بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق

بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق

بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق 28 ھەپتىلىكتىن چوڭ 37 ھەپتىلىكتىن كىچىك (196 ~ 925 كۈن) تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق
خەنزۇچە نامى 早产婴儿

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقبالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق 28 ھەپتىلىكتىن چوڭ 37 ھەپتىلىكتىن كىچىك (196 ~ 925 كۈن) تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 37-ھەپتىدە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشى، ئاي-كۈنى تولغان بوۋاقلارغا يېقىنلاشقاچقا ئۆتكۈنچى ئاي كۈنى تولغان بوۋاق دېيىلىدۇ.

بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقبالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن، بويى  پاكار، بەدىنى ئاجىز، يىغا ئاۋازى پەس؛ تېرىسى قىزىل، يۇمشاق، چېچى ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم كۆپ، قۇلاق سۇپۇرىسى يۇمشاق، پۇت-قولنىڭ كېرىلىش كۈچى تۆۋەن، ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ھالقىسىمان قارا داغ ئېنىق ئەمەس، پۇت سىزىقچىلىرى ئاز بولىدۇ، نەپەسلىنىشى تەرتىپسىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىردەم-بىردەم نەپىسى توختاپ قالىدۇ؛ يۇتۇش رېفلېكىسى ئاجىز، ئاسان سۈتتىن قېقىلىپ كېتىدۇ؛ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى كەمچىل، تېرە ئاستىدا ماي ئاز، ئاسان ئىسسىقلىق قويۇۋېتىدۇ؛ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز، ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؛ ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئۇرۇقدىنى چۈشمىگەن ياكى تولۇق چۈشمىگەن، قىز بوۋاقلارنىڭ چوڭ جىنسىي لېۋى كىچىك جىنسىي لەۋنى ياپالمايدۇ.

بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقئادەتتىكى ئەھۋالدا، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكرەك بولىدۇ. ئاشۇ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولغان بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، تۇغۇلغاندا ئانا تېنىدىن قوبۇل قىلىدىغان «بايلىق» سەل ئاز، بولۇپمۇ تۆمۈرنىڭ ساقلىنىش مىقدارى تېخىمۇ ئاز.  شۇڭا بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار ئالاھىدە كۈتۈشكە، دوختۇرخانىدا كۆزىتىشكە موھتاج. 

بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقتۇغۇلۇپ تۆت ئاي ئىچىدە، بوۋاقنىڭ تۆمۈرگە بولغان سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ناچارراق، گەرچە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلىغان ھالەتتىمۇ بەدەندىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى يەنىلا ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. شۇڭا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرگەندە، تۆمۈرنىڭ تولۇقلىنىشىغا بەكرەك دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋاملىق تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاش زۆرۈر. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىزراق بولغانلىقتىن، يەنە ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم تاماق بېرىشكە دىققەت قىلىش، بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسى قانچە ياخشى بولۇشىدىن قەتىئىينەزەر، ھەرگىزمۇ بوۋاققا بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ نەرسە بەرمەسلىك، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئالتە ئايلىقتىن ئاشقاندا، بوۋاقنىڭ تۆمۈرگە بولغان سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تۆمۈر تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يەنى كىچىك راكلار، قۇرۇتۇلغان سۆسۈن يېسىۋىلەك قاتارلىقلارنى تاللاش، ئۇلارنى ئۇماچقا سېلىپ يۇمشاق پىشۇرغاندىن كېيىن بوۋاققا بېرىش. بۇ يېمەكلىكلەرنى بوۋاقلارغا بىر ياش ئەتراپىغىچە بېرىشكە بولىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#