئىگىدۇر. باشقۇرۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ سالغان مەبلەغ سوممىسىغا ئاساسەن، كارخانىنىڭ قەرز ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە پايدىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، خېيىمخەتەر ۋە زىياننى بىللە ئۈستىگە ئالىدۇ. 

جۇڭگو بىلەن چەت ئەل ھەمكارلاشقان كارخانا

 جۇڭگو بىلەن چەت ئەل ھەمكارلاشقان كارخانا توختام شەكلىدىكى ھەمكارلىق كارخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قانۇنىي ئورنى ۋە تەشكىلىي شەكلى جەھەتتە جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ، بىراق كونكرېت ئۇسۇل جەھەتتە ئوخشىمايدۇ. بەرپا قىلىنغان چاغدا، جۇڭگو تەرەپ ئادەتتە پەقەت يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مەبلەغ قىلىپ ساتىدۇ، چەت ئەل تەرەپ بۇيۇم ياكى نەق پۇلنى مەبلەغ قىلىدۇ؛ پۇل ھېساباتى ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپنىڭ پاي ھوقۇقىنىڭ نىسبىتى بېكىتىلمەيدۇ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى ۋە پايدىنى بۆلۈشۈش سوممىسى قاتارلىقلاردا ھەرقايسى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بىرلىك ھاسىل قىلغاندىن كېيىن توختام تۈزىدۇ. كارخانىنىڭ پايدىسى توختامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا تەقسىم قىلىنىدۇ، زىياننى ئادەتتە چەت ئەل تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ ئۇنىڭ سالغان مەبلىغىنىڭ سوممىسى بىلەن چەكلىنىدۇ؛ توختام مەزگىلى توشقان ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلىنغاندىن كېيىنكى مال-مۈلۈك جۇڭگو تەرەپكە ھەقسىز تەۋە بولىدۇ.

چەت ئەل سودىگىرىنىڭ شېرىكسىز كارخانىسى

چەت ئەل سودىگىرىنىڭ شېرىكسىز كارخانىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا ئاساسەن، جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان، بارلىق كاپىتالى چەت ئەللىك سودىگەرلەر تەرىپىدىن سېلىنغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: يەردىن باشقا، كارخانىغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ ھەممىسى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلار پايغا قاتناشمايدۇ؛ مۇستەقىل ئىگىلىك باشقۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئىگىلىك باشقۇرۇشقا قاتناشمايدۇ؛ پايدا-زىيىنىغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ، جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك باج بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن باج تاپشۇرغاندىن باشقا، كىرىم پۈتۈنلەي چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىگىدارلىقى ۋە ئىدارە قىلىشىدا بولىدۇ. 

ئۈچ خىل شەكىلدىكى كارخانىلارنى راۋاجلاندۇرۇش سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ كونكرېت شەكلى، ئۇ مەبلەغ، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى كىرگۈزۈش، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#