ۋولت سۇ ئامبىرى

ئافرىقىدىكى گانانىڭ ۋولت دەريا بويىغا قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى سۈنئىي كۆل. 1967-يىلى ئاكسۇمبو چوڭ توسمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن، ئۇۇنلۇقى 900 كىلومېتىر، كەڭلىكى 24 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر جايى 74 مېتىرغا يېتىدۇ، مەيدانى 8482 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 148 مىليارد كۇب مېتىر سۇ قاچىلاشقا بولىدۇ، تاشقىندىن مۇداپىئەلىنىش، توك تارقىتىش، سۇغىرىش، قاتناش ھەم بېلىقچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ.

نامى ۋولت سۇ ئامبىرى
تەۋەلىكى ئافرىقا
خەنزۇچە نامى 沃尔特水库
كۆلىمى 8482 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گانا - ئافرىقا غەربىي گۋىنىيە قولتۇقىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان ، ۋولت سۇ ئامبىرى شىمال تەرىپى بۇركىنافاسو ، شەرق تەرىپى توگو بىلەن تۇتىشىدۇ ، غەربىي كوتىدىۋا بىلەن چېگرىلىنىدۇ ، جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىدۇ ، گۋىنىيە ، زېمىن تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ ، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 562 كىلومېتىر . پۈتۈن تېررىتورىيەسىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى تەكشى ، كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تۈزلەڭلىك ،  دېڭىز بويىدىكى ۋە دوگونلار ۋولتا دەريا ۋادىسىدىكى رايونلار تۈزلەڭلىك ، غەربىي جەنۇبىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى ئېگىزلىك ، شەرقىي جەنۇب قىسمى بىلەن ئوتتۇرا قىسمىدا ئىككى قاتار تاغ ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 600 - 700 مېتىر كېلىدۇ .

مەيدانى 8482 كۋادرات كىلومېتىر ، 148 مىليارد كۇب مېتىر سۇ قاچىلاشقا بولىدۇ، تاشقىندىن مۇداپىئەلىنىش، توك تارقىتىش، سۇغىرىش، قاتناش ھەم بېلىقچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. چوڭ توسمىنىڭ ئېگىزلىكى 110 مېتىر كېلىدۇ. بۇ جايغا 912 مىڭ كىلوۋات سائەت توك تارقىتىدىغان بىر سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلغان. بۇ سۇ ئامبىرى گانانىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.

بۈگۈنكى كۈندە ۋولىت كۆلى  تېپىلغۇسىز چوڭ بېلىقچىلىق مەيدانى بولۇپ قالدى

ئاكلاۋىن ئۇ بىر ئىنتايىن گۈزەل دېڭىز ساھىل شەھىرى ، شەھەر ئەتراپىدىكى تەبىئىي سۇ ئۈزۈش كۆلى بار ، شەھەر مەركىزىدىكى دۆلەتلىك مۇزېيى كۆرگەزمىخانا بولۇپ ، قەدىمكى زاماندىكى زامانىۋى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە گانا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار . دېڭىز قىرغىقىدا ئۈچ ئورۇن ئۆتكەن قۇللار قاماپ پوتەي ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ كىرىستان يەرمەنكىسى. شەھەر ئىچىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانى ،نۇرغۇن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مېھمانخانا ،دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ، مەنزىرىسى گۈزەل بولغان سورۇن ، كۆرگەزمىخانا ، قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىخانىسى ، نەقىش , كەشتە , توقۇمچىلىق , گۈل بېسىش ۋە ساپال بۇيۇملارنى ياساش قاتارلىق سېخى ، ئۈستى ئوچۇق تىياتىرخانا ۋە ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. توسما غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بىر چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلىشى بىلەن  سۇ توسمىسى پۈتۈپ ، جىلغىدىكى تاغ باغرىدىكى سۇ بويىدا زامانىۋى شەھەر بازار پەيدا بولغان . بۇ يەردە سۈيى سۈپسۈزۈك ، چەكسىز ، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ ، زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ .

يامغۇر پەسلىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئەڭ ياخشى ساياھەت پەسلى 10 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 3 - ئاي.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#