تاشقا ئايلانغان سۆڭەك

تاشقا ئايلانغان سۆڭەك

بۇ قەدىمكى ھايۋانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭىكى بولۇپ، مىڭىنى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، كۆپ تەرلەشنى توختىتىش، مەنىينى تىزگىنلەش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، تۇتۇش، جاراھەت ۋە يارا ئېغىزلىرىنى قۇرۇتۇش، گۆش ئۈندۈرۈش قاتارلىق رولى بار.

دورا نامى تاشقا ئايلانغان سۆڭەك
خەنزۇچە ئاتىلىشى 龙骨

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ قەدىمكى ھايۋانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭىكى بولۇپ، يىلنىڭ ھەممە پەسىلىدە قېزىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ توپىدىن چىقاندىن كىيىن شامالداش بىلەن ئاسان ئۇرۇلۇپ كېتىدۇ، شۇڭا قېلىن قەغەز بىلەن پۇختا ئوراپ قۇيۇش لازىم، بۇنىڭ گۈللۈك سىزىقلىرى بار قىسىملىرى تاللىۋېلىنىپ باشقا قىسىملىرى چىقىرۋىتىلىپ، ئۇۋىتىلسا بۇ خام ھايۋان سۆڭىكى بولىدۇ. خام ھايۋان سۆڭىكىنى چوغدا قىزارتىپ، سۇۋىغاندىن كىيىن ئۇۋىتىلسا پىشقان ھايۋان سۆڭىكى بولىدۇ.

ئاساسلىق كالتسىي كاربونات، كالتسىي فوسفات ھەم ئاز مىقداردا تۆمۈر، كالىي، ناترىي، خىلور قاتارلىق ماددىلار بار.

بىرىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق سوغۇق.

مىڭىنى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، كۆپ تەرلەشنى توختىتىش، مەنىينى تىزگىنلەش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، تۇتۇش، جاراھەت ۋە يارا ئېغىزلىرىنى قۇرۇتۇش، گۆش ئۈندۈرۈش.

نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق، سۇزۇلما خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىدىن بولغان ئىچى سۈرۈش، كېچىسى سىيىپ يېتىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. ئاسارۇن 8 گىرام، ئۇدسەلىب 10 گىرام، تاشقا ئايلانغان سۆڭەك 10 گىرام، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە نېرۋا ئاجىزلىقى ھەم ئۇنۇتقاقلىققا شىپا بولىدۇ.

2. كۇندۇر، مەستىكى، ئاقىرقەرھا، تاشقا ئايلانغان سۆڭەك قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 5 گىرامدىن ئېلىپ، سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە سۈيدۈك تۇتالماسلىق، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.

18 ~35 گىرام.

بۆرەك ۋە دوۋساققا زىيان قىلىدۇ.

سۈت، ئىتئۈزۈمى.

كەھرىۋا.

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#