ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى
ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسىلىشقا باشلىغان، ھازىرغىچە 800 يىللىق تارىخقا ئىگە. تارىختا ئۈچ قېتىم رېمونت قىلىنغان، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ۋەيران قىلىنىشى 1932-يىلى، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تەرىقەت دىنى ساياھەت قىلىش ئورنى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسىلىشقا باشلىغان، ھازىرغىچە 800 يىللىق تارىخقا ئىگە. تارىختا ئۈچ قېتىم رېمونت قىلىنغان، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ۋەيران قىلىنىشى 1932-يىلى، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تەرىقەت دىنى ساياھەت قىلىش ئورنى. 1999-يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋچېڭ ئوقەتچىلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ، ھەمدە تەڭرىتاغ ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن، ئەسلىدىكى بۇتخانا خارابىسى ئۈستىگە «ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى» قايتا قۇرۇلغان. قايتا قۇرۇلۇشتا ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى ئەسلدىكى ئىبادەتخانىنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى ساقلاپ قېلىنغان، بۇ بۇتخانىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 2000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 429 كۋادرات مېتىر، بوغدا كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان، بوغدا كۆلىنىڭ مۇھىم مەنزىرىلەرنىڭ بىرى.
ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىدىكى تاغ باغرىلىرىغا جايلاشقان. خان ئاننى ئىززەتلىگەنگە ئوخشاش ئىززەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، «مەبۇدە ئىبادەتخانىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، چىڭ سۇلالىسى نىڭ چيەنلۇڭ يىللىرى قۇرۇلغان؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئىبادەتخانا شۇ يىللاردىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئاسانلا گۈللەنگەن. 1932-يىلى، ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيران بولغان. 90-يىللارنىڭ بېشىدا تەيۋەن تويىن دىنى «شەپقەت قىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» قۇرۇلىشى ئارقىلىق ئەسلىدىكى ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى خارابىسى بىر ئاددىي ئىبادەتخانا قىلىپ سېلىنغان. 2000-يىلى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇشىغا ئەگىشىپ، تەڭرىتاغ بوغدا كۆل بويىدىكى بۇ داڭلىق قەدىمىي يادىكارلىقلار ئورنى بولغان ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى ئەسلىگە كەلگەن.
مەلۇمكى تويىن دىنى يەر شارائىتىدا ئىبادەتخانا ئورنىنى تاللاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالدى جەنۇب تەرەپكە قارايدۇ، ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، بىر تەرىپى سۇ بىلەن قورشالغان. ئوماي ئانا ئىبادەتخانىسى سول تەرەپى يىل بويى قار بىلەن قاپلانغان مۇقەددەس تاغ بوغدا چوققىسى، سول ئەجدىھا دەپ ئاتالغان. ئوڭ تەرەپتىكىسى بولسا بوغدا كۆلى (كىچىك بوغدا كۆلى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.