كاپېتوۋن
كاپېتوۋن جەنۇبىي ئافرىقا(ئازانىيە) نىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ شەھەر. مۇھىم پورتى، كاپېتوۋن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كاپېتوۋن جەنۇبىي ئافرىقا (ئازانىيە) نىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ شەھەر. مۇھىم پورتى، كاپېتوۋن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ جايدا جەنۇبىي ئافرىقا ئاق تەنلىك ئىرىقچىلارنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى بار، شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 476 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980) ، كاپېتۋون 1652-يىلى قۇرۇلغان، ئۇ غەرب مۇستەملىكچىلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسىم ئافرىقىدا ئەڭ دەسلەپ قۇرغان مۇستەملىكىچىلىك پونكىتى. گوللاندىيە ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىچكى قىسىملارغا كېڭىيىشتە بۇ جاينى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بازىسى قىلغان.
كاپېتۋون شەھىرى ئاتلانتىك ئوكيانغا يۈزلەنگەن تابىل قولتۇق بويىغا جايلاشقان، ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم پورتلىرىدىن بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 40 تىن ئوشۇق چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ، شەھەردە خەلقئارا ئايرودرومى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، موزېيلار، گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى، ئۆسۈملۈك باغچىلىرى بار. بۇ جاينىڭ قاتناش ۋە ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتىن ياۋروپاغا ماڭغان غايەت زور تىپتىكى نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ جاينى بېسىپ ئۆتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.