بۇلار دىگەن ئۇچۇرغا يېقىن كېلىدىغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار، كۆرۈپ بېقىڭ

تۇغماسلىق

تۇغماسلىق

بۇ نورمال جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ ھەمدە ھېچقانداق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى قوللانماي، ئۈچ يىلغىچە بىرگە ئۆتۈپمۇ ھامىلىدار بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك    بۇ يازما 2016-يىلى 07-ئاينىڭ 11-كۈنى يوللانغان

تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى

تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى

بۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن تۇخۇمداندا تەركىبىدە نورمالسىز سۇيۇقلۇق تۇتقان خالتىلىق ئىششىق شەكىللىنىپ، كلىنكىدا ھەيز قالايمىقانلىشىش، تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا مونەك شەكىللىنىش، تۆۋەنكى قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك    بۇ يازما 2016-يىلى 07-ئاينىڭ 11-كۈنى يوللانغان

تۇخۇمدان ئۆسمىسى

تۇخۇمدان ئۆسمىسى

بۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن تۇخۇمدان ھۈجەيرىلىرىدە نورمالسىز ئۆسۈش بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى، ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمىغان ئۆسمە شەكىللىنىپ كلىنكىدا قورساق ئاغرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، بېسىلىش خاراكتېرلىك ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك    بۇ يازما 2015-يىلى 02-ئاينىڭ 27-كۈنى يوللانغان

چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش

چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش

تۇغۇتتىن بۇرۇن، تۇغۇت ۋاقتىدا ياكى تۇغۇتتىن كېيىن كېسەل پەيدا قىلغۇچى جاراسىملارنىڭ جىنسىي يولدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، تۇغۇتتىن كېيىن يەرلىك ئورۇندا ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىشى چىللە دەۋرىدىكى يۇقۇملىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. 

تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك    بۇ يازما 2016-يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۈنى يوللانغان

تولغاقنىڭ كۈچسىز كېلىشى

تولغاقنىڭ كۈچسىز كېلىشى

ئىتتىرىپ چىقىرىش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىز بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىتتىرىپ چىقىرىش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغاندا بالىياتقۇ قىسقىرالماي ياكى قىسقىراش كۈچى يېتەرلىك بولماي، ھامىلىنى سىرتقا چىقىرالمايدىغان كېسەللىك.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك    بۇ يازما 2016-يىلى 07-ئاينىڭ 11-كۈنى يوللانغان

ساغرا بىلەن ئالدىن كېلىش

ساغرا بىلەن ئالدىن كېلىش

ھامىلىنىڭ ئالدىن كېلىش قىسمى ساغرا قىسمى ياكى پۇتى بولسا ساغرا بىلەن ئالدىن كېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. 

تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك    بۇ يازما 2016-يىلى 07-ئاينىڭ 14-كۈنى يوللانغان

ئاق خۇن كۆپ كېلىش

ئاق خۇن كۆپ كېلىش

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاق خۇن مىقدارى كۆپىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «سيلانى رەھىم» دەپ ئاتىلىدۇ. 

تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك    بۇ يازما 2016-يىلى 07-ئاينىڭ 04-كۈنى يوللانغان

تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناش

تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناش

ھامىلە تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە جىنسى يولدىن قان كەلسە ھەمدە قاننىڭ مىقدارى 400ml غا يەتسە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كەتسە بۇ تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناش دىيىلىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناش كۆپىنچە تۇغۇتتىن كېيىنكى ئخۆۆخ سائەت ئىچىدە پەيدا بولۇپ، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئۆلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك    بۇ يازما 2016-يىلى 07-ئاينىڭ 11-كۈنى يوللانغان

ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراش

ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراش

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەبىئىي ھالدا ئۇدا ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق بويىدىن ئاجراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك كېسەللىك.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك    بۇ يازما 2016-يىلى 07-ئاينىڭ 04-كۈنى يوللانغان

ئاياللار تاشقى جىنسىي ئەزالىرى

ئاياللار تاشقى جىنسىي ئەزالىرى

ئاياللار تاشقى جىنسىي ئەزالىرى-جىنسىي ئەزالارنىڭ بەدەن سىرتقى يۈزىدىكى ئوچۇق تۇرغان قىسمى بولۇپ، ئۇلار دوۋسۇن دۆڭچىسى، چوڭ جىنسىي لەۋ، كىچىك جىنسىي لەۋ، دىلچىق، جىنسىي يول دالانچىسى، قىزلىق پەردە، دالانچە چوڭ بېزى، چات ئارلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

تۇرمۇش »ساغلاملىق »گىمناستىكا    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 16-كۈنى يوللانغان