ئاندىرتايكىر
Undertaker، مېيىت يۆتكىگۈچى، ئەسلى ئىسمى Mark William Calaway، ئۇ 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا تېكىساس شىتاتى Houston شەھىرىدە توغۇلغان، 1990-يىلى WWE نىڭ ماھىرى بولغان، ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ئۇلۇغ (قالتىس) ماھىر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
Undertaker، مېيىت يۆتكىگۈچى، ئەسلى ئىسمى Mark William Calaway، ئۇ 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا تېكىساس شىتاتى Houston شەھىرىدە توغۇلغان، 1990-يىلى WWE نىڭ ماھىرى بولغان، ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ئۇلۇغ (قالتىس) ماھىر. 2017-يىللىق ئەسەبىي چېلىشىش چوڭ مۇسابىقىسىدە (ئۈرۈمچى ۋاقتى 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى) رومەن رېيگنىس بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
لەقىمى: كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساس ئىگىسى (باشقىلار شۇنداق دەپ قارايدىكەن)، مېيىت ئۇزاتقۇچى، ئامېرىكىلىق ئەبلەخ، بوۋىسىنى دەپنە قىلغۇچى، زۇلمەت شاھى، چېكىگە يەتكەن قاتىل، ئامېرىكا ئېشىكى، قىزىل ئالۋاستى، ھالاك بولغان ئالۋاستى.
ئاندىرتايكىر21-0 يېڭىلمەسلىك رېكورتىنى ياراتقان، 2014-يىلى «ئەسەبىي چېلىشىش 30» چوڭ مۇسابىقىسىدە، بىروك لېسنار غا يېڭىلىپ قېلىپ 21-1 نەتىجە بىلەن بۇ رېكورتىنى ئاخىرلاشتۇرغان؛
2015-يىلى «ئەسەبىي چېلىشىش 31» چوڭ مۇسابىقىسىدە بىراي ۋىياتنى مەغلۇب قىلغان، بۇ نەتىجە مەستانىلىرى تەرىپىدىن 22-1 دەپ ئاتالغان؛
2016-يىلى «ئەسەبىي چېلىشىش 32» دە، WWE شاھزادىسى شەيىن مەكمەننى مەغلۇب قىلغان، بۇمۇ مەستانىلىرى تەرىپىدىن 23-1 نەتىجە دەپ قارالغان (لېكىن بۇلار ئۇنىڭ يېڭىلمەسلىك خاتىرىسىگە ئېلىنمىغان، ھەقىقىي سانى: 21-0).
مېيىت ئۇزاتقۇچى 2017-يىللىق ئەسەبىي چېلىشىش چوڭ مۇسابىقىسىدە (ئۈرۈمچى ۋاقتى 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى) رومەن رېيگنىس بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
خاتىرجەم يېتىڭ. بۇ مېنىڭ ئارقا ھويلام. ماڭا جەڭ ئېلان قىلساڭ نامىڭنى چىقىرىسەن.
ئۇنىڭ ھەر قېتىم مەيدانغا چىققاندىكى قورقۇنچلۇق مۇزىكىسى، جەسەت كۆمۈۋاتقان، مېيىت ئۇزىتىۋاتقان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلىرى، ھەر قېتىم مەيدانغا چىققاندا كۆزلىرىنى ئالايتىپ كۆز قارىچۇقىنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرى، رەقىبى تەرىپىدىن يىقىتىلغاندىن كېيىن تويۇقسىز تۇرۇشلىرى... ئۇ پۈتۈن WWE چېلىش دۇنياسىدىكى يۇقىرى ئورنى ئۇنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەگەشكۈچىلىرىنى ھەيرانۇ-ھەستە قالدۇرۇپ كەلمەكتە.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.