ئۆتكۈر خارەكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۆرەك شارچىلىرى ۋە بۆرەك توقۇلما ئارىلىق ماددىلىرى كەڭ دائىرىلىك ياللۇغلىنىپ سۇلۇق ئىششىق، سۈيدۈكتە قان، ئاقسىللىق سۈيدۈك، سىلىندىر بولۇش، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، لىمفا بەزلىرى چوڭىيىش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بالىلاردا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
خەنزۇچە نامى 急性肾炎
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەرخىل سەۋەبلەردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۆرەك شارچىلىرى ۋە بۆرەك توقۇلما ئارىلىق ماددىلىرى كەڭ دائىرىلىك ياللۇغلىنىپ سۇلۇق ئىششىق، سۈيدۈكتە قان، ئاقسىللىق سۈيدۈك، سىلىندىر بولۇش، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، لىمفا بەزلىرى چوڭىيىش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بالىلاردا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى كۇليە شەدىد» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى-ئۆتكۈر بۆرەك شاچە بۆرەك ياللۇغى، جىددىي ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغى ۋە ئۆتكۈر ئارىلىق ماددا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن 

ھەرخىل جاراسىملار بىلەن ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى بۆرەك شارچىلىرى ۋە توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان خىلىتى ئوفۇنەتلىگەندە،قان بۇزۇلغاندا بۆرەكنىڭ ياللۇغلىنىش پۇرسىتى يۇقىرى. چۈنكى بۆرەكنىڭ قان ئېقىم مىقدارنى باشقا ئەزالارغا قارىغاندا بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق كەلگەن ھەرخىل جاراسىملار ئاسانلا بۆرەككە ئورۇنلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئەھۋال بۆرەكنىڭ بىرلىكلىرى، قان تومۇرلىرىدا سپازمىلىنىش يۈز بېرىپ، بۆرەككە قان ياخشى يېتىپ بارالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بۆرەك ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە چېكىندۈرىدۇ.

زەنگار سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىبۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى بۆرەك شارچىلىرى ۋە توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 سىرتقى زەخمىلىنىش تەسىرىدىن

ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش قاتارلىق ھەرخىل سىرتقى زەربىلەر سەۋەبىدىن بۆرەك توقۇلمىلىرى زەخىملىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ھەرخىل زەھەرلىك دورىلاردىن زەھەرلىنىش 

سىماب تەركىبلىك دورىلار، ئانتىبىئوتىك دورىلار ۋە باشقا بىر قىسىم دورىلار بۆرەك شارچىلىرى ۋە توقۇلمىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھاراق بىر قىسىم سانائەت بۇيۇملىرىدىن زەھەرلىنىشى

سانائەت بۇيۇملىرى، دېھقانچىلىق دورىلىرى، بۇياق ماددىلىرى، خىمىيىلىك  دورىلار، ھاراق، شاراپ، ئۇندىن باشقا قوغۇشۇن، سىماف، مىس، كۈمۈش، ئارسىنىك **** قاتارلىق ئېغىر مېتاللار ھەر خىل يوللار ئارقىلىق بەدەنگە تەسىر قىلغاندا بۇلار بۆرەك ھۈجەيرىلىرىنى  بىۋاسىتە زەخمىلەيدۇ.

ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش

بادامسىمان بېزى يىرىڭلاش، قىزىل، چېچەك، دېزىنترىيە، خولېرا، كىزىك، سىپتسىميە قاتارلىق كېسەللەردە كېسەللىك جاراسىمى بۆرەكنى يۇقۇملاندۇرۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئانتېگېن ئانىت بىرلەشمە ماددىسى بۆرەك شارچىلىرىغا چۆكۈپ، بۆرەك ياللۇغىنى كەلتۈرۈ پچىقىرىدۇ، غەرب تېبابىتىدە زەنجىرسىمان شارچە جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىشىتن بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

كېسەللىكنڭ باشلىنىشى بىرقەدەر جىددى ھەم بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، تەخمىنەن %50 بىمارلاردا 1.3 ھەپتە بۇرۇن ئانگىنا قوزغاش، تېرە يىرىڭداش بىلەن ئاقىرغانلىق تارىخى بولىدۇ. كېيىن تۇيۇقسىز كېسەللىك ئاشكارىلىنىپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۈيدۈك نورمالسىزلىنىش قانلىق ئاقسىللىق سۈيدۈك مىقدار ئارىلاش، كۆڭۈل ئېلىشىش قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئاساسلىق ئالامەتلەردىن:

ئۆتكۈر بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئالامىتى

1) سۈيدۈك ئازلاش ياكى تۇتۇلۇش، سۈيدۈك مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازلاپ 400~700 مىللىلىتىر بولىدۇ. 100 مىللىلىتىر ياكى كەلمەيدۇ. 100 مىللىلىتىردىن ئازلىسا سۈيدۈك تۇتۇلغانلىق بولۇپ، بىمارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

2) قانلىق سۈيدۈك: كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بولىدۇ. لېكىن دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۈچتىن بىر قىسىم بىمارلاردا ئاددى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىلىك قانلىق سۈيدۈك بولىدۇ. مەزكۇر كېسەللىك ياخشىلىنىپ ئەسلىگە كەلسىمۇ قانلىق سۈيدۈك 6 ئايدىن 3 ئايغىچە ئاندىن يوقىلىدۇ.

 ئاقسىللىق سۈيدۈك

مەسبەت چىقىش نىسبىتى %95 كە يېتىدۇ. سۈزگۈچ پەردە ئۆزگىرىشچانلىقى ئاشقان بولغاچقا، ئاقسىللىق تەركىبلەر ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئاقسىللىق سۈيدۈكنىڭ يوقالمىغى ناھايىتى قىيىن، ھەتتا 1~2 يىلغىچە يوقالمايدۇ.

 سۈيدۈك چۆكمىسى

 سۈيدۈك چۆكمىدە ئاققان دانچىسى ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىسى بولىدۇ. سىلىندىر ۋە ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيلىرى تېپىلىدۇ.

 سۇلۇق ئىششىق

تەخمىنەن %90~80 بىمارلاردا سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ. سۇلۇق ئىششىق ئالدى بىلەن كۆز، قاپاقلاردا بولۇپ، كېيىن تەدرىجىي يۈز قىسمى، تۆۋەندىكى مۈچە، ئۇرۇقدان خالتىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا تەرەققىي قىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىپ كۆكرەك ۋە قورساق بوشلۇقلىرىدا سۇ يىغىلىدۇ. تەخمىنەن بىر، ئىكى ھەپتە داۋاملىشىدۇ. ئېغىر بولغاندا 4~3 ھەپتە داۋاملىشىپ سۈيدۈكنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ سۇلۇق ئىششىق يوقىلىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم

% 90~70 بىمارلاردا يۇقىرى قان بېسىم بولىدۇ. كۆپىنچە ئوتتۇراھال دەرىجىدە يۇقىرى قان بېسىم بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا 200/100mmHg دىن يۇقىرى بولىدۇ. ئادەتتە سۇلۇق ئىششىق يوقالغاندىن كېيىن قان بېسىمىمۇ تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ.

 باشقا ئالامەتلەر

قىزىپ، توڭۇپ تىترەيدۇ، قىزىتمىسى كۆپىنچە ℃39 بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەل ئاغرىيدۇ، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، سۈيدۈك قىستايدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، تاماقتىن سەسكىنىدۇ، بۇرنى قانايدۇ، باش ئاغرىيدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ.

مەركىزى بىز نېرۋا سىستېما ئالامەتلىرى

جىددىي بۆرەك ياللۇغىدا سۇ ۋە ناتىرى بەدەندە يىغىلىپ قالغان بولغاچقا قان بېسىم داۋاملىق ئۆرلەپ كۆزنىك كىچىك ئارتېرىيىلىرىدە سىپازمىلىنىشى بولىدۇ. قان تولۇپ قىزىرىپ قالىدۇ. كۆرۈش كۈچى ئاجىزلايدۇ. بىمارلاردا باش ئاغرىش، باش قىيىنش كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش بولىدۇ. ھوشسىزلىنىش بولىدۇ.

 ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەر 

1. پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش، چارچاش، ماغدۇرسىزلىق، ئىشتىھا تۆۋەنلەش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، بەل ئاغرىش، سىيگەندە بىئارام بولۇش، ئايرىم بىمارلاردا گال ئاغرىش، ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، قىزىيدۇ، تۇڭۇپ تىترەيدۇ، تېرىلەر قورغاقلىشىدۇ. قان ئازلىق بولىدۇ.

2. جىددىي ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئالامىتى:

كېسەللىك تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئاساسلىقى قان سىيىش بولىدۇ (كۆز بىلەن كۆرگىلى بولغۇدەك دەرىجىدە قانلىق سۈيدۈك بولىدۇ)، سۈيدۈك ئازىيىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم بولىدۇ، ئاقسىل سىيىش، سۇلۇق ئىششىق بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قان تۆكۈرۈش، يۆتىلىش، نەپەس تېزلىشىش، كۆكرەك ئاغرىش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

3. ئارىلىق ماددا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئالامىتى:

دورىلاردىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تېرىلەرگە دورا ئەسۋىسى چىقىش، قىزىش بولىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا بوغۇملار ئىششىپ، لىمفا تۈگۈنچىلىرى چوڭىيىدۇ، سۈيدۈكتە ئاقسىل، قان بولىدۇ.

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىبۇ كېسەللىكنىڭ تۈرلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن كېسەللىك ئۆزگىرىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تۆۋەندە ھەرقايسى تۈرلىرىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئايرىم-ئايرىم سۆزلىنىدۇ.

1. ئۆتكۈر بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى: بۆرەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى نورمال ياكى ئازراق چوڭايغان بولىدۇ. سىرتقى يۈزى سىلىق بولىدۇ. كۆپىنچە بۆرەك شارچە قىل قان تومۇرلىرى يېرىلىپ، قاناش بولغانلىقتىن ئۆسۈش بۆرەك شارچە قىسمىدىكى قان تومۇر دىۋارى نېكروزلىنىش، تالالىق ماددىلار سىزىپ چىقىش، بۆرەك شارچە قان تومۇرلىرى ۋە ئارىلىق ماددا ھۈجەيرىلىرى ۋە ئىچكى تېرە ھۈجەيرىلىرى ئۆسۈش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ.

2. جىددىي ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى:

بۆرەك ئازراق چوڭايغان بولۇپ، رەڭگى تاتىرىدۇ. پوستىلاق ماددا ئىچىدە تارماق قاناش توچكىلىرى بولىدۇ. مىكروسكۇپتا تەكشۈرگەندە كۆپ قىسىم بۆرەك شارچە ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ئۆسىدۇ. بۆرەك شارچە خالتىسى ئىچىدە يېڭى ئاي شەكىللىك تەنچە ھاسىل بولىدۇ، يېڭى ئايسىمان تەنچە بۆرەك شارچىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ، پۈتۈن بۆرەك شارچىلىرىنىڭ تالالىشى ۋە ئەينەكسىمان ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئۆتكۈر ئارىلىق ماددا خاراتېرلىك بۆرەك ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى:

ئاساسلىقى بۆرەك ئارىلىق ماددىسى ۋە بۆرەك نەيچىسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولىدۇ. يەنى بۆرەك ئارىلىق ماددىسىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. بۆرەك نەيچىسى ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيرىلىرىدە چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولىدۇ. بۆرەك كىچىك شارچىسى ۋە بۆرەك قان تومۇرلىرىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولمايدۇ.

كۆپ ساندىكى %90 دىن ئارتۇق ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولۇپ، بىرقانچە ھەپتە ياكى بىرقانچە ئايدا مۇنتىزم داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۆسمۈرلەردىكى بۆرەك ياللۇغىنىڭ چوڭلارغا قارىغاندا ئاقىۋىتى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، ئەگەر ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىغاندا سوزۇلما ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئاز بىرقىسىم بىمارلاردا تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇپ، تېز ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بىر قىسىم بىمارلار كۆپىنچە مۇشۇ دەۋردە ئۆلۈپ كېتىشىى مۇمكىن، ئاساسلىق ئەگەشمە كېسەللىكلىردىن:

بۆرەك زەئىپلىشىش

بۆرەكنىڭ قايتا سۈمۈرۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقتىن، سۇ ۋە ناترىي بەدەن ئىچىدە كۆپلەپ تۇرۇپ قىلىپ، قان سېغىمچانلىقى يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكىدىن يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ، سول يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىقىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يۆتىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، قان تۆكۈرۈش، ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىش، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، قىسقىراش دەۋرىدە ئات چاپقاندەك شاۋقۇن ئاڭلىنىش بولىدۇ.

 يۇقىرى قان بېسىملىق مېڭە كېسەللىكى

قان بېسىم يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ. باش ئاغرىش، قۇسۇش، ئېغىرلىرىدا كۆپ ئۇخلاش، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھوشىدىن كېتىش ئالامەتلىرى بولىدۇ. كۆز ئاستىنى تەكشۈرگەندە قان تومۇرلار سپازمىلىنىش، قاناش، سىرغىتما چىقىش بولىدۇ.

 سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش

ئاز ساندىكى بىمارلاردا كېسەللىك دەسلىپىدە ناھايىتى تېز ئېغىرلىشىپ، سۈيدۈك ئازىيىش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش بولۇپ، بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئىپادىلىرى بولىدۇ. سۈيدۈك مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ، ھەزىم ياخشى بولمالسىق، باش ئاغرىش، قۇسۇش بولۇپ، ئېغىرلىرىدا ھوشسىزلىق، كۆپ ئۇخلاش، ئەس-ھوشى ئوچۇق بولماسلىق، ئىشتىھا تۆۋەنلەش، چىرايى تاتىرىش، تۇيۇقسىز سۈيدۈك كۆپىيىش بولىدۇ.

ئۆتكۈر بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىنىڭ دىئاگنوزى ئاساسى

1. كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوزى قويۇلىدۇ. سۈيدۈكتە قان ئاقسىل بولۇش، سۇلۇق ئىششىق، يۇقىرى قان بېسىم بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە تەخمىنەن 3~2 ھەپتە ئىلگىرى ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرى ياللۇغى ۋە تېرە كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2.قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

سۈيدۈكنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈشتە، سۈيدۈكنىڭ مىقدارى ئاز، سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى يۇقىرى بولىدۇ، سۈيدۈكتە ئاقسىل كۆرۈلىدۇ. سۈيدۈك چۆكمىسىدە قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى، ئېپىتىلىيە ھۈجەيرىسى بولىدۇ.

قاننى تەكشۈرگەندە دەسلەپتە ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە نىتروفىل ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىسى يەڭگىل دەرىجىدە ئازىيىدۇ. قاننىڭ چۆكۈش تېزلىكى روشەن تېزلىشىدۇ. قىسمەن بىمارلاردا ASO يۇقىرىلايدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلاردا NPN ۋە BUN نورمال بولىدۇ. تەخمىنەن 3/4 قىسىم بىمارلاردا C3 تۆۋەنلەيدۇ.

جىددىي ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىنىڭ دىئاگنوز ئاساسى

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

سۈيدۈك تۇتۇلۇش ياكى سۈيدۈك ئازىيىش، سۈيدۈكتە قان، ئاقسىل بولۇش، يۇقىرى قان بېسىم بولۇش، سۇلۇق ئىششىق بولۇش، قان تۆكۈرۈش، نەپەس تېزلىشىش، كۆكرەك ئاغرىش، يۆتىلىش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

سۈيدۈكنى تەكشۈرگەندە سۈيدۈك مىقدارى ئاز بولىدۇ. تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بولىدۇ. سۈيدۈك چۆكمىسىدە قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە ھەرخىل سىلىندىرلار بولىدۇ (شامسىمان سىلىندىر) بولىدۇ.

قان تەكشۈرگەندە قىزىل قان ئاقسىلى ئازلايدۇ، كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ بىرىكىش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ. قاندىكى ئورېئا ئازوتى ۋە كرېئاتىن يۇقىرىلايدۇ.

3. ئارىلىق ماددا خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىنىڭ دىئاگنوز ئاساسى:

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

بەدەندىكى ئەسۋە چىقىش، قىزىش، بوغۇملار ئاغرىش، لىمفا تۈگۈنچىلىرى چوڭىيىش، سۈيدۈكدە قان، ئاقسىل بولۇش، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ھەر خىل زەھەرلىك دورىلارنى ئىستېمال قىلغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

سۈيدۈكنى تەكشۈرگەندە: سۈيدۈكتە ئاقسىل، قەنت كۆرۈلىدۇ. سۈيدۈك چۆكمىسىدە ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ.

قان تەكشۈرگەندە: قاندىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى يۇقىرىلايدۇ.

قان تەكشۈرگەندە: قاندىكى قەنت مىقدارى نورمال ياكى تۆۋەن بولىدۇ.

1. سوزۇلما بۆرەك ياللۇغىنىڭ جىددىي قوزغىلىشىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

سوزۇلما بۆرەك ياللۇغىنىڭ جىددىي قوزغىلىشىنى ئىلگىرى ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى كېسىلى ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش، ئۇنىڭدىن باشقا روشەن بولغان قان ئازلىق، داۋاملىشىش خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىم بولۇش، قان پلازما ئاقسىلى تۆۋەنلەش، قاندىكى خولېستېرىن كۆپىيىش، ئىككى تەرەپتىكى بۆرەك سايىسى كىچىكلەش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. ئۆتكۈر سۈيدۈك يولى ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

سۈيدۈك يولى ياللۇغىدىكى قىزىش، توڭۇپ تىترەش، سىيگەندە ئىچىشىپ سۈيدۈك مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولۇش، سۇلۇق ئىششىق، يۇقىرى قان بېسىم بولماسلىق، سۈيدۈكتە كۆپ مىقداردىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى بولۇش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. ئاللېرگىيىلىك سۆسۈن داغدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئاللېرگىيىلىك سۆسۈن داغدىكى بىرلا ۋاقىتتا تېرىدە سۆسۈن داغ پەيدا بولۇش، تېرىگە ئەسۋە چىقىش، بوغۇملار ئاغرىش، قورساق ئاغرىش، قارا مايلىق تەرەت قىلىش، تېرىگە تىپىك بولمىغان ئەسۋىلەر چىقىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

4. سىستېمىلق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسىدىكى تېرە بوغۇم، يۈرەك قاتارلىقلارنىڭ زەخىملنىش ئىپادىلىرى بولۇش، قان تەكشۈرگەندە بۆرە چاقا ھۈجەيرىسى تېپىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

5. بۆرەك سىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

بۆرەك سىلىدىكى ئىلگىرى سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ، سىلىدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش، قان تەكشۈرگەندە قاننىڭ چۆكۈش تېزلىكى يۇقىرىلاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

6. بۆرەك ئۆسمىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

3. يۈرەك، مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلاش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

1. بىمارنى مۇتلەق ياخشى ئارام ئالدۇرۇش، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش، زۇكام بولۇشتىن ساقلىنىش.

2. يېمەك-ئىچمىكىنى چوقۇم تەڭشەش كېرەك. تۇزنى كونترول قىلىش، ئاقسىل مىقدارى تەڭشەش.

3. بەدەندە يۇقۇملىنىش بولسا ئاكتىپ داۋالاش، مەسىلەن: ئانگىنا، يىرىڭلىق چاقا، زۇكام قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

4. جىددىي ئەھۋالدا ئالامىتىگە قارىتا بىر تەرەپ قىلىش.

(1) سۈيدۈك ھەيدەش؛ (2) قان بېسىمى چۈشۈرۈش؛ (3) يۈرەك زەئىپلىشىشنى داۋالاش؛ (4) مېڭە سۇلۇق ئىششىقىنى داۋالاش؛ (5)سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەن بولسا تازىلاش، جىددىي قۇتقۇزۇش.

قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، قان تازىلىغۇچى دورىلاردىن ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70 مىللىلىتىرىدن، ئىترىفىل چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

زەنگار سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، كاكىنەج، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈنگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى  قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ زەنگار سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە: تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئاق موم بەش گرام، گۈل يېغى، بىنەپشە يېغى، سېمىزئوت سۈيى، قىزىلگۈل سۈيى، كاسىنە سۈيى، ھۆل يۇمغاقسۈت سۈيى بەش مىللىلىتىردىن، سىركە مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇپ، داكىنى نەمدەپ، بەل ساھەسىگە قويۇلىدۇ.

قوغۇن ئۇرۇقى، بادام مېغىزى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، نىشاستە، تەرخەمەك ئۇرۇقى، كۆكنار ئۇرۇقى، قاپاق مېغىزى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى ئالتە گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ، ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن يۇغۇرۇپ، 0.5 گراملىقتىن ھەب تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ئارپۈ سۈيى 50 مىللىلىتىر، ئىسپىغۇل لوئابى، بېھى ئۇرۇقى لوئابى 30 مىللىلىتىردىن، بىنەپشە شەربىتى 20 مىللىلىتىر ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئارپا ئۇنى، ئاق سەندەل، مامشا 10 گرامدىن، كاسىنە سۈيى، بىنەپشە شەربىتى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ بەل ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

قاپاق مېغىزى، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، ئارپىبەدىيان 10 گرامدىن ئېلىپ، چالا سوقۇپ، دەملەپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ھەمىشىبار ئۇرۇقى، جوخار 12 گرامدىن، بەدىيان، پىننە 20 گرامدىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 15 گرام، شېكەر 200 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە بىر لىتىر شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماتقىن كېيىن 50 مىللىلىتىر ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

سېرىقچېچەك ئۇرۇقى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 10 گرامدىن ئېلىپ، چالا سوقۇپ، دەملەپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

250 مىللىلىتىر ئەرقى كاسىنىدە بىر گرام كافورنى ئېرىتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

رەۋەن، ئارپا، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمى، بابۇنە، ئىكلىلمىلىك 45گرامدىن، بۇغداي كېپىكى ئىككى كىلوگرام ئېلىپ، 10 لىتىر سۇغا چىلاپ دورىلارنى قاينىتىپ، ۋاننا قىلدۇرۇلىدۇ.

ئەرقى كاكىنەج كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70 مىللىلىتىردىن، ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن، ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، ئۆشبە ئەرقى، شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن، كاكىنەچ شەربىتى، كاكىنەچ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، قۇرسى كاكىنەچ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن، قۇرسى بانادۇق كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن قاتارلىق كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

يۈرەك، مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلاش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، خېمىرى سەندەل كۈندە ىئككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاش، بۆرەكنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ئامىلە نۆشىدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش زەرئۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى سۆئىلەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، لۇبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر ق ېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ بېرىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=845

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=845

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#