ئارۇبا ئارىلى

ئارۇبا ئارىلى

ئارۇبا ئارىلى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى كارايىپ دېڭىزىغا جايلاشقان ئارال. مەيدانى 179 كۋادرات كىلومېتر، ئۇزۇنلۇقى 31 كىلومېتر، كەڭلىكى 8 كىلومېتر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئارۇبا ئارىلى
تەۋە قىتئە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى
خەنزۇچە نامى 阿鲁巴

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى كارايىپ دېڭىزىغا جايلاشقان ئارال. مەيدانى 179 كۋادرات كىلومېتر، ئۇزۇنلۇقى 31 كىلومېتر، كەڭلىكى 8 كىلومېتر كېلىدۇ. ئارۇبا بىلەن ۋېنسېۇئېلانىڭ ئارىلىقى 28 كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 270 مىڭدىن ئاشىدۇ(1982) . كيوراسو ئارىلىدا قارا ۋە ئاق تەنلىكلەردىن بولغان كىلئور خەلقلىرى، ئارۇبا ئارىلىدا ھىندى—ياۋروپا ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكى خەلقىلەر ئولتۇراقلاشقان. ئارۇبا 1499-يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1624-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئارۇبا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنى قوراللىق ئىگىلەپ ئىسپانىيىنىڭ ئورنىنى باسقان. 1807-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ جاينى گوللاندىيىنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان. 1814-يىلى قايتىدىن گوللاندىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن. شۇ يىلى گوللاندىيە ئارۇبا، كيوراسو، بۇنېر، سېن—مارتېن، سابا قاتارلىق ئاراللارنى بىرلەشتۈرۈپ گوللاندىيىگە قاراشلىق ئانتىل ئاراللىرى قۇرۇپ چىققان. ئارۇبا خەلقلىرى گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن، 1954-يىلى گوللاندىيە ئارۇباغا ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1983-يىلى گائاگادا ئېچىلغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ روھى بويىچە گوللاندىيە 1986-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئارۇبانىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلغان. 

ئارۇبا غەربىي ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىلار ئارىلىقىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، قاتناش ۋە ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ياۋروپادىن پاناما قانىلى ئارقىلىق ئۆتىدىغان پاراخوتلارنىڭ كۆپى ئارۇبا ئارىلىدا توختاپ ئۆتىدۇ. شۇڭا بۇ جايدىكى پورتتىن بولىدىغان كىرىمى پۈتۈن ئارالدىكى ئومۇمىي كىرىمدە ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئارۇبانىڭ ئىقتىسادىدا 1929-يىلى ئاق ش تەرىپىدىن قۇرۇلغان غايەت زور تىپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بىلەن گوللاندىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ناھايىتى مۇھىم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، بۇ زاۋۇتلار كۈنىگە 400 مىڭ تۇڭ نېفىتنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. نېفىت سانائىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ. بۇ زاۋۇتقا ماسلاشقان ھالدا قۇرۇلغان ھەرخىل مۇلازىمەت ئورۇنلىرى، ئېلېكتر ئىستانىسى، سېسىق سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، تۇزلۇق سۇنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش زاۋۇتى قاتارلىقلار ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

ئارۇبا ئارىلىنىڭ ھاۋا كېلىماتى ئارۇبانىڭ ھاۋاسى يېقىملىق بولۇپ، يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃26 كېلىدۇ. ھەر يىلنىڭ 10-, 12-ئايلىرىدا ھۆل-يېغىن كۆپرەك بولۇشتىن سىرت، قالغان ۋاقىتلىرىدا ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولىدۇ.

ئارۇبا ئارىلى يىلغا بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ. ھازىر ئارۇبا خەلقلىرى ئۆزىنىڭ تەبىئىي جەھەتتىكى پايدىلىق شەرت-شارائىتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تىرىشماقتا.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئارۇبا ئارىلى 

http://baike.baidu.com/view/37968.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#