جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوغالتىرلىق قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوغالتىرلىق قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوغالتىرلىق قانۇنى بوغالتىرلىق ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنىڭ ھەقىقىي، مۇكەممەل بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد باشقۇرۇش ۋە مالىيە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن چىقىرىلغان.  

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوغالتىرلىق قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1985-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国会计法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1999-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوغالتىرلىق قانۇنى 1985-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1993-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوغالتىرلىق قانۇنى› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، 1999-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنىدا تۈزىتىلگەن.

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن بوغالتىرلىق ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بوغالتىرلىق ماتېرىيالىنىڭ چىنلىقى، مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد باشقۇرۇش ۋە مالىيە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى ساقلاش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شىركەتلەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار (تۆۋەندە ئورۇنلار دېيىلىدۇ) بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى بۇ قانۇن بويىچە بېجىرىشى شەرت.

3-ماددا ئورۇنلار قانۇن بويىچە بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى تۇتۇشى ھەمدە ئۇنىڭ چىنلىقى، مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

4-ماددا ئورۇن مەسئۇلى ئۆز ئورنىنىڭ بوغالتىرلىق خىزمىتى ۋە بوغالتىرلىق ماتېرىيالىنىڭ چىنلىقى، مۇكەممەللىكىگە مەسئۇل بولىدۇ.

5-ماددا بوغالتىرلىق ئاپپاراتى، بوغالتىرلار بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلىدۇ، بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكىنى يولغا قويىدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ بوغالتىرلىق ئاپپاراتى، بوغالتىرلارنى بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا بوغالتىرلىق ماتېرىيالىنى ياسىۋېلىشقا، ئۆزگەرتىۋېتىشكە، ساختا مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى سۇنۇشقا ھەر خىل يول بىلەن ئۈندىشىگە، كۈشكۈرتىشىگە ۋە زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشنى توسۇغان بوغالتىرلاردىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

6-ماددا بۇ قانۇننى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان بوغالتىرلارغا مەنىۋى ياكى ماددىي مۇكاپات بېرىلىدۇ.

7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بوغالتىرلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ بوغالتىرلىق خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.

8-ماددا دۆلەت بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمى بويىچە، بوغالتىرلىق ھېساباتى ۋە بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكىدە ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدىغان ساھەلەردە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كونكرېت چارىسى ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللىسا بولىدۇ.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى باش ئارقا سەپ بۇسى بۇ قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىگە ئاساسەن، ئارمىيىدە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كونكرېت چارىسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

2–باب بوغالتىرلىق ھېساباتى

9-ماددا ئورۇنلار ئەمەلىي ئىقتىسادىي كەسپىي ئىشلارغا ئاساسەن، بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلىشى، بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى تەييارلىشى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىگە تىزىملىشى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى تەييارلىشى شەرت.

ھەرقانداق ئورۇننىڭ ساختا ئىقتىسادىي كەسپىي ئىش ياكى ماتېرىيال ئارقىلىق بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

10-ماددا تۆۋەندىكى ئىقتىسادىي كەسپىي ئىشلاردا بوغالتىرلىق رەسمىيىتى بېجىرىش، بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلىش كېرەك:

(1) پۇل ۋە قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە كىرىم-چىقىمى؛

(2) مال-مۈلۈك تاپشۇرۇۋېلىش-تارقىتىش، كۆپىيىش-كېمىيىش ۋە ئىشلىتىش؛

(3) ھەقدارلىق-قەرزدارلىقنىڭ سادىر بولۇشى ۋە راسچوتى؛

(4) كاپىتال ۋە فوندنىڭ كۆپىيىشى-كېمىيىشى؛

(5) كىرىم-چىقىم، خىراجەت ۋە تەننەرخ ھېسابلاش؛

(6) مالىيە نەتىجىسىنى ھېسابلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش؛

(7) بوغالتىرلىق رەسمىيىتى بېجىرىش، بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

11-ماددا بوغالتىرلىق يىلى مىلادىيە 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.

12-ماددا بوغالتىرلىق ھېساباتىدا خەلق پۇلى ھېسابقا خاتىرىلەش بىرلىك پۇلى قىلىنىدۇ.

كەسپىي كىرىم-چىقىمىدا، خەلق پۇلىدىن باشقا پۇلنى ئاساس قىلىدىغان ئورۇنلار شۇ پۇللاردىن بىرىنى تاللاپ ھېسابقا خاتىرىلەش بىرلىك پۇلى قىلسا بولىدۇ، لېكىن يوللايدىغان مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىدا خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىشى كېرەك.

13-ماددا بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى ۋە باشقا بوغالتىرلىق ماتېرىيالى دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

كومپيۇتېردا بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلىدىغانلارنىڭ يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى ۋە باشقا بوغالتىرلىق ماتېرىيالىمۇ دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا بوغالتىرلىق ماتېرىيالىنى ياسىۋېلىشىغا، ئۆزگەرتىۋېتىشىگە، ساختا مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى سۇنۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

14-ماددا بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى دەسلەپكى دوكۇمېنت ۋە ھېساباتقا خاتىرىلەش دوكۇمېنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ قانۇننىڭ 10-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىقتىسادىي كەسپىي ئىشلارنى بېجىرىشتە دەسلەپكى دوكۇمېنتنى تەييارلاش ياكى ئېلىش ھەمدە بوغالتىرلىق ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا تاپشۇرۇش شەرت.

بوغالتىرلىق ئاپپاراتى، بوغالتىرلار دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دەسلەپكى دوكۇمېنتنى تەكشۈرىدۇ، چىن بولمىغان، قانۇنلۇق بولمىغان دوكۇمېنتنى قوبۇل قىلماسلىققا ھەمدە ئورۇن مەسئۇلىغا دوكلات قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ توغرا، مۇكەممەل خاتىرىلەنمىگەن دەسلەپكى دوكۇمېنتنى قايتۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈزىتىش، تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

دەسلەپكى دوكۇمېنتقا يېزىلغان مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛ دەسلەپكى دوكۇمېنتتا خاتالىق بولسا، دوكۇمېنت بەرگۈچى ئورۇن قايتىدىن بېرىشى ياكى تۈزىتىشى، تۈزىتىلگەن يېرىگە ئورۇننىڭ تامغىسىنى بېسىشى لازىم. دەسلەپكى دوكۇمېنتقا يېزىلغان سوممىدا خاتالىق بولسا، دوكۇمېنت بەرگۈچى ئورۇن قايتىدىن بېرىشى كېرەك، دەسلەپكى دوكۇمېنت ئۈستىگە تۈزىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

ھېسابقا خاتىرىلەش دوكۇمېنتنى تەكشۈرۈلگەن دەسلەپكى دوكۇمېنت ۋە ئالاقىدار ماتېرىيالغا ئاساسەن تەييارلاش كېرەك.

15-ماددا بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىگە تىزىملاشتا، تەكشۈرۈلگەن بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى ئاساس قىلىنىشى ھەمدە ئۇ ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى باش ھېسابات دەپتىرى، تەپسىلىي ھېسابات دەپتىرى، كۈندىلىك ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا قوشۇمچە ھېسابات دەپتىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىگە بەت نومۇر تەرتىپى بويىچە تىزىملاش كېرەك. بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىدىكى خاتىرىدە خاتالىق ياكى بەت ئاتلاش، نومۇر ئاتلاش، قۇر ئاتلاش كۆرۈلسە، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدە بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە تۈزىتىلىشى ھەمدە بوغالتىر ۋە بوغالتىرلىق ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى )بوغالتىرلار مەسئۇلى( تۈزىتىلگەن يەرگە تامغا بېسىشى كېرەك.

كومپيۇتېردا بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلىدىغانلارنىڭ بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىگە تىزىملاش ۋە خاتالىقنى تۈزىتىش ئۇسۇلىمۇ دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

16-ماددا ئورۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي كەسپىي ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە تۇتۇلغان بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىگە بىر تۇتاش تىزىملاش، ھېسابات قىلىش كېرەك، بۇ قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ خۇپىيانە ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ تىزىملاشقا، ھېسابات قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

17-ماددا ئورۇنلار بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىگە خاتىرىلەنگىنى بىلەن نەرسە، پۇل ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى قەرەللىك سېلىشتۇرۇپ، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىگە خاتىرىلەنگىنى نەرسە، پۇل سوممىسىغا، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىگە خاتىرىلەنگىنى بوغالتىرلىق دوكۇمېنتىنىڭ ئالاقىدار مەزمۇنىغا، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتەرلىرىدىكى مۇناسىپ خاتىرىلەر بىر-بىرىگە، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىگە خاتىرىلەنگىنى بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ ئالاقىدار مەزمۇنىغا ئۇيغۇن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

18-ماددا ئورۇنلارنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى مەزگىلدە قوللانغان بوغالتىرلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بىردەك بولۇشى كېرەك، خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛ ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆزگەرتىش ھەمدە ئۆزگەرتىش سەۋەبى، ئەھۋالى ۋە تەسىرىنى مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىدا ئەسكەرتىش كېرەك.

19-ماددا ئورۇنلارنىڭ كېپىللىكى، ھەل بولمىغان دەۋاسى قاتارلىق ئېھتىماللىق دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىدا ئەسكەرتىلىشى كېرەك.

20-ماددا مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى تەكشۈرۈلگەن بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىدىكى خاتىرە ۋە ئالاقىدار ماتېرىيالغا ئاساسەن تەييارلىنىشى ھەمدە بۇ قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى تەييارلاش تەلىپى، سۇنۇش ئوبيېكتى ۋە سۇنۇش مۇددىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك؛ باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلى، بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ ئەسكەرتمىسى ۋە مالىيە ئەھۋالى چۈشەندۈرمىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئوخشاش بولمىغان بوغالتىرلىق ماتېرىيالىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە سۇنۇلىدىغان مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى تەييارلاش ئاساسى بىردەك بولۇشى كېرەك. ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلى، بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ ئەسكەرتمىسى ۋە مالىيە ئەھۋالى چۈشەندۈرمىسى رويخەتتىكى بوغالتىرلىق تەپتىشلىكىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، رويخەتتىكى بوغالتىر ۋە ئۇ ئىشلەيدىغان بوغالتىرلىق ئورنى چىقىرىپ بەرگەن تەپتىشلىك دوكلاتىنى مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى بىلەن بىرگە سۇنۇش كېرەك.

21-ماددا مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىغا ئورۇن مەسئۇلى ۋە بوغالتىرلىق خىزمىتى مەسئۇلى، بوغالتىرلىق ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى(بوغالتىرلار مەسئۇلى)ئىمزا قويۇشى ۋە تامغا بېسىشى؛ باش بوغالتىر قويۇلغان ئورۇندا باش بوغالتىرمۇ ئىمزا قويۇشى ۋە تامغا بېسىشى لازىم.

ئورۇن مەسئۇلى مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنىڭ چىنلىقى، مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

22-ماددا بوغالتىرلىق خاتىرىسىدە خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىش كېرەك. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا بوغالتىرلىق خاتىرىسىدە شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل مىللىي يېزىقنى تەڭ قوللىنىشقا بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى چەت ئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان كارخانا، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە باشقا چەت ئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ بوغالتىرلىق خاتىرىسىدە بىر خىل چەت ئەل يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشقا بولىدۇ.

23-ماددا ئورۇنلار بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى ۋە باشقا بوغالتىرلىق ماتېرىيالى ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئوبدان ساقلىشى كېرەك؛ بوغالتىرلىق ئارخىپىنى ساقلاش مۇددىتى ۋە كۆيدۈرۈۋېتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

3–باب شىركەت، كارخانىلارنىڭ بوغالتىرلىق ھېساباتىغا دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە

24-ماددا شىركەت، كارخانىلار بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلغاندا، بۇ قانۇننىڭ 2-بابىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلغاندىن تاشقىرى، بۇ بابتىكى بەلگىلىمىگىمۇ ئەمەل قىلىشى كېرەك.

25-ماددا شىركەت، كارخانىلار ئەمەلىي ئىقتىسادىي كەسپىي ئىشلارغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاكتىپ-پاسسىپ، ئىگىدارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى، كىرىم، خىراجەت، تەننەرخ ۋە پايدىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ھېسابلىشى ۋە خاتىرىلىشى كېرەك.

26-ماددا شىركەت، كارخانىلار بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلغاندا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردا بولماسلىقى كېرەك:

(1) ئاكتىپ-پاسسىپنى، ئىگىدارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۆلچىمى ياكى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش، ئاكتىپ-پاسسىپنى، ئىگىدارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھېسابقا يالغان كىرگۈزۈش، ئارتۇق كىرگۈزۈش، كىرگۈزمەسلىك ياكى ئاز كىرگۈزۈش؛

(2) كىرىمنى ھېسابقا يالغان كىرگۈزۈش ياكى يوشۇرۇش، كىرىمنى كېچىكتۈرۈپ ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇئەييەنلەشتۈرۈش؛

(3) خىراجەت، تەننەرخنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۆلچىمى ياكى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش، خىراجەت، تەننەرخنى ھېسابقا يالغان كىرگۈزۈش، ئارتۇق كىرگۈزۈش، كىرگۈزمەسلىك ياكى ئاز كىرگۈزۈش؛

(4) پايدىنى ھېسابلاش، تەقسىملەش ئۇسۇلىنى خالىغانچە تەڭشەش، پايدىنى ئويدۇرۇپ چىقىش ياكى يوشۇرۇش؛

(5) دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

4–باب بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى

27-ماددا ئورۇنلار ئۆز ئورنىنىڭ ئىچكى بوغالتىرلىق نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ئورۇنلارنىڭ ئىچكى بوغالتىرلىق نازارەتچىلىك تۈزۈمى تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:

(1) ھېساب خاتىرىلىگۈچى بىلەن ئىقتىسادىي كەسپىي ئىشلار ۋە بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى تەستىقلىغۇچى، بېجىرگۈچى، مال-مۈلۈك ساقلىغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇق دائىرىسى ئېنىق بولۇشى ھەمدە بىر-بىرىدىن ئايرىم بولۇشى، بىر-بىرىنى چەكلەپ تۇرۇشى كېرەك؛

(2) تاشقى مەبلەغ سېلىش، مۈلۈك بىر تەرەپ قىلىش، مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى چوڭ ئىشلار ۋە باشقا مۇھىم ئىقتىسادىي كەسپىي ئىشلار ئۈستىدە تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجرا قىلىشتىكى ئۆزئارا نازارەت قىلىش، ئۆزئارا چەكلەپ تۇرۇش تەرتىپى ئېنىق بولۇشى كېرەك؛

(3) مال-مۈلۈكنى ئېنىقلاش دائىرىسى، مۇددىتى ۋە تەشكىللەش تەرتىپى ئېنىق بولۇشى كېرەك؛

(4) بوغالتىرلىق ماتېرىيالى ئۈستىدە قەرەللىك ئىچكى تەپتىش قىلىش چارىسى ۋە تەرتىپى ئېنىق بولۇشى كېرەك.

28-ماددا ئورۇن مەسئۇلى بوغالتىرلىق ئاپپاراتى، بوغالتىرلارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بوغالتىرلىق ئاپپاراتى، بوغالتىرلارنى بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بېجىرىشكە ئۈندەشكە، كۈشكۈرتۈشكە، زورلاشقا بولمايدۇ.

بوغالتىرلىق ئاپپاراتى، بوغالتىرلار بۇ قانۇنغا ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى بېجىرىشنى رەت قىلىشقا ياكى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە تۈزىتىشكە ھوقۇقلۇق.

29-ماددا بوغالتىرلىق ئاپپاراتى، بوغالتىرلار بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىگە خاتىرىلەنگىنى نەرسە، پۇل ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى سەزگەندە، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بارلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى؛ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى يوقلىرىنى ئورۇن مەسئۇلىغا دەرھال دوكلات قىلىپ، سەۋەبىنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

30-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس بۇ قانۇنغا ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىش ماتېرىيالى تاپشۇرۇۋالغان تارماق بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولسا، قانۇن بويىچە ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى؛ بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولمىسا، بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان تارماق پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك، پاش قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە پاش قىلىش ماتېرىيالىنى پاش قىلىنغۇچى ئورۇن ۋە پاش قىلىنغۇچىغا بېرىشكە بولمايدۇ.

31-ماددا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا رويخەتتىكى بوغالتىر تەپتىشلىك قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئورۇنلار ھاۋالە قىلىنغان بوغالتىرلىق ئورنىغا بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى ۋە باشقا بوغالتىرلىق ماتېرىيالى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئەينەن يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رويخەتتىكى بوغالتىر ۋە ئۇ ئىشلەيدىغان بوغالتىرلىق ئورنىدىن يالغان ياكى نامۇۋاپىق تەپتىشلىك دوكلاتى چىقىرىپ بېرىشنى ھەرقانداق يول بىلەن تەلەپ قىلىشىغا ياكى ئۇنىڭغا بېشارەت بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

مالىيە تارماقلىرى بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ تەپتىشلىك دوكلاتى چىقىرىپ بېرىش تەرتىپى ۋە دوكلات مەزمۇنى ئۈستىدە نازارەتچىلىك قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

32-ماددا مالىيە تارماقلىرى ئورۇنلارنىڭ تۆۋەندىكى ئەھۋاللىرى ئۈستىدە نازارەتچىلىك قىلىدۇ:

(1) قانۇن بويىچە بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىنى تۇتقان-تۇتمىغانلىقى؛

(2) بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى ۋە باشقا بوغالتىرلىق ماتېرىيالىنىڭ چىن، مۇكەممەل بولغان-بولمىغانلىقى؛

(3) بوغالتىرلىق ھېساباتىنىڭ بۇ قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى؛

(4) بوغالتىرلىق قىلىدىغانلارنىڭ بوغالتىرلىق سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان-ھازىرلىمىغانلىقى.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلار ئۈستىدە نازارەتچىلىك قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ چوڭ گۇمانلىق ئىشلارنى سەزگەندە، گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى نازارەت قىلىنغۇچى ئورۇن بىلەن ئىقتىسادىي-كەسپىي مۇئامىلە قىلىدىغان ئورۇندىن ۋە نازارەت قىلىنغۇچى ئورۇن ھېساب ئاچقان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بۇنى قوللىشى كېرەك.

33-ماددا مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش، باج تارماقلىرى، خەلق بانكىسى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك تارمىقى، سۇغۇرتا نازارەتچىلىك تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش خۇلاسىسى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك. ئالاقىدار نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تارماقلىرى چىقىرىپ بەرگەن تەكشۈرۈش خۇلاسىسى باشقا نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرەلىسە، باشقا نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى، ھېسابنى تەكرار تەكشۈرۈشتىن ساقلىنىشى لازىم.

 34-ماددا قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى نازارەت قىلىدىغان-تەكشۈرىدىغان تارماقلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش جەريانىدا بىلگەن دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.

35-ماددا ئورۇنلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئالاقىدار نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى، بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى ۋە باشقا بوغالتىرلىق ماتېرىيالى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك. رەت قىلىشقا، يوشۇرۇشقا، يالغان مەلۇم قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

5–باب بوغالتىرلىق ئاپپاراتى ۋە بوغالتىرلار

36-ماددا ئورۇنلار بوغالتىرلىق كەسپىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بوغالتىرلىق ئاپپاراتى قۇرۇشى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتتا بوغالتىر قويۇشى ھەمدە بوغالتىرلار مەسئۇلىنى بەلگىلىشى لازىم؛ شارائىتى ھازىرلانمىغان بولسا، تەستىق بىلەن قۇرۇلغان بوغالتىرلىق ئىشلىرى بويىچە ۋاكالىتەن ھېسابقا خاتىرىلەيدىغان ۋاسىتىچى ئاپپاراتنىڭ ۋاكالىتەن ھېسابقا خاتىرىلىشىگە ھاۋالە قىلىشى لازىم.

دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولغان ۋە دۆلەت مۈلكى پاينى كونترول قىلىدىغان ياكى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلار باش بوغالتىر قويۇشى شەرت. باش بوغالتىرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى، تەيىنلىنىش-قالدۇرۇلۇش تەرتىپى ۋە مەسئۇلىيەت ھوقۇق دائىرىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

37-ماددا بوغالتىرلىق ئاپپاراتى ئىچكى قىسىمدا تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى لازىم.

كاسسىرنىڭ تەكشۈرۈش، بوغالتىرلىق ئارخىپىنى ساقلاش ۋە كىرىم-چىقىم، خىراجەت، ھەقدارلىق-قەرزدارلىق ھېساباتىنى تىزىملاش خىزمىتىنى قوشۇمچە ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

38-ماددا بوغالتىرلىق قىلىدىغانلار بوغالتىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشى شەرت.

ئورۇنلاردىكى بوغالتىرلىق ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى (بوغالتىرلار مەسئۇلى) بولغۇچى بوغالتىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغاندىن تاشقىرى، مەسئۇل بوغالتىرلىقتىن يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپە سالاھىيىتىگە ياكى ئۈچ يىلدىن كۆپ بوغالتىرلىق خىزمەت ئىستاژىغىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك.

بوغالتىرلارنىڭ بوغالتىرلىق سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

39-ماددا بوغالتىرلار كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىشى، كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بوغالتىرلارنى تەربىيىلەش ۋە يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

40-ماددا ساختا مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى سۇنۇش، يالغان ھېسابات قىلىش، بوغالتىرلىق دوكۇمېنتىنى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىنى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى يوشۇرۇش ياكى قەستەن كۆيدۈرۈۋېتىش، ئومۇمنىڭ پۇلىنى خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، ۋەزىپە دائىرىسىدە ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق بوغالتىرلىق ۋەزىپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار سەۋەبىدىن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغانلارنىڭ بوغالتىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشى ياكى قايتىدىن ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن بوغالتىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلارنىڭ بوغالتىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە بوغالتىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى قايتىدىن ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

41-ماددا بوغالتىرلار خىزمىتى يۆتكەلگەن ياكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا، ئۆتكۈزۈۋالغۇچى بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى شەرت.

ئادەتتىكى بوغالتىرلار ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، بوغالتىرلىق ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى (بوغالتىرلار مەسئۇلى)نازارەت قىلىدۇ؛ بوغالتىرلىق ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى(بوغالتىرلار مەسئۇلى) ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، ئورۇن مەسئۇلى نازارەت قىلىدۇ، زۆرۈر بولغاندا مەسئۇل ئورۇن ئادەم ئەۋەتىپ بىرلىكتە نازارەت قىلسا بولىدۇ.

 6–باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

42-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى چەكلىك مۇدەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئورۇنغا قوشۇمچە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئۇ دۆلەت خادىمى بولسا، ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئالاقىدار ئورۇن ئۇنىڭغا يەنە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ:

(1) بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىنى قانۇن بويىچە تۇتماسلىق؛

(2) بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىنى خۇپىيانە تۇتۇش؛

(3) دەسلەپكى دوكۇمېنتنى بەلگىلىمە بويىچە تەييارلىماسلىق، ئالماسلىق ياكى تەييارلىغان، ئالغان دەسلەپكى دوكۇمېنت بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولماسلىق؛

(4) تەكشۈرۈلمىگەن بوغالتىرلىق دوكۇمېنتىنى ئاساس قىلىپ بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىگە تىزىملاش ياكى بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىگە تىزىملاش بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولماسلىق؛

(5) بوغالتىرلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش؛

(6) ئوخشاش بولمىغان بوغالتىرلىق ماتېرىيالىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە سۇنۇلىدىغان مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى تەييارلاش ئاساسى بىردەك بولماسلىق؛

(7) بوغالتىرلىق خاتىرە يېزىقىنى ياكى ھېسابقا خاتىرىلەش بىرلىك پۇلىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمەسلىك؛

(8) بوغالتىرلىق ماتېرىيالىنى بەلگىلىمە بويىچە ساقلىماي، ئۇنى بۇزۇۋېتىش، يوقىتىۋېتىش؛

(9) ئورۇننىڭ ئىچكى بوغالتىرلىق نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى بەلگىلىمە بويىچە ئورناتماسلىق ۋە يولغا قويماسلىق ياكى قانۇن بويىچە قىلىنغان نازارەتچىلىكنى رەت قىلىش ياكى ئالاقىدار بوغالتىرلىق ماتېرىيالى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئەينەن تەمىنلىمەسلىك؛

(10) بوغالتىرلارنى تەيىنلەش بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولماسلىق.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

بوغالتىرلاردىن 1-تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بوغالتىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

ئالاقىدار قانۇنلاردا 1-تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارغا جازا بېرىش ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

43-ماددا بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، ساختا مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى تەييارلاپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىش سادىر قىلىنغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرۈلمىگەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئورۇنغا قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئۇ دۆلەت خادىمى بولسا، ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئالاقىدار ئورۇن ئۇنىڭغا يەنە قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەتتا خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرىدۇ؛ ئۇلار ئىچىدىكى بوغالتىرنىڭ بوغالتىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

 44-ماددا قانۇن بويىچە ساقلاشقا تېگىشلىك بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى يوشۇرۇپ ياكى قەستەن كۆيدۈرۈۋېتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىش سادىر قىلىنغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرۈلمىگەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئورۇنغا قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، ئۇ دۆلەت خادىمى بولسا، ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئالاقىدار ئورۇن ئۇنىڭغا يەنە قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەتتا خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرىدۇ؛ ئۇلار ئىچىدىكى بوغالتىرنىڭ بوغالتىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

45-ماددا بوغالتىرلىق ئاپپاراتى، بوغالتىرلار ۋە باشقا خادىملارنى بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېتىشكە، ساختا مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى تەييارلاشقا ياكى قانۇن بويىچە ساقلاشقا تېگىشلىك بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى يوشۇرۇشقا، قەسقەن كۆيدۈرۈۋېتىشكە ئۈندەپ، كۈشكۈرتۈپ، زورلاپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ ئۇ دۆلەت خادىمى بولسا، ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئالاقىدار ئورۇن ئۇنىڭغا يەنە قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرىدۇ.

46-ماددا ئورۇن مەسئۇلى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى توسۇغان بوغالتىرلارغا دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، ئىش ئورنىدىن يۆتكىۋېتىش، خىزمەتتىن بوشىتىش ياكى ھەيدەش قاتارلىق يوللار بىلەن زەربە بېرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئالاقىدار ئورۇن ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. زەربە بېرىلگەن بوغالتىرلارنىڭ نامى ۋە ۋەزىپىسى، دەرىجىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم.

47-ماددا مالىيە تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەريانىدا خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ ياكى دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

48-ماددا بۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پاش قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە پاش قىلىش ماتېرىيالىنى پاش قىلىنغۇچى ئورۇنغا ۋە پاش قىلىنغۇچىغا بەرگەنلەرگە ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئالاقىدار ئورۇن قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

49-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئالاقىدار تارماق ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە جازالايدۇ.

7–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

 50-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:

ئورۇن مەسئۇلى ئورۇننىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا ئورۇن نامىدىن ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئاساسلىق مەسئۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈزگەن بوغالتىرلىق ھېساباتى، بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى، بوغالتىرلىق ئاپپاراتى، بوغالتىرلار ۋە بوغالتىرلىق خىزمىتىنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ.

51-ماددا يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بۇ قانۇندىكى پرىنسىپ بويىچە ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

52-ماددا بۇ قانۇن 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/20/c_131540272_8.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/84065.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#