- بۇدۇشقاق (دورا)
- بۇدۇشقاق (ئۆسۈملۈك)
بۇدۇشقاق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يىلتىزى تەركىبىدە گلوكوزىد بار. مېۋىسى تەركىبىدە كىسانتوسترومارىن (xanthostrumarin)، دەرەخ يىلىمى، مايلىق ياغ، ئالكالوئىدلار، ۋىتامىنC قاتارلىقلار بار. قۇرۇق مېۋىسى تەركىبىدە 9% مايلىق ياغ، مېغىزى تەركىبىدە%7 ~ %6سۇ، %40 ياغ بار.
ياللۇغ قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل ھەيدەش، تاش پارچىلاش، ئىششىق تارقىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ماددىلارنى تارقىتىش، ھۆللۈكنى ھەيدەش، بەدەننى پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بۇدۇشقاق ئۇرۇقى زەھەرلىك، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە بۇدۇشقاق يېغى ۋە بۇنىڭدىكى ئاقسىلنىڭ زەھەرلىك تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئەمما مېيى ئايرىپ ئېلىنغان قىسمىنىڭ چىلانمىسىنىڭ زەھەرلىك تەسىرى چوڭ، سۇدا ئايرىپ ئېلىنغان گىلكوزىدلار بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنىڭ ئاساسلىق زەھەرلىك تەركىبى بولۇشى مۇمكىن، سۇغا چىلاپ تويۇنغاندىن كېيىن، قېپقالغان قالدۇقنىڭ زەھەرلىك تەسىرى ئاز ياكى يوق، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، قورۇپ كۆيدۈرسە، زەھەرلىك تەسىرى تۈگەيدۇ بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنىڭ قاينىتىلمىسى بەدەن سىرتىدا ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىلىرىگە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە تۇرمۇزلاش رولى بار ھەمدە پروپامىن ياكى ئىسپىركىق ئېرىتمىسى بەدەن سىرتىدا قىزىل رەڭلىك تۈك تەمرەتكىسى زەمبۇرۇغىغا نىسبەتەن تورمۇزلاش تەسىرى بار.
1. بۇدۇشقاقنى قاينىتىپ ھەسەل بىلەن ئىچسە، سوغۇقتىن بولغان كونا يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ، كۆكرەكنىڭ يىرىكلىكىنى يوقىتىدۇ.
2. بۇدۇشقاقنى ئېزىپ گۈل يېغى بىلەن چاپسا، مەقئەت ئىششىقى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ.
3. بۇدۇشقاقنى قاينىتىپ يۈزنى يۇسا، يۈزنى قىزارتىدۇ.
مىقدارى
بۇدۇشقاقنىڭ ئازراق زەھەرلىك تەرىپى بولغاچقا، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.