سىرلىق مېۋە دەرىخى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. سىرلىق مېۋە دەرىخى (دەرەخنىڭ بىر تۈرى)
  2. سىرلىق مېۋە دەرىخى (مېۋىنىڭ تۈرى)
  3. سىرلىق مېۋە دەرىخى ()
دەرەخنىڭ بىر تۈرى

سىرلىق مېۋە دەرىخى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غەربىي ئافرىقىنىڭ تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىدا ئېگىزلىكى 3 −4 مېتىر كېلىدىغان دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل چاتقال ئۆسىدۇ، ساپوتاتسىيە دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يوپۇرماقلىرى شاخنىڭ ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى دۈم تۇخۇمسىمان، يوپۇرماق تومۇرلىرى روشەن. گۈلى كىچىك، ئاق رەڭلىك، بىر يىلدا ئىككى نۆۋەت چېچەكلەيدۇ. مېۋىسى ئېللىپس شەكىللىك، پىشقاندا مېۋە شۆپۈكى قىزىل رەڭگە كىرىدۇ. مېۋىسى كىچىك، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى تەخمىنەن 8 مىللىمېتىر بولۇپ، ئىچىدە چوڭراق بىرلا ئۇرۇقى ۋە سەل-پەل تاتلىق تەملىك ئازراق مېۋە ئېتى بولىدۇ. بۇ خىل مېۋە قارىماققا ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى يەپ بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن چۈچۈمەل لىمون يېسۇن ياكى ناھايىتى ئاچچىق ماندارىن يېسۇن ھەممىسى ناھايىتى مەززىلىك، شېرىن تېتىيدۇ، شۇڭا يەرلىك كىشىلەر ئۇنى سىرلىق مېۋە دەپ ئاتايدۇ.

سىرلىق مېۋە دەرىخى(سىنسېپالوم) نىڭ ئەسلىي ماكانى غەربىي ئافرىقا بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر دائىم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تەڭشەيدۇ. يەنە بەزىلەر سىرلىق مېۋىدىن كۇمىلاچ دورا ياساپ ساتىدۇ. بۇنداق كۇمىلاچ دورىنىڭ تەمى يېڭى مېۋىلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. تەم سېزىمىنى تەڭشەش فۇنكسىيىسىگە ئىگە. سىرلىق مېۋە كۇمىلىچىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، مېدىتسىنا ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققتىنى قوزغىغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار سىرلىق مېۋە تەركىبىدىن بىر خىل ياسالما ئاجرىتىپ ئېلىپ، دىئابىت كېسىلى بار بىمارلار تاتلىق يېمەكلىك يېسىمۇ سالامەتلىكىگە تەسىر قىلمايدىغان دورا ياسالمىسى ياساش ئۈچۈن تىرىشماقتا. 

سىرلىق مېۋە دەرىخى(سىنسېپالوم) نىڭ ئەسلىي ماكانى غەربىي ئافرىقا .

كىشىلەرنىڭ ئانالىز قىلىشى ۋە ئېنىقلىشى ئارقىلىق مەلۇم بولۇشىچە، سىرلىق مېۋىنىڭ تەركىبىدە قەنتلىك ئاقسىل(گلىكوپروتېئىن) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاكتىپ ماددا بار بولۇپ، ئۇنى يېگەندىن كېيىن ئادەمنىڭ تىلىدىكى چۈچۈمەل، قىرتاق، ئاچچىق تەملەرنى باشقۇرغۇچى تەم سەزگۈلىرىنى ئېتىۋېتىپ(تاقىۋېتىپ) ، تاتلىق تەمنى باشقۇرغۇچى تەم سەزگۈسىنى ئېچىۋېتىدۇ، شۇڭا ئادەملەرنىڭ تەم سېزىمىدە ۋاقىتلىق ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ.

مەملىكىتىمىزدىمۇ سىرلىق مېۋە ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار قانات يايدۇرۇلدى. 1967-يىلى يۈننەن ئۆسۈملۈكلەر تەتقىقات ئورنى كىرگۈزۈپ ئۆستۈرگەن سىرلىق مېۋە دەرىخى مېۋىلەشكە باشلىدى. خەينەن ئارىلىدىكى تروپىك بەلۋاغ ئۆسۈملۈكلىرى تەتقىقات ئورنىدىمۇ ئۆستۈرۈلمەكتە. مۆتىدىل بەلۋاغقا توغرا كېلىدىغان بېيجىڭ شياڭشەن ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىمۇ پارنىكتا ئۆستۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشلىۋەتتى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#