راۋاب

راۋاب ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان ۋە مىللىتىمىزنىڭ بىردىنبىر ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە چالغۇسىدۇر. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى چاققان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغاچقا، خەلقىمىز مەيلى سەھنىدە بولسۇن ياكى ئىش - ئەمگەك، سەپەرلەردە بولسۇن، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈپ، خالىغان چاغدا چېلىپ كۆڭۈل ئاچالايدۇ. ئۇيغۇر راۋابىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار <قەشقەر راۋابى>، <دولان راۋابى>، <قومۇل راۋابى>، <چاپلىما راۋاب>، <باس راۋاب> ۋە قەدىمىيرەك بولغان <قويچى راۋابى> قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە راۋاب
ئىنگىلىسچە Rawap
خەنزۇچە 热瓦普
تۈرى تارلىق چالغۇلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

راۋابراۋاب ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان ۋە مىللىتىمىزنىڭ بىردىنبىر ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە چالغۇسىدۇر.راۋاب (بۇرۇن <راباب> ۋە <رەباب> دەپمۇ ئاتالغان) بەربابنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بولۇپ، <تەۋارىخى مۇسيقىيۇن> دا < 16-ئەسىردە ياشىغان ياركەنتلىك مۇزىكا ئۇستازى قېدىرخان ياسىغان> دېيىلگەن. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى چاققان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغاچقا، خەلقىمىز مەيلى سەھنىدە بولسۇن ياكى ئىش-ئەمگەك، سەپەرلەردە بولسۇن، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈپ، خالىغان چاغدا چېلىپ كۆڭۈل ئاچالايدۇ. راۋاب چالغاندا، راۋابنىڭ بېشى ئوڭ قول بېلىكىمىز بىلەن ئوڭ مۈرە ئالدىدىكى قولتۇققا تىرەپ، يانتۇ كۆتۈرۈلۈپ چېلىنىدۇ. چېلىش ئۇسۇلى قۇلاي بولغانلىقتىن، مەشرەپلەردە ئولتۇرۇپ ياكى سەپەرلەردە يول يۈرۈپمۇ چېلىشقا بولۇۋېرىدۇ.

ئۇيغۇر راۋابىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار <قەشقەر راۋابى>، <دولان راۋابى>، <قومۇل راۋابى>، <چاپلىما راۋاب>، <باس راۋاب> ۋە قەدىمىيرەك بولغان <قويچى راۋابى> قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ.

راۋاب قۇلاق ئورنى، دەستىسى ۋە راۋاب بېشى (ئەكىس سادا قاپىقى) دىن ئىبارەت ئۈچۈقىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. بېشىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى تەرىپىگە يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان بىر جۈپ قوچقار مۈڭگۈزىنىڭ شەكلى ئورنىتىلغان بولۇپ، راۋاب ھۆسنىگە كۆركەم زىننەت بىر جۈپ قوچقار مۈڭگۈزىنىڭ شەكلى ئورنىتىلغان بولۇپ، راۋاب ھۆسنىگە كۆركەم زىننەت بېغىشلاپ تۇرىدۇ. بۇرۇن راۋابنىڭ يۈزىگە ئات ياكى ئېشەك تېرىسى كېرىلەتتى. ھازىر يۇقىرى سۈپەتلىك راۋابلارغا ئاساسەن يىلان تېرىسى ئىشلىتىلىدىغان بولدى. راۋاب كۆپرەك ياڭاق، ئۆرۈك ۋە چىنار ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. قەدىمكى راۋابلارغا قوي - ئۆچكە ئۈچىيىدىن تار ئېشىلىپ سېلىناتتى. ھازىر ھەممىسىگە ئاساسەن پولات سىم ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇر راۋاپلىرىنىڭ تۈرلىرى ئاساسەن 3 خىلغا بۆلىنىدۇ .

قويچى راۋابى 

دولان راۋابى 

قەشقەر راۋابى 

تۆۋەندە ئۇيغۇر راۋابىنىڭ ۋە ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن 4 تۈرگە بۆلۈپ تۇنۇشتۇرىمىز .

قويچى راۋابى 

دولان راۋابى

ئويما راۋاپ   (ئەسلىدىكى قەشقەر راۋابى) 

تالالىق راۋاپ (ئۆزگەرتىلگەن قەشقەر راۋابى)

تالالىق راۋاپ

يەنى ھازىرقى كومپۇيوتۇردا ئاكورتلاشتۇرغان مۇزىكىلار بىلەن تولاراق مۇشۇ تالالىق راۋاپنى ماسلاشتۇرۇپ چالىدۇ 

بۇ راۋاپ نىڭ كىلىش  مەنبەسى مۇزىكىنىڭ تەرەقىياتىغا ئاساسەن قەشقەر راۋابىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىغان 

قەشقەر راۋابىنىڭ بىر تۈرى بولسىمۇ ، لېكىن ئەسلى قەشقەر راۋابىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدىغان جايلىرى بولغانلىقتىن راۋاپنىڭ بىر تۈرى قىلىپ تونۇشتۇرۇپ ئۈتىىمىز . ئەسلىدىكى قەشقەر راۋابىنى ۋە ئۆزگەرتىلگەن قەشقەر راۋابىنى چۈشۈنۈشكە ئوڭاي بولۇش ئۈچۈن ئەسلىدىكى قەشقەر راۋابى - ئويما راۋاپ ، ئۆزگەرتىلگەن قەشقەر راۋابى-تالالىق راۋاپ دەپ ئايرىپ يېزىلىدۇ .

تالالىق راۋاپتا بەش تال سىم بولۇپ چەتتىكى قوش سىمى بىر خىل ئاۋازغا ئوتتۇرسىدىكى قوش سىمى بىر خىل ئاۋازغا كەينىدىكى تاق سىم  (بوم سىم)

ئايرىم ئاۋازغا سازلىنىدۇ چەتتىكى سىمدىن - ئىچكى سىمغا ھېساپلايمىز .

تالالىق راۋاپقا ئىشلىتىلدىغان سىملار 

34 . 31  نومۇرلىق سىم يالاڭ سىمى   بوم سىم  يەنى گىتارنىڭ ئۈچۈنچى تارىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش 

تالالىق  راۋاپنىڭ سازلىنىشى  

1-سىمى يەنى قوش سىم d ئاۋازغا 

2- سىم يەنى قوش سىم   A ئاۋازغا 

3-سىم  يەنى يالاڭ سىم  بوم سىم  D  تەڭشىلىدۇ 

تالالىق راۋاپ ئاساسلىقى ئىككى خىل تەڭشىلىدۇ بىر خىلى 4 گىرادۇسلۇق ساسلاش بىر خىلى 5 گىرادۇسلۇق ساسلاش دەپ ئاتىلىدۇ  ئادەتتە كۆپاراق قولىنىدىغىنى 4 گىرادوسلۇق سازلاش ئۇسۇلى قولۇنۇلدۇ .

گىرادۇسلۇق ساسلاش ئۇسىلى دىگىنىمىز 

1-قوش سىم  رۇيگە  2-قوش سىم لا غا ئۈچۈنچى بوم سىم رۇي گە سازلىنىدۇ 

بۇلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى چەتتىكى سىم بىلەن ئىچكى سىم 8 گىرادۇس چەتتىكى سىم بىلەن ئوتتۇردىكى سىم 4 گىرادۇس بولۇپ سازلانغانلىقتىن 4 گىرادۇسلۇق سازلاش دەپ ئاتىلىدۇ .

5 گىرادۇسلۇق ساسلاش دىگىنىمىز 

1-قوش سىم دى  گە  2-ئوتتۇردىكى  قوش سىم جى گە ئىچكى بوم سىم دى گە سازلىنىدۇ  .

بۇلارنىڭ ئۆز ئارا  مۇناسىۋىتى چەتتىكى سىم بىلەن ئىچكى سىم 8 گىرادۇس ،چەتتىكى سىم بىلەن ئوتتۇرسىدىكى سىم 5 گىرادۇس بولۇپ سازلانغانلىقتى 5 گىرادۇسلۇق سازلاش دەپ ئاتىلىدۇ .

تالالىق راۋاپ قوش سىم يەنى  دى سىم  ئاساسلەق ئىشلىتىلىدۇ ئوتتۇردىكى جوش سىم  قەنى ئا سىم ئادەتتىكى چېلىشلاردا ئاكورت باسقاندا داۋاملىق ئىشلىتىلىدۇ ئىچىدىكى بوم سىم ئېھتىياجىغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ بۇ راۋاپنىڭ باشقا خىلدىكى راۋاپلاردىن ئالاھىدە پەرقىدىن بىرى شيكى بۇ راۋاپنىڭ سازلىنىشى مەلۇم پەدە ئۈستىگە ئاۋازلارنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن مۇناسىۋىتى ئىلمى ئاساسقا ئىگە بولۇپ سىملارنى ئايرىم چالغاندا ياكى ئاكورت چالغاندا يالغۇز چالغاندا ياكى كولۇكتۇپ مۇزىكىلار بىلەن چالغاندا ئۆز -ئارا ماسلىشىپ ئاھاڭنىڭ ساپ چىقىشىنى تەمىن ئىتىدۇ.

تالالىق راۋاپتا قوش سىم بىر خىل ئاۋازغا سازلانغان بولۇپ چېلىۋاتقاندا بىرسى ئۈزلۈپ كىتىش ئەھۋاللىرى داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ بۇنداق چاغدا ئۈزۈلگەن سىمنىمۇ ئۈزىۋېتىپ باشقىدىن ئۇلاپ سازلاش كېرەك ئەگەر بۇنداق قىلمىغاندا ئۆزۈلگەن سىم ئۈزۈلمىگەن سىمدەك بىراقلا چىڭىپ كىتەلمەيدۇ بۇنداق ھالەتتە سازلىغاندا ئوخشاش سازلانمايدۇ.

قەشقەر راۋابى

قەشقەر راۋابىنىڭ دەستىسىگە كىرىچتىن ياكى سۇلياۋ يىپتىن 20 نەچچە پەدە باغلىنىدۇ. بېشى دۈگىلەك يېرىم شار شەكلىدە ياغاچتىن ئويۇلۇپ، يۈزىگە يىلان تېرىسى كېرىلىپ ياسىلىدۇ. شۇڭىلاشقا، <ئويما راۋاب> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۈزلىكىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 13 سانتىمېتىر، ئادەتتە 6 - 7 تال سىم تار سېلىنىدۇ ھەمدە بىرلا ئالدىنقى تارى ئاساسىي مېلودىيە ئورۇنداش ئۈچۈن، قالغانلىرى قوشۇمچە ئاككورد ياكى سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئاۋازى ياڭراق، جۇشقۇن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. 

قەشقەر راۋابىنىڭ سىرتقى ياغاچ يۈزىگە سۆڭەك ياكى سۇلياۋدىن خىلمۇ خىل گۈزەل مىللىيچە نەقىشلەر قويۇلۇپ، ئالاھىدە ئىشلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب قەشقەر رايونىدا كۆپرەك قوللىنىلغاچقا، <قەشقەر راۋابى> دەپ ئاتالغان.

دولان راۋابى

بۇئەڭ قەدىمكى راۋابلارنىڭ بىرى بولۇپ، دەستىسى بەربابقا ئوخشاش كەڭ ياسىلىدۇ. دولان راۋابىنىڭ دەستىسىگە ئادەتتە پەدە باغلانمايدۇ. بۇ ئۇنى ناھايىتى ئەپچىل سىيرىپ چېلىش، بەزى ئالاھىدە مىللىي پۇراقلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ياخشى شەرت - شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. دولان راۋابىنىڭ يۈزلۈكىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. كۆپىنچىسىگە 15-19 غىچە تار سېلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ئۈچ تال تارى ئاساسىي تار بولۇپ، باشقىلىرى قوشۇمچە ئەكىس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قىسقا ئىككى مۈڭگۈزى باش قىسىمىدىن سەل يوقىرىراق ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئۇسلۇبتا نەقىش قويۇلغان. دولان راۋابى ئۈجمە ۋە ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىپ يۈزلۈكىگە ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلىدۇ. بۇرۇنقى نۇسخىلىرىغا ئۈچەي تار سېلىناتتى. ھازىر ئاساسەن پولات سىم سېلىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭ باش قىسمى ياپىلاقراق، كەڭ كەلگەچكە، ئادەتتە قۇچاققا يانتۇ قويۇپ چېلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات ناھىيىسى قاتارلىق دولان رايونلىرىغا كەڭ تارقالغاچقا <دولان راۋابى> دەپ ئاتالغان.

قۇمۇل راۋابى

قۇمۇل راۋابىمۇ قەدىمكى راۋابلارنىڭ بىرى بولۇپ، ياسىلىش شەكلى چوڭ جەھەتتە دولان راۋابىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق، قۇرۇلمىسىدا مەلۇم پەرقلەر بار

قۇمۇل راۋابى راۋاب بېشى، پەدە قويۇلغان كەڭرەك ئۇزۇن دەستىسى، پەدە قويۇلمايدىغان تارراق قسىقا دەستىسى ۋە قۇلاق ئورنى قاتارلىق تۆت قىسىمدىن ياسىلىدۇ. قۇلاق ئورنى ئۈچ بۈرجەك شەكلىدە بولۇپ، ئالتە دانە قۇلاق بېكىتىلگەن. راۋاب دەستىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسىمى دولان راۋابىغا ئوخشاش ياسىلىپ پەدە قويۇلمايدۇ. تۆۋەنكى قسىمى كەڭرەك بولۇپ، مىستىن 14 دانە پەدەو قويۇلىدۇ.

قۇمۇل راۋابى كۆپىنچە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. راۋاب بېشى (ئەكىس سادا قاپقى) ياغاچتىن ئىچى ئويۇلۇپ، سوقىچاق ۋە ياپىلاقراق ھەمدە سەل چوڭراق ياسىلىدۇ. سوقىچاق بېشىنىڭ كەڭ دىئامېتىرى 23 سانتىمېتىر، تار دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. پەدە قويۇلمىغان دەستىسى 15 سانتىمېتىر، پەدە قويۇلغىنى 28 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 85 سانتىمېتىر.

قۇمۇل راۋابىنىڭ يۈزلىكىگە بۇرۇن ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلەتتى ھەم ئۈچەيدىن تار ئېشىپ سېلىناتتى. ھازىر ئومۇمەن يىلان تېرىسى كېرىلىپ، پولات سىم سېلىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭ 13 تال تارى بولۇپ، ئالدىنقى ئالتە تال تارى ئاساسلىق چېلىنىدىغان تار، قالغانلىرى ئەكس سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. قۇچاقتا يانتۇ قويۇلۇپ، سول قولدا پەدە بېسىپ (كۆپىنچە بىرىنچى قول ئورنىدا)، ئوڭ قولدا زەخمەك بىلەن تار چېكىپ چېلىنىدۇ.

قۇمۇل راۋابىنىڭ خىلمۇ خىل مىللىي پاسوندىكى نەقىشلەر ئويۇلىدۇ. بەزىلىرىگە ھەتتا ئۈنچە - ياقۇتلار قويۇلۇپ نەپىس ياسىلىدۇ. بۇ خىل راۋاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتى تەۋەسىدە كۆپرەك قوللىنىلغاچقا <قۇمۇل راۋابى> دەپ ئاتالغان.

قويچى راۋابى بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغان قەدىمكى راۋاب بولۇپ، شەكلى ئاساسىي جەھەتتىن قەشقەر راۋابىغا ئوخشىشىپراق كېتىدۇ. بىراق، ياسىلىشى ئاددىي، راۋاب بېشى سەل چوڭ، دەستىسىمۇ ئۇزۇنراق كېلىدۇ. 10 نەچچە پەدە باغلىنىدۇ. يۈزلىكىگە ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلىپ ئۈچ تال ئۈچەي تار سېلىنىدۇ. چېلىش ئۇسۇلىمۇ ئاساسەن قەشقەر راۋابى بىلەن ئوخشاش.

قويچى راۋابى

قويچى راۋابىنىڭ ياسىلىشى ئاددىي بولغاچقا، ئۇيغۇر ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئېتىز - ئېرىق، تاغ - ئېدىرلاردا بىر تەرەپتىن مال بېقىپ، بىر تەرەپتىن كۆڭۈل ئېچىشقا ئىنتايىن ماس كەلگەن. شۇڭىلاشقا، كىشىلەر ئۇنى <قويچى راۋابى> دەپ ئاتاشقان. بۇ خىل راۋاب خوتەن دىيارىنىڭ چەت - ياقىلىرىدا ھېلىمۇ ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ.

چاپلىما راۋاب

بۇ ئۈجمە ۋە ئۈرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. بۇ خىل راۋاب ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى سابىق ئۈرۈمچى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار زاۋۇتى تەرىپىدىن قەشقەر راۋابىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ، ئىسلاھ قىلىنىپ ياسالغان يېڭى نۇسخىدىن ئىبارەتتۇر.

بۇ خىل راۋابنىڭ بېشى دۇتارغا ئوخشاش ياغاچ تالالىرىدىن يېرىم شار شەكلىدە چاپلىنىپ ياسىلىپ، يۈزىگە يىلان تېرىسى كېرىلىپ، دەستىسىگە پۈتۈنلەي مېتالدىن پەدە قويۇلىدۇ. باش (ئاساسلىق) پەدىلەر ئارىلىقى ئەنئەنىۋى راۋابلاردەك بوش قالدۇرۇلماستىن، 12 تەكشى ئاھاڭلار تىزىلمىسى قائىدىسى بويىچە باشتىن - ئاياغ تولۇق پەدە بېكىتىلگەن بولىدۇ.

بۇ خىل راۋابنىڭمۇ سىرتقى ياغاچ يۈزىگە سۆڭەك ۋە سۇلياۋدىن گۈللۈك نەقىشلەر قويۇلۇپ ياسىلىدۇ. ئۇنىڭغا جەمئىي بەش تال سىم سېلىنىدۇ. بۇ خىل راۋابنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، مۇڭلۇق بولۇپ، سىرتقى شەكلى ۋە ھەجىمى قەشقەر راۋابىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. چېلىش ئۇسۇلىمۇ قەشقەر راۋابى بىلەن ئوخشاش.

باس راۋاب

بۇ تۆۋەن ئاۋازلىق راۋاب دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <باس > دېگەن سۆز نېمىسچە دەپ يېزىلىپ، <تۆۋەن>، <تۆۋەن ئاۋازلىق> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل راۋابنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى ئومۇمەن چاپلىما راۋاب بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بىراق، ھەجمى چوڭراق بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭغا جەمئىي ئۈچ تال بوم تار (ئېشىلگەن پولات سىم) سېلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا مۇھىم بولغان تۆۋەن ئاۋازلىق چالغۇ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە باش قىسمى ئوڭ پۇت تېقىمىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، يانتۇ تۇتۇلۇپ چېلىنىدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ قامۇسى:راۋاب 

http://baike.baidu.com/view/26426.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#