قوغۇن باغچىسى

قوغۇن باغچىسى

قومۇل شەھىرى راھەتباغ يېزىسى قاراتال كەنتىدە «قوغۇن باغچىسى» بار بۇلۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 18511.5 مو، قومۇل شەھىرى رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 17 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى قوغۇن باغچىسى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئورنى قومۇل شەھىرى راھەتباغ يېزىسى
خەنزۇچە نامى 哈密瓜园
قاراشلىق رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قومۇل شەھىرى راھەتباغ يېزىسى قاراتال كەنتىدە «قوغۇن باغچىسى» بار بۇلۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 18511.5 مو، قومۇل شەھىرى رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 17 كىلومېتىر.

قوغۇن باغچىسى 5 چوڭ ئايرىم رايونى بۇلۇپ، بۇلار: كىرىش رايونى، قوغۇن رايونى، سۇ ئۈستى باغچىسى، بەيگويۈەن ئىستىراھەت كۆڭۈل ئېچىش رايونى ۋە تەبىئىي چۆل مەنزىرىسى ساياھەت رايونى قاتارلىقلار بار.

قوغۇن باغچىسىكىرىش رايونى ئاساسلىقى تۇرا، كۆزىتىش مۇنارى، قوغۇن باغچىسى دەرۋازىسى، قوغۇن كۆرگەزمە زالى، ئات _ ساراي، نەنخۇ ساراي، ئۆتەڭ، مەدەنىيەت تېمى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ئالاقىدار يانداش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 70 مىڭ كۋادرات.

قوغۇن سانائەت رايونلىرىدىكى ئاساسلىق قوغۇن تېرىش رايونى، نېمەتلىرىنى تېتىش رايۇنى، ئۈزۈم كارىدورى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3873.1 مو. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 400 مېتىر، كەڭلىكى 6 مېتىر كېلىدىغان ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا مەشرەپ، تاماشا قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ.

سۇ ئۈستى باغچىسىدا قېيىق ھەيدەش، بېلىق تۇتۇش (قارماق تاشلاش)، دالا دەم ئېلىش ئاساس قىلىنىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 996.3 مو، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ كۆلىمى 7866 مو. سۈنئىي كۆل چۆرىدەپ ياسالغان ئەگرى كۆۋرۈك، شىپاڭ، سۇ ئۈستىدىكى كۆتۈرمە ئۆي، قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار. 

تەبىئىي چۆل مەنزىرە ساياھەت رايونىدا ئاساسلىق بۇددا مۇنارىنى ساياھەت قىلىش، قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيە، قۇمدا داۋالىنىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3046.5 مو. تۆت ئەتراپىدا قۇملۇق ۋە قۇم بارخانلىرى ئوراپ تۇرىدۇ، ساياھەتچىلەر بۇ جايغا بېرىپ قۇملۇق مەنزىرىسى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇددا مۇنارى، قۇملۇقتىكى مۇقەددەس بۇلاق، ئېكولوگىيەلىك ئورمان قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلارنى تاماشا قىلىش ھەمدە ئاتقا، تۆگىگە مىنىپ ئېكولوگىيەلىك ئورماننى بويلاپ قۇملۇقتىكى چىغىر يول كېسىپ ئۆتۈپ قۇملۇق تەبىئىي مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش، قۇم بىلەن داۋالاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#