ئامېرىكا

ئامېرىكا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قىسقارتىلىپ ئامېرىكا دەپ ئاتىلىدۇ، ئامېرىكا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ نامىنى دۆلەت نامى قىلىپ قوللانغان، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ نامى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قىسقارتىلما نامى ئىنگلىزچىدە ئوخشاشلا «America» دېيىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى
قىسقارتىلغان نامى ئامېرىكا
پايتەختى ۋاشىنگتون
نوپۇسى 302 مىليون
پۇلى ئامېرىكا دوللىرى
خەنزۇچە نامى 美国
قىتئە تەۋەلىكى شىمالىي ئامېرىكا
دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى
يەر مەيدانى 9 مىليون 629 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى The United States of America

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكائامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قىسقارتىلىپ ئامېرىكا دەپ ئاتىلىدۇ، ئامېرىكا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ نامىنى دۆلەت نامى قىلىپ قوللانغان، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ نامى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قىسقارتىلما نامى ئىنگلىزچىدە ئوخشاشلا «America» دېيىلىدۇ. 

شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، دۆلەت زېمىنى يەنە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالياسكا ۋە تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىمالدا كانادا بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبتا مېكسىكا ۋە مېكسىكا قولتۇقىغا، غەربتە تىنچ ئوكيانغا، شەرقتە ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىدۇ. يەر كۆلىمى 9 مىليون 629 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر (بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى 9 مىليون 158 مىڭ 960 كىۋادرات كىلومېتىر)، زېمىنىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 4500 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 2700 كىلومېتىر، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 22 مىڭ 680 كىلومېتىر. 

ئامېرىكائامرىكا قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە جەمئى 48 زۇڭتۇڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

جورجى ۋاشىنگتون

جورجى ۋاشىنگتون ـــ  1789-يىلىدىن 1797-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

جون ئادامس

جون ئادامس ـــ فېدېراتسىيە پارتىيەسىدىن، 1797-يىلىدىن 1800-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

توماس جېففېرسون

توماس جېففېرسون ـــ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1801-يىلىدىن 1808-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. دېموكراتلار پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان.

جامېس مادىسون

جامېس مادىسون ـــ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1809-يىلىدىن 1816-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. دېموكراتلار پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان.

جامېس مونرو

جامېس مونرو ـــ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1817-يىلىدىن 1824-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. دېموكراتلار پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان.

جون كيۇنكىي ئادامس

جون كيۇنكىي ئادامس ـــ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1825-يىلىدىن 1828-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. دېموكراتلار پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان، 2-زۇڭتۇڭ جون ئادامسنىڭ ئوغلى.

ئادرېۋ جېكسون

ئادرېۋ جېكسون ـــ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1829-يىلىدىن 1836-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

مارتىن ۋانبۇرېن

مارتىن ۋانبۇرېن ـــ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1837-يىلىدىن 1840-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

ۋىلليام ھاررىسون

ۋىلليام ھاررىسون ـــ ۋىگ پارتىيەسىدىن، 1841-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1841-يىلى 4-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ تايلېر زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان.

جون تايلېر

جون تايلېر ـــ ۋىگ پارتىيەسىدىن، 1841-يىلىدىن 1844-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

جامېس پولك

جامېس پولك ـــ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1845-يىلىدىن 1848-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

زاچارى تايلور

زاچارى تايلور ـــ ۋىگ پارتىيەسىدىن، 1849-يىلىدىن 1850-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1850-يىلى 7-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، فىللمور زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان.

مىللارر فىللمور

مىللارر فىللمور ـــ ۋىگ پارتىيەسىدىن، 1850-يىلىدىن 1852-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

فرانكلىن پىئېرس

فرانكلىن پىئېرس ـــ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1853-يىلىدىن 1856-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

فرانكلىن پىئېرس

فرانكلىن پىئېرس ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1857-يىلىدىن 1860-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

ئابراھام لىنكولن

ئابراھام لىنكولن ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1861-يىلىدىن 1865-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1865-يىلى 4-ئايدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ جونسون زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان.

ئاندرېۋ جونسون

ئاندرېۋ جونسون ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1865-يىلىدىن 1868-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

ئۇلىسسېز گرانت

ئۇلىسسېز گرانت ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1869-يىلىدىن 1876-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

رۇزېرفورد ھايېز

رۇزېرفورد ھايېز ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1877-يىلىدىن 1880-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

جامېس گارفىلد

جامېس گارفىلد ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1881-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1881-يىلى 9-ئايدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئارزۇر زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان.

چېستېر ئارزۇر

چېستېر ئارزۇر ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1881-يىلىدىن 1884-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

گروۋېر كلېۋېلاند

گروۋېر كلېۋېلاند ـــ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1885-يىلىدىن 1888-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

بېنجېمىن ھاررىسون

بېنجېمىن ھاررىسون ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1889-يىلىدىن 1892-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1841-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ ۋىلليام ھاررىسوننىڭ نەۋرىسى.

گروۋېر كلېۋېلاند

گروۋېر كلېۋېلاند ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1893-يىلىدىن 1896-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

ۋىلليام ماككىنلېي

ۋىلليام ماككىنلېي ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1897-يىلىدىن 1901-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1901-يىلى 9-ئايدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ روزېۋېلت زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان.

زېئودور روزېۋېلت

زېئودور روزېۋېلت ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1901-يىلىدىن 1908-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

ۋىلليام تافت

ۋىلليام تافت ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1909-يىلىدىن 1912-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

ۋودروۋ ۋىلسون

ۋودروۋ ۋىلسون ـــ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1913-يىلىدىن 1920-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

ۋاررېن ھاردىڭ

ۋاررېن ھاردىڭ ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1921-يىلىدىن 1923-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1923-يىلى 8-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇئاۋى زۇڭتۇڭ كولىدجى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان.

كالۋىن كولىدجى

كالۋىن كولىدجى ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1923-يىلىدىن 1928-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

ھېربېرت ھوۋېر 

ھېربېرت ھوۋېر ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1929-يىلىدىن 1932-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

فرانكلىن روزۋېلت

فرانكلىن روزۋېلت ـــ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1933-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1945-يىلى 4-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن، مۇئاۋى زۇڭتۇڭ ترۇمان زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان. فرانكلىن روزۋېلت ئامېرىكىنىڭ 26-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى زېئودور روزېۋېلتنىڭ شىرەم تۇغقىنى.

ھاررى ترۇمان

ھاررى ترۇمان ـــ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1945-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

داۋىت ئېزىنخوۋېر

داۋىت ئېزىنخوۋېر ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1953-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

جون كېننېدى

جون كېننېدى ـــ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1961-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 1963-يىلى 11-ئايدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ جونسون زۇڭتۇڭلۇق ۋەزپىسىگە ئولتۇرغان.

ليندون جونسون

ليندون جونسون ـــ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1963-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

رىچارد نىكسون

رىچارد نىكسون ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1969-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. 1974-يىلى 8-ئايدا سىياسىي سەتچىلىك تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.

گېرالد فورد

گېرالد فورد ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1974-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

جىممى كارتېر

جىممى كارتېر ـــ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1977-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

رونالد رېگان

رونالد رېگان ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1981-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

جورجى بۇش

جورجى بۇش ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 1989-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

بىل كلىنتون

بىل كلىنتون ـــ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 1993-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

جورجى ۋالكېر بۇش

جورجى ۋالكېر بۇش ـــ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، 2001-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 41-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ گېئورگى بۇشنىڭ ئوغلى.

باراك ئوباما

باراك ئوباما ـــ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، 2009-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. 2012-يىلى 12-ئايدا يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان زۇڭتۇڭ.

ئامېرىكاكۆپ قىسىم رايونىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق ھاۋا كىلىماتىغا تەۋە، جەنۇبىي قىسمى سۇبتروپىك بەلۋاغ كىلىماتىغا تەۋە. ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىدىكى تۈزلەڭلىكتە يىللىق تېمپېراتۇرا پەرقى تولىمۇ چوڭ، چىكاگونىڭ 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇس، 7-ئايدىكى تېمپېراتۇرىسى 24 سېلسىيە گىرادۇس، مېكسىكا قولتۇقى قىرغاقلىرىدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 1-ئايدا 11 سېلسىيە گىرادۇس ، 7-ئايدا 28 سېلسىيە گىرادۇس.

دۆلەت بايرىقى

دۆلەت بايرىقىبەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز ۋە تېگى كۆك رەڭلىك تالا بىلەن بېزەلگەن بايراق بولۇپ ،13 يول قىزىل ،ئاق تالا ئوخشاش كەڭلىكتە . بۇ شەكىللەر ئەڭ بۇرۇن مۇستەقىللىق ئۇرۇش قوزغىغان ھەمدە غەلبىگە ئېرىشكەن 13 ئىشتاتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ .بايراقنىڭ سول تەرىپىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى كۆك رەڭلىك تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ ،ئۇنىڭغا 50دانە ئاق رەڭلىك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز تىزىلغان .بۇ يۇلتۇزلار 50 ئىشتاتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ .

دۆلەت گېربى 

دۆلەت گېربىگېربنىڭ ئاساسلىق قىسمى شۇڭقار شەكلى بولۇپ ،ئۇنىڭ ئۈستى تەرەپتىكى تاج-ئىگىلىك ھوقۇقى ،يېڭى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ سىمۋولى .تاجىنىڭ ئىچىدە ئاق رەڭلىك 13 تال بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بار .شۇڭقار ئىككى قولىدا ئايرىم -ئايرىم ھالدا زەيتۇن دەرىخىنىڭ شېخى بىلەن يا ئوقىنى تۇتۇپ تۇرغان بولۇپ ،بۇ شەكىل تىنچلىق بىلەن قوراللىق كۈچىنىڭ سىمۋولى . شۇڭقار چىشلەپ تۇرغان سېرىق لېنتىغا ‹‹بىرلىشىشنىڭ مەقسىتى بىر ››دېگەن خەتلەر بېزەلگەن .

ئامېرىكا دوللىرىئامېرىكا دوللىرى دۇنيا مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتىنىڭ  %30 نى ئىگەللەيدىغان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پۇلى، يەنە كېلىپ خەلقئارا پېرېۋوت بازىرىدىكى مەركىزى پۇل بولۇپ خەلقئارا كىرىم - چىقىم ۋە پېرېۋوت سودىسىدىكى ئەڭ مۇھىم پۇل. ئۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەزىنىسى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. ، خەلقئارا شەرتلىك بەلگىسى USD يەنى (United States dollarنىڭ قىسقاتمىسى) ۋە $. 

ئامېرىكا دوللىرى 1785-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى تارقىتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، دەسلەپ ئالتۇن تىللا شەكلىدە، كېيىن قەغەز ۋە مېتال قىلىپ تارقىتىلغان . دوللار قەدىمقى گوت-گېرمان تىلىدىكى Thaler دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ بۇ سۆز قەدىمقى تىللا دىگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرىدىن باشقا يەنە شەرقى تېمۇر، ئېكۋاتور، سالۋادور، مارشال تاقىم ئاراللىرى، مىكرونېزىيە، پالاۋ، پاناما، بېرمۇدا ، زىمبابۇۋى قاتارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت پۇلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. 

دوللارنىڭ بىر دوللارلىق، ئىككى دوللارلىق، 5 دوللارلىق، 10 دوللارلىق، 50 دوللارلىق، 100 دوللارلىق قىممەتتىكىلىرى بار. تۆۋەندىكىسى نۆۋەتتە ئوبوروت قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا دوللىرى: بىر دوللار يۈز كوينىسقا (¢=Coins) تەڭ بولۇپ بىر سېنتلىق (ئادەتتەcent يەنى سېنت دىيىلىدۇ) 5سېنتلىق (ئادەتتە Nickel يەنى نېكىل دىيىلىدۇ)، 10 سېنتلىق (ئادەتتە Dime يەنى دايم دىيىلىدۇ)، 25 سېنتلىق (ئادەتتەquarter dollar يەنى چارەك دوللار دىيىلىدۇ)، 50 سېنتلىق (ئادەتتە Half_dollar يەنى يېرىم دوللار دىيىلىدۇ) پۇللارغا پارچىلىنىدۇ. [بۇندىن باشقا يەنە 1934-يىلى ئاز مىقداردا تارقىتىلغان، ئەمما ھازىر ئوبوروتتىن توختىتىلغان، لېكىن ئاسارە ئەتىقە سۈپىتىدە باھاسى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولۇۋاتقان 500 دوللارلىق ئامېرىكا دوللىرىمۇ بار. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئورنى 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن تىكلەنگەن بولۇپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن مۇستەملىكە زىمىنلار ۋە خەلىقلەرگە ئىگە بولغان، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئەنگلىيە پۇلى پوندمۇ شۇ زاماندىكى بىردىن بىر دۇنياۋى پۇل بوپ قالغان ئىدى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشتى شۇنداقلا مۇستەملىكىللىرىدىن بىر بىرلەپ ئايرىلىپ قالغىلى تۇردى. ئامېرىكا بولسا ھەر ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇرۇشنىڭ بىۋاستە زەربىسىگە ئۇچرىمايلا قالماستىن يەنە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداشلىرىغا زور مىقداردا قۇرال سېتىپ غايەت زور بايلىق توپلىدى، دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئۇ ئاجىزلىشىپ كەتمەكتە يوق ئەكسىچە بىردىنلا دۇنيادىكى ئەڭ باي ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. 

جەڭدىن ئىلگىركى باشقا ئاساسلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بولسا يەنى مەسىلەن ئەنگلىيە ، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىكى بولسا ئۇرۇشنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ ئامېرىكا بىلەن بەسلەشكۈدەك ھالى قالمىدى. دۆلەتنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرى پۇل سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىت ئاستىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ فونىسىتىرلىڭنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنياۋى پۇل بوپ قېلىشى مۇقەررەلىشىپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن غەرب دۆلەتلىرى 1944-يىلى برىتون ئورمانلىقى پۇل سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ئۇنىڭدا ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇننى مۇقىم ئايرىۋاشلاش باھاسى ھەر بىر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 35دوللار قىلىپ بېكىتىلدى. باشقا پۇللار بولسا مۇقىم پېرېۋوت باھاسى بۇيىچە ئامېرىكا دوللىرىنى مەركەز قىلدى. شۇ چاغدىكى غەرب پۇل - مۇئامىلە سېستىمىسى بولسا ئالتۇننى ياكى باشقىچە ئېيتقاندا دوللارنى بىرلىك قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇش زەربىسىدە ئىگىلىكى ۋەيران بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياردەم بېرىش باھانىسىدە كۆپ مىقداردىكى تاۋارلىرى ۋە كاپىتالىنى غەربى ياۋرۇپا قاتارلىق دۆلەتلەرگە تۆكمە قىلدى شۇ ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى پۈتۈنلەي تىكلەپ بولدى. 20- ئەسىرنىڭ 50 -يىللىرىنىڭ ئاخىرى 60 -يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا دوللىرى پوۇنتنىڭ ئورنىنى تەلتۈكۈس ئىگەللەپ قۇدىرىتىدىن ھېچكىم گۇمان قىلمايدىغان بىردىن-بىر دۇنياۋى پۇلغا ئايلاندى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياۋروپانىڭ ئاجىزلىشىپ ئامېرىكىغا مۇھتاج بولۇپ قېلىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيادىكى زومىگەرلىك ئورنىنى ئىگەللىشىدىكى ئەڭ ئاساسى سەۋەپ ئىدى. لېكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى، 1971-يىلدىكى ۋيېتنام ئۇرۇشى جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى، خەلقئارا كىرىم-چىقىم قىزىل رەقىمى ۋە ھۆكۈمەت مالىيەسى قىزىل رەقىمىنىڭ مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى بورىستون ئورمانلىقى ئەھدىنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىغىنى جاكارلىدى، ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى پىرىزدېنتى نىكسون تۇيۇقسىز قارار چىقىرىپ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالتۇن بىلەن بولغان تەڭ قىممەتتىكى ئايرىۋاشلاش تۈزۈلمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. گەرچە ھەر قايسى دۆلەتلەردە زاپاس ساقلانغان ئالتۇن مىقدارى پۇل تارقىتىشنىڭ ئاساسى بولسىمۇ ئامېرىكا دوللىرى دۇنيادىكى بىردىنبىر مۇقىم قىممەتكە ئىگە ئورنىدىن شۇنىڭدىن كېيىن چۈشۈپ قالدى. ئەمما ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردىن ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئوڭ تانباسىپ قىلىپ باغلىۋەتكەن نېفىت دۆلەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يەنىلا دۇنيادىكى كەڭ قوللىنىلىدىغان، لەيلىمە قىممىتى ئۇنچىلا چوڭ بولمىغان مۇقىم قىممەتلىك پۇل بولۇش سالاھىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتمىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر قايسى دۆلەت پۇللىرى ئالتۇننى مەركەز قىلغان مۇقىم پېرېۋوت دەۋرىدىن ئالتۇندىن ئاجرىغان ، ئەركىن ئۈسۈپ چۈشىدىغان ئۆزگىرىشچان پېرېۋوت دەۋرىگە قەدەم قويدى. 1971-يىلدىن 1980-يىلغىچە ئامېرىكا دوللىرى باشقا ئاساسلىق پۇللارغا قارىتا زور كۈلەمدە پاخاللاشتى. 1980-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە غەزىنىسى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ داۋاملىق پاخاللىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باشقا ئاساسلىق پۇللارغا قارىتا كۈچلۈك قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىشىغا تۈرتكە بولدى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتتى. 1985-يىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ياپونىيە «مەيدان ئەھدىنامىسى»گە ئىمزا قۇيۇپ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى سۈنئى ئۇسۇلدا زور دەرىجىدە تۈۋەنلىتىشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇلىغا قارىتا 1995- يىلغا كەلگىچە ئىزچىل تۈۋەنلىدى، 1995-يىلغا كەلگەندە ئامېرىكا ناسىداك پاي بازىرى تاكى 2000-يىلغىچە ئىزچىل ئۆرلەپ غايەت زور مىقداردىكى دۇنياۋى ئەركىن كاپىتالنى ئامېرىكا پاي بازىرىغا ئاقتۇردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئامېرىكا دوللىرى 1995-2000 يىللاردىكى كۈچلىنىش دەۋرىنى كۈتۈۋالدى، بىراق 2000-يىلدىكى ناسىداك كۈپۈكىنىڭ يېرىلىش بىلەن زور مىقداردىكى مەبلەغ ئامېرىكىدىن چېكىنىپ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 2000-يىلدىن تا ھازىرغىچە چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلىقارا پېرېۋوت بازىرىدىكى ئونۋىرسال ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ ئادەتتە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باشقا پۇللارغا قارىتا كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ. يەنى ئەگەر ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى چۈشۈۋاتقان بولسا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باشقا ئاساسلىق پۇللارغا قارىتا چۈشۈۋاتقانلىغىنى بىلدۈرىدۇ. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنى ھىساپلاش پىرىنسىپى بولسا دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان تاشقى سودىسىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. قۇشۇپ بۈلۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە دەل ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىق دەرجىسىدۇر، ئادەتتە 100 نى نورمال دەپ ئۆلچەيدۇ، 100دىن يۇقىرى بولسا ئامېرىكا دوللىرى كۈچلۈك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، كۆرسەتكۈچ ئەگەر 100 دىن تۆۋەن بولسا ئامېرىكا دوللىرى ئاجىز ھالەتتە بولغان بولىدۇ.

ئامېرىكا دوللىرى1999- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ياۋرۇ رەسمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئىچىدىكى ئورنى ئەڭ چوڭ يەنى %57. 6 نى ئىگەللىگەن. شۇڭا ياۋرۇنىڭ تەۋرىنىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىگە ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىچىدە ياۋرۇ %57. 6 نى ئىگەللىگەندىن باشقا يەنە ياپۇن يىنى %13. 6 ، پوۇنت %11. 9، كانادا دوللىرى %9. 1، شىۋىتسىيە كىروناسى %4. 2، شىۋىتسارىيە فىرانكى %3. 6 نىسبەتنى ئىگەللىگەن. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئامېرىكا بىلەن مۇھىم سودا مۇناسىۋىتى بولغان جوڭگو، ھىندىستان ۋە بىر قىسىم لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. ئامېرىكا دوللىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئۆسۈم - ئۈسۈمنىڭ يۇقىرى تۈۋەنلىگى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنى ئۆسۈم يۇقىرى بولسا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ، ئۆسۈم تۆۋەنلىسە ئامېرىكا دوللىرنىڭ قىممىتىمۇ ماس ھالدا تۆۋەنلەيدۇ.تاشقى سودا قىزىل رەقىمى ۋە مالىيە قىزىل رەقىمى : قىزىل رەقەمنىڭ كۆپ بولىشى پۇلنىڭ كۆپ بېسىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، پۇلنىڭ كۆپ بېسىلىشى پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى تۈۋەنلىتىدۇ، دىمەك ئاخىرىدا كېلىپ پۇلنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىدۇ. 1913-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە غەزىنىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئەمەلى سېتىۋېلىش كۈچى ھازىرغىچە %98 تۈۋەنلىدى. كاپىتال بازىرى : پاي بازىرى، زايۇم بازىرى دىگەندەك بازارلارنى كۆرسىتىدۇ، ئامېرىكا پاي بازىرى ئۆرلىسە ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەيدۇ، تۆۋەنلىسە ئامېرىكا دوللىرىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. ئىشسىزلىق : ئىشسىزلىق ئۆرلىسە ئامېرىكا ئۆسۈم چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئاقىۋەتتە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى چۈشىدۇ. باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىمۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىگە ۋاستىلىك تەسىر يەتكۈزۈدۇ. يەنى باشقا دۆلەتلەر ئۆسۈم ئۆستەرسە ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن قىممىتى ئاشىدۇ. 

دۆلەت بايرىمى، 4-ئىيۇل (ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى، 1776-يىلى)؛ مەملىكەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئەسلەش كۈنى، 11-سېنتەبىر؛ ئاسىيالىقلار ۋە تىنچ ئوكيانلىقلار ئەۋلادى بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەنئەنە ئېيى، ھەر يىلى 5-ئايدا.[1]

ئامېرىكا2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئۇرۇش تۈپەيلى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ باي قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ ۋە كەڭ خەلقئارا بازارنى ئىگىلىدى ؛ ئامېرىكا يەنە يەڭگۈچى دۆلەت ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ پەن-تېخىنىكا ۋە مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ ، ياۋروپادىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېقىشى ئارقىلىق قولغا كەلگەن يۇقىرى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋى سانائەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ياخشىلاپ ، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن سانائەت ۋە ھەربى سانائەتنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيسىنى تېىخمۇ ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەتمۇ تەدبىر قوللىنىپ، خەلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، بىر قەدەر پايدىلىق تەرەققىيات مۇھىىتى ياراتتى. 20- ئەسىرنىڭ 50-60- يىللىرىدا، ئامېرىكا ئىقتىسادى سىجىل تەرەققى قىلدى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ غەربى قىسمى بىلەن جەنۇبى قىسمىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولغاچقا، گۈللىنىش مەنزىرسى بارلىققا كەلدى.

ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىلىق ئىتىسادى سىياسىتى نەتىجىسىدە ئامېرىكىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ناھايتى تېز راۋاجلاندى. ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئامېرىكا سانائىتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى پۈتكۈل كاپتالىزىم دۇنياسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى، ئامېرىكىنىڭ ئالتۇن زاپىسىنىڭ 34قىسمىنى ئىگىلىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ياۋرۇپا بىلەن ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئۇرۇش خارابىسى قاپلىغانىدى. ئامېرىكا تاۋارلىرى ۋە ئامېرىكا كاپتالى بۇ دۆلەتلەرگە ناھايتى تېز ئېقىپ كىرىپ، ئامېرىكا ئىچكى ئىقتسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 1945__1969- يىللىرى، ئامېرىكىنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمي قىممىتى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى.

2-دۇنيا ئۇرۇشتىن كېيىن، ئامېرىكا مائارىپ ۋە پەن تەتقىقاتىغا سېلىندىغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق ئىقتساسلىقلارنى يېتىشتۈردى، بىر مۇنچە يۇقىرى پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. 50-60- يىللاردا، دۇنيادىكى ئىلمي كەشپىياتلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئامېرىكىدا كەشىپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا يۇقىرى، يېڭى سانائەتكە سېلىندىغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى ناھايتى تېزدىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇردى. مەسىلەن، ئاتۇم ئىنىرگىيسى سانائىتىگە 1945- يىلدىن 1970-يىلغىچە بولغان 25 يىلدا، جەمئي 17 مىليارد 500 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى. بۇ جەرياندا، ئاتۇم ئىنىرگىسيى سانائىتى، ئالەم قاتنىشى سانائىتى قاتارلىق يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن سانائەتلەر تەرەققى قىلىشقا باشلىدى.

20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتسادى تەرەققىيات جەريانىدىكى نۇقسانلىرى كۈنسېرى ئاشكارىلاندى. ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر نېفىت باھاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەچكە، 1974___1975- يىللاردا دۇنياۋى ئىقتساد كىرىزىسى پارتىلىدى ، ئامېرىكا ئىقتسادىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچىرىغاچقا ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتسادى ئورنى تۆۋەنلىدى. 70-يىللارنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدىن 80-يىلارنىڭ بېشىغىچە، ئامېرىكا ئىقتسادى ئاستا ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن پۇل پاخاللىشىپ كەتتى. 20-ئەسرىنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدىن كىيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىقتسادى سىياسىتىنى تەڭشىگەچكە، ئامېرىكىنىڭ ئىقتسادى ۋەزىيتى تەدىرىجى ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن قەرزى كۆپيىپ كەتتى. ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قەرىزدار دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغاچقا ، ئىقتسادى تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچىرىدى.

1973-يىلى، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ئامېرىكا قاتارلىق كاپتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىسرائىلىينى قوللىغانلىقىغا قارشى تۇرۇش سەۋەبىدىن نېفىت باھاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. 1974- يىلى 1- ئايدىكى نېفىت باھاسى 1973- يىلى 9- ئايدىكى نېفىت باھاسىدىن ئىككى ھەسسىگە يېقىن ئۆستى. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر نېفىتنىڭ كۆپ قسىمىنى ئوتتۇرا شەرقتىن ئىمپورت قىلدىغان بولغاچقا، نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئاشۇرۋەتتى، نەتىجىدە دۇنياۋى ئىقتسادىي كىرزىس پارتىلىدى. ئىقتسادى كىرزىس مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ سانائەت ئىشىلەپچىقىرىش مىقدارى سىجىل ئازىيىپ، كۆپلىگەن زاۋۇتلار ئىشلەپچىقىرىشتىن يېرىم توختاش ھالتىگە چۈشۈپ قالغاچقا، ئىشسىزلا شىددەت بىلەن كۆپەيدى. 1975- يىلى، ئامېرىكىدا %9 كە يېقىن ئەمگەكچى ئىشسىز قېلىپ، ئىشسىزلا سانى 8 مىليۇندىن ئېشىپ كەتتى.

ئامېرىكىنىڭ ئىستىمالغا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى گەرچە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئوبوروتنى جانلاندۇرغان بولسىمۇ ئەمما 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن 90- يىللىرىنىڭ بېشىغىچە ، ئامېرىكىنىڭ قەرزى يىلدىن يىلغا كۆپەيدى. 1992-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ قەرزى 11 تىرليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ قەرزى 4 تىرىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ھۆكۈمەت مالىيسنى ھەر يىلى قىزىل رەقەم قاپلاپ كەتتى، بىر يىللىق مالىيە قىزىل رەقىمى ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

20-ئەسىرىنىڭ 90-يىللىرىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىجتىمائي، ئىقتسادى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپ، پەن- تېخنىكا ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇچۇر كەپسىنى ۋەكىل قىلغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنداقلا، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن يېڭىلاشنى تاماملىدى. بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا ئىقتسادىنى تەدىرىجى سىجىل، مۇھىم تەرەققى قىلدۇرۇپ، پۇل پاخاللىقى، ئىشسزلىق نىسبىتى تۆۋەن بولۇش ھالىتىنى ساقلاش ۋە مالىيە قىزل رەقىمىنى ئازايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىيات سۈرئىتى جەھەتتە غەربىي ياۋرۇپادىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇردى. بۇ دەۋردە ئامېرىكىنىڭ ئىقتسادى سىياسىتى ۋە ئىقتسادى قۇرۇلمىسى ئىلگىرىكىدىن ئاسمان-زېمىن پەرقلەندى. شۇڭا كىشلەر: ئامېرىكا يېڭى ئىگىلىك دەۋىگە قەدەم قويدى، دەپ قارىدى. ئۇچۇرلىشىش ۋە دۇنياۋىلىشىش يېڭى ئىقتسادىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىىدا كىلىنتون ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئىقتسادى سىياسەتنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرى شەكىللەنگەن جەمىيەتنىڭ يۇقىرى ئىستىمالغا ئادەتلەنگەنلىگىدەك بازار مۇھىتى تۈپەيلى، يېڭىلىقلا بولسا بازىرى بولۇشتەك جەمىيەت يۈزلىنىشى- ئىقتسادى ۋەزىيەتنىڭ ياخشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيە قىزىل رەقىمىنى يىلمۇ يىل ئازايتىپ، 1997-يىلى مالىيىدە قالدۇرق قالدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۇنى ئېيتماي مۈمكىن ئەمەسكى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ۋە ھەربى مۇۋەپپىقىيىتى ھىچقاچان ئامېرىكىنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغىنىدەك تارىختىن بۇيان بىرەر دۆلەتنىڭ قولىغا بۇنچىلىك مەركەزلىشىپ باقمىغانىدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#