ئەزپارەتتىپ

ئەزپارەتتىپ

بۇ سۇدا بولىدىغان كىچىك جانلىقلارنىڭ قېپى بولۇپ، قاتتىق، تىرناققا ئوخشايدۇ، رەڭگى قىزىل، ئاققا مايىل، كۆك، قارا، ھەر خىل رەڭلەردە بولۇپ، پۇرىقى خۇشبۇي ئۆزى قاتتىق كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئەزپارەتتىپ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 文蛤

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ سۇدا بولىدىغان كىچىك جانلىقلارنىڭ قېپى بولۇپ، قاتتىق، تىرناققا ئوخشايدۇ، رەڭگى قىزىل، ئاققا مايىل، كۆك، قارا، ھەر خىل رەڭلەردە بولۇپ، پۇرىقى خۇشبۇي ئۆزى قاتتىق كېلىدۇ. خەلق ئارىسىدا بۇنى «قۇلۇلە قېپى» دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ قاپ «ئەزپارەتتىپ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئاغرىق پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش، ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ماددىلارنى يۇمشىتىش.

باش ئاغرىقى، بىھوشلۇق، ھۆللۈكتىن بولغان يۈرەك رىتىمسىزلىقى، ئاشقازان كېسىلى، ئاشقازان ۋە بالىياتقۇنىڭ سوغۇقتىن ئاغرىشى، بالىياتقۇنىڭ بوغۇلۇپ قېلىشى، كۆپ تەرلەش ھەم سوغۇقتىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

1. ئەپىيۇن 0.01 گىرام، بەزىرۇلبەنجى 2 گىرام، شىنجاڭ بالدىرغىنى 2 گىرام، ئەزپارەتتىپدىن 5 گىرام ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچىشكە بەرسە ياكى گۈل يېغى بىلەن مەلھەم قىلىپ باش ساھەسىگە چاپسا، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

2. ئەزپارەتتىپ 5 گىرام، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى 5 گىرام، ئىتياڭىقى ئۇرۇقى 0.03 گىرام، بەزىرۇلبەنجى 5 گىرام، كەندىر 3 گىرام، سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە ئاغرىق پەسەيتىپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ.

9 ~1 گىرام.

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى ۋە تولغاق كېسىلى بولغانلارغا بېرىشكە بولمايدۇ.

باش ئاغرىقىغا سىركەنجىۋىل، تولغاققا گىل ئەرمىنى قوشۇپ بېرىلىدۇ.

قەسبۇززەرىرە.

ئېلىمىزنىڭ دېڭىزلىرىدىن چىقىدۇ.

سۇپۇپى ئەزپارەتتىپ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#