شېكەر مانتا
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1.ياڭاق مېغىزىنى قۇرۇق قورۇپ، بىر قەۋەت پوستىنى چىقىرىۋېتىپ، بۇغدايدەك چوڭلۇقتا يانجىپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان قۇيرۇق ياغ، شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. خېمىرنى يۇغۇرۇش، بولدۇرۇش، جىلىت ئېچىشلارنىڭ ھەممىسى بولاق مانتىنىڭكىدەك بولىدۇ. جىلىتقا ياڭاق قىيمىسىدىن سېلىپ، سوقىچاقراق ياكى ئۈچ بۇرجەك مانتا تۈگۈپ، قاسقانغا سېلىپ، تېز ئوتتا 25 20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
پىشقان مانتا لېگەن ياكى تەخسىگە ئېلىنىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ھەربىر كىشىگە بىردىن كىچىك تەخسە بېرىلىدۇ.
شېكەر مانتىنىڭ قىيمىسىغا ئۇرۇقى يوق ئۈزۈمنى پاكىز يۇيۇپ، ئازراق سوقۇپ ئارىلاشتۇرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.