ئەرەب يېرىم ئارىلى

ئەرەب يېرىم ئارىلى

بۇنىڭدىن تەخمىنەن10 مىليون يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىسىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق بىر تۇتاش ئىدى. كېيىن يەر پوستىدا چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىلمىسى شەكىللەنگەن ھەم قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسى چۆكۈپ قىزىل دېڭىز بارلىققا كەلگەن. قىزىل دېڭىز ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى پۈتۈنلەي ئايرىپ تۇرىدۇ. قىزىل دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى بىر بۆلەك يەر سەل تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدىكى يېرىم ئارال بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇ دەل ئەرەب يېرىم ئارىلىدۇر.

ئۇيغۇرچە نامى ئەرەب يېرىم ئارىلى
چەتئەلچە نامى The Arabian Peninsula、شبه الجزيرة العربية
ئاساسلىق مىللەتلەر ئەرەب مىللىتى
ئاساسلىق دۆلەتلەر سەئۇدى ئەرەبىستان ، يەمەن ، ئوممان قاتارلىقلار
خەنزۇچە نامى 阿拉伯半岛报
كىلىماتى ئىسسىق بەلباغ قۇملۇق كىلىماتى
ئاساسلىق تىلى ئەرەب تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەرەب يېرىم ئارىلى يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبى ئەرەب دېڭىزىغا، شەرقى پارس قولتۇقى بىلەن ئومان قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ. شىمالدا ئەرەب دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزى ئاكابا قولتۇقىنىڭ يۇقىرى قىسمىنى چېگرا قىلغان ھالدا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئاساسىي قىسمى بىلەن تۇتىشىدۇ. يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن2240 كىلومېتىر، شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن1200 كىلومېتىردىن1900 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى3 مىليون220 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئارال ھېسابلىنىدۇ.

ئەرەب يېرىم ئارىلىدا يەتتە دۆلەت بار، ئۇلار: سەئۇدى ئەرەبىستانى، يەمەن جۇمھۇرىيىتى، ئومان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، كۇۋەيت ۋە بەھرەين (پارس قولتۇقىدا) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ زېمىنى يېرىم ئارال ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 4 /3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. 

ئەرەب يېرىم ئارىلىبۇ يەرنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ئىقلىمى ئىنتايىن ئىسسىق، يىل بويى سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان ياكى سۈيى بار دەريا، كۆللەر يوق، يېزا ئىگىلىكىدە يەر ئاستى سۈيىگە تايىنىپ تېرىقچىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىقلىمى قاتتىق ئىسسىق ھەم قۇرغاق بولغاچقا، كەڭ كۆلەمدە قۇملۇقلار شەكىللەنگەن، قۇملۇقلار كۆلىمى تەخمىنەن يېرىم ئارال ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 3 /1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى رۇب خالى قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 650 مىڭ كۋادرات كېلومېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىدىن يەنە بىر ھەسسە چوڭ.

ئەرەب تۆگىسى ۋە ئېتىيېرىم ئارالنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن ئاز، كىشىلەر ئاساسەن چارۋىچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كۆپ قىسىم ئادەملەر تۆگە باقىدۇ. بۇ يەردىن چىقىدىغان ئەرەب ئېتى بىلەن ئەرەب تۆگىسى دۇنياغا داڭلىق.

ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئەتراپىدىكى دېڭىز قولتۇقلىرىدا غايەت زور مىقداردىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بار، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يېرىم ئارالدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكىدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانى دۇنيادىكى نېفىتنى ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت، نېفىت سانائىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %80 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستانى «نېفىت پادىشاھلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مەككەئەرەب يېرىم ئارىلى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى بولغان ئىسلام دىنىنىڭ بارلىققا كەلگەن جايى، ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن مۇسۇلمانلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى مەككە ۋە مەدىنىگە كېلىپ تاۋاپ قىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/18576.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#