سانلىق مەلۇمات ئامبىرى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا ساندان (DataBase) بولسا مەلۇمات قۇرۇلمىسى ئارقىلىق تەشكىللىنىدىغان، ساقلىنىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان سانلىق ئامبارغا ئوخشايدۇ، يەنى ئاشلىق ئامبىرىغا ئوخشايدۇ. ساندان بۇندىن 60 يىللار ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە بازارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن كېيىن مەلۇمات باشقۇرۇش پەقەتلا ساقلاش ۋە باشقۇرۇشتىلا ئىشلىتىلمەستىن، بەلكى ئىشلەتكۈچىلەر ئېھتىياجىلىق بولغان ھەرخىل مەلۇمات باشقۇرۇش شەكلىگە ئايلىنىشقا باشلىدى. سانداننىڭ تۈرلىرىمۇ ھەم كۆپخىل بولۇپ، ئەڭ ئاددىي ھەرخىل مەلۇماتلار ساقلانغان جەدىۋەلنى ناھايىتى كۆپ مەلۇماتلارنى ساقلىيالايدىغان چوڭ تىپتىكى سان دان سىستېمىلىرى ھەر قايسى ساھەدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى. تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغاندا ساندان بولسا مەلۇمات باشقۇرۇشنىڭ يۇقىرى باسقۇچى، ئۇ ھۆججەت باشقۇرۇشتىن تەرەققىي قىلغان دېسەكمۇ بولىدۇ.
ئاساسىي قۇرۇلمىلىرى
سانداننىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئۈچ قەۋەتكە بۆلىنىدىغان بولۇپ، مەلۇماتنى كۆزىتىدىغان ئۈچ خىل ئوخشىمىغان نۇقتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
1. فىزىكىلىق مەلۇمات قەۋىتى
2. ئۇقۇم مەلۇمات قەۋىتى
3. لوگىكىلىق مەلۇمات قەۋىتى
1. قەۋەتسىمان(قاتلامسىمان) قۇرۇلمىلىق ساندان سىستېمىسى
Excel دا جەدىۋەل قۇرۇۋېلىپ Access ساندانىغا كىرگۈزىمىز، بۇنىڭدا مۇھىم نۇقتا ID(كىملىك) بولۇپ، سانداندا ھەربىر ئەزانى قايتىلانمايدىغان ID ئارقىلىق پەرقلەندۈرىمىز.
Excel دا جەدىۋەل قۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن مۇشۇ جەدىۋەلنى Access كىرگۈزىمىز، كىرگۈزۈپ بولۇپ قۇرۇق ساندان دېگەننى تاللايمىز، تاللىغاندىن كېيىن ئارا يۈز كۆرۈنىدۇ، Excel دىن جەدىۋەل كىرگۈزۈشنى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكدەك دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. چېكىت ئۇرۇلغان ۋە رامكىلانغان جايلارغا دىققەت قىلىمىز، كېينكى قەدەم نى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ، بۇ يەردە سىز ID ۋە باشقا بۆلەكلەرنىڭ مەلۇماتىنى بەلگىلەپ بېرىسىز، ID سان بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇنى پۈتۈن سان بولسۇن، دەپ ئېنىقلاپ بېرىمىز، باشقا بۆلەكلەر تېكىست بولغانلىقى ئۈچۈن تېكىست قىلىپ بەلگىلەندى. چېكىت ئۇرۇلغان ۋە رامكىلانغان جايلارغا دىققەت قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن جەدىۋەل ئەكىرىش ئاساسەن تاماملانغان بولىدۇ.
ئۇلاش ئىككى خىل بولۇپ بىرى بىۋاستە ئۇلاش، يەنە بىرى كود ئارقىلىق ئۇلاش
كود ئارقىلىق ئۇلاش
بايا قۇرغان Project ھۆججىتىدە Form1 غا DataGridViewer كونتىرولىدىن يەنە بىرنى ۋە Button دىن بىرنى ئەكىرىپ، كود تەھرىرلەش كۆزىنىكىنى ئاچقاندىن كېيىن System.Data.OleDb نام بوشلۇقىنى كىرگۈزۈش، بۇ كود ئۇلاشنىڭ كودى بولۇپ، كود دىكى مۇناسىۋەتلىك جايلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتسە بولىدۇ.[3]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
چاشقان تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.