پاختەك
پاختەك قۇشلار سىنىپىدىكى كەپتەرسىمانلار ئەترىتىدىكى قۇشلار مەركىزىي نۇقتىسىدىكى كەپتەر تۈرىگە تەۋە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پاختەك ئۇرۇقدىشى قۇشلار سىنىپىدىكى كەپتەرسىمانلار ئەترىتىدىكى قۇشلار مەركىزىي نۇقتىسىدىكى كەپتەر تۈرىگە تەۋە. ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن ئادەتتە ئۆي كەپتىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەركەك قۇش بىلەن چىشى قۇشنىڭ پەي رەڭگى ئاساسەن ئوخشاش. پاختەك ۋە كەپتەر تۈرىدىكىلەر كۆپ قىسمى دەرەخ ئۈستىدە ياشايدۇ، ئاز ساندىكىسى يەر يۈزىدىكى ياكى قىيا تاشلار ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇچۇشقا ماھىر بولۇپ، كۆچۈش خاراكتېرى كۈچلۈك. دائىم توپلىشىپ ياشايدۇ، ئاساسلىقى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى، ھەقىقىي مېۋە، ئۈندۈرمە، يوپۇرماق قاتارلىقلارنى يەيدۇ، شۇنداقلا قۇرت-قوڭغۇز ۋە كىچىك تىپتىكى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىمۇ ئىستېمال قىلىدۇ، دۇنيادىكى ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان.
پاختەك تاشلىق تاغ ۋە سەھرالاردا ياشايدۇ. تاشلىق يېرىقلار، تىك يار ياكى دەرەخلەرگە ئۇۋا ياسايدۇ. يېمەكلىكى بولسا ئوت-چۆپ ئۇرۇقى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇرۇقلىرى ۋە ئۆسۈملۈك مېۋىسى قاتارلىقلار. يەر شارىدىكى ئىككى قۇتۇپتىن باشلاپ باشقا جايلارغا تارقالغان. 42 ئۇرۇقدىشى، 305 تۈر بار، دۆلىتىمىزدە 8 ئۇرۇقدىشى 31 تۈرى بار.
پاختەك ۋە كەپتەر ئائىلىسى ئاساسلىق ئەزالىرى تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا، مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغ رايونلاردا ياشايدىغان پەي رەڭگى ئوچۇق دانخور قۇش. پاختەك ۋە كەپتەر ئائىلىسىدىكى قۇش كېيىن يېتىـلىدىغـان بولۇپ، ئانا قۇش بالا بېقىش جەريانىدا كەپتەر سۈتى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ قۇش تۈرىدىكى ئالاھىدە بىر ھادىسە. پاختەك ۋە كەپتەر ئائىلىسىدىكى قۇشلار ھەممە جايغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئىككى قۇتۇپنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا ھەممىسى دېگۈدەك كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىلىرى چوڭ ئوكياندىكى قاقاس ئارالدا ياشايدۇ، مەسىلەن نىكوبار پاختىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئاراللىرىغا جايلاشقان.
پاختەك ئائىلىسىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، جەمئىي 42 ئۇرۇقدىشى 305 تۈرى بار، دۆلىتىمىزدە 8 ئۇرۇقدىشى 31 تۈرى بار.
بەش كەنجى ئائىلىسى دەپ ئايرىلىدۇ : پاختەك ۋە كەپتەر كەنجى ئائىلىسى ، چىشلىق تۇمشۇقلۇقلار پاختىكى كەنجى ئائىلىسى ، پۆپۈچەكلىك تۇرۇلغا كەنجى ئائىلىسى، تورۇلغىدا كەنجى ئائىلىسى، مېۋە پاختىكى كەنجى ئائىلىسى
پاختەك ۋە كەپتەر كەنجى ئائىلىسى قاتارلىق 29 ئۇرۇقدىشى، 178 تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۇنيا قۇشچىلىق ئالىملىرى بىرلەشمىسى 2016-يىللىق ئەڭ يېڭى نەشىردىن چىققان دۇنيادىكى قۇشلارنىڭ تۈرلىرى 6.2 نەشرىدە، ھازىر پاختەك ۋە كەپتەر ئائىلىسىنىڭ يەر شارى بويىچە جەمئىي 42 ئۇرۇقدىشى 305 تۈرى بار دەپ يېزىلغان.
نەچچە مىڭ يىللىق كىشىلەر ياۋايى كەپتىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئۆي كەپتىرى نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق 1500 دىن ئارتۇق ئۆي كەپتىرى سورتى بارلىققا كەلگەن.
ئۆي كەپتىرىنى ئاساسەن يېمەكلىك كەپتەر، ئەرمەك كەپتەر، پوچتا كەپتىرى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
پاختەك، ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقالغان. ھازىر شەھەر ئىچىدە پاختەك ئاز ئۇچىرايدۇ، كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن شەھەر رايونلىرىدا بار.
ئېلىمىزنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرىدىن : چىپار بويۇن پاختەك، تاغ پاختىكى، سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرگەن ئاق پاختەك قاتارلىقلار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.