ئوتتۇرا ئاسىيا

ئوتتۇرا ئاسىيا، ئاسىيا ئوتتۇرا رايونلىرى ئىچىدىكى تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قازاقىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئوتتۇرا ئاسىيا
چەتئەلچە نامى Central Asia
نوپۇسى 66 مىليون 446 مىڭ 14 (2013)
نۇپۇسى كۆپ دۆلەت ئۆزبىكىستان
خەنزۇچە نامى 中亚
كۆلىمى 4 مىليون 3 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر
نوپۇس زىچلىقى 17 ئادەم /ھەر كۋادرات مېتىرغا (2013)
ئاساسلىق دىنى ئىسلام دىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوتتۇرا ئاسىيائوتتۇرا ئاسىيا ئەڭ قەدىمكى چاغلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئالتۇن بۆشۈكىنىڭ بىرىدۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخچى مورگان :«دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ ئاچقۇچىسى تارىم ۋادىسىغا كۆمۈكلۈكتۇر. بۇ ئاچىقۇچ قاچان تېپىلىدىكەن شۇ چاغدا دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ سىرى ئېچىلغۇسى» دېگەن ئىدى.

ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، ئىنسان بالىلىرى ئەڭ قەدىمكى چاغلاردىن تارتىپ، ھايات كەچۈرۈشكە ئەپلىك بولغان دەريا، كۆل ، دېڭىز بويلىرى، ئورمانلار ،يېشىل دېڭىزلاردەك دولقۇنلىنىپ تۇرىدىغان چەكسىز يايلاقلار، ياپيېشىل قارىغايلار، ئارچىلار ،قاپلانغان تاغنىڭ قاپتاللىرىدا ياشىغان.

ئىنسانلار ئۆزلىرى ياشىغان جايلارنىڭ تەبئىي شارائىتىغا قاراپ، ئوۋچىلىق ،چارۋىچىلىق،دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك،ھۈنەرۋەنچىلىك ، سودا - سېتىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ،كۆچمەن ھەم مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ ھايات كەچۈرگەن.گېئولوگىيلىك تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا ،ئوتتۇرا ئاسىيا ئەڭ قەدىمكى چاغلاردا ئىنسانلار ھايات كەچۈرۈشكە تولىمۇ ئەپلىك تەبئىي شارائىتىغا ئىگە ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان گېئولوگىيلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا ، تارىم ۋادىسىدا ياكى جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا بولسۇن ، نېفت زاپىسىنىڭ كۆپلىكى ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى بىلەن دۇنيانى ھەيران قالدۇردىغان نېفتلىك تېپىلدى. بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيىتقاندا ، 1مىليون 600 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ زېمىنىنىڭ ئاستى تۈرلۈك تۈمەن بايلىقلار ، ھەتتا دۇنيادا كەم ئۇچىرايدىغان ئوران،رادىي قاتارلىق ئېسىل تەبئىي بايلىقلار خەزىنىسى ، نېفت دېڭىزى ۋە كۆمۈر كانلىرى دۇنياسىدىن ئىبارەت.

شىنجاڭ زېمىنىدا نېفتلىكلەر ۋە كۆمۈر كانلىرىنىڭ كۆپلىكى ئەڭ قەدىمقى چاغدا تارىم ۋادىسى بىلەن جۇڭغارىيە ئويمانلىقى ناھايىتى چوڭ ئىچىكى دېڭىز بولغانلىقى ،تاغلارنىڭ ۋە تاغ ئېتەكلىرىنىڭ چەكسىز قېلىن ئورمانلار بىلەن قاپلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، چۈنكى، تەبىئەتتە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر (ناھايىتى دەھشەتلىك ، قاتتىق يەر تەۋرەشلەر ، قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرى ) نەتىجىسىدە، شىنجاڭدىكى ئىككى چوڭ ئىچىكى دېڭىز كىچىكلەپ ، قۇرۇقلۇق يۈزى كېڭەيگەن،ھازىرقى سايرام ، باغراش، لوپنۇر كۆللىرى قەدىمكى ئىچىكى دېڭىز ئورنىدا قالغان قالدۇق كۆللەردۇر. دېڭىزلارنىڭ قۇرۇقلققا ئايلىنىش نەتىجىسىدە، ھەددى ھېساپسىز سۇ ھايۋانلىرى تۇپراق ئاستىدا قېلىپ، مىليون يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن نېفىت ھاسىل بولغان. چەكسىز كەتكەن قارىغاي ئورمانلىرىمۇ تەبىئەتتىكى ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە تۇپراق ئاستىدا قېلىپ ، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆمۈرگە ئايلانغان.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىنىڭ ئەڭ قەدىمكى چاغدىكى تەبئىي شارائىتىمۇ خۇددى بىز يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئەھۋالدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى.

گېئولوگيلىك تەكشۈرۈش نەتىجىللىرىگە ئاساسلانغاندا ، قەدىمكى چاغلاردا ئاسىيا، ياۋرۇپا قىتئەلىرىنىڭ شىمالى قىسىمى مۇز بىلەن قاپلانغان. بۇنداق ئەھۋال ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىيتىگە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. شۇ سەۋەپتىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پامىر تاغلىرى، قارا قۇرۇم تاغلىرى، تەڭرى تاغلىرى، ئالتاي تاغلىرىنىڭ چوققىلىرى ۋە قىيالىرى ھازىرغا سېلىشتۇرۇپ بولمايدىغان دەرىجىدە ناھايىتى قېلىن مۇز ۋە قارلار بىلەن قاپلانغان ئىدى. مەسىلەن :«پامىر مۇزلۇقلىرىدىن بىرىنىڭ ھازىرقى ئۇزۇنلۇقى 77 كىلومېتىر، قېلىنلىقى 500 مېتىر بولغان بولسا، قەدىمكى چاغدا شۇ مۇزلۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 180 كىلومېتىرغا سوزۇلغان بولۇپ، قېلىنلىقى 1000 مېتىرغا يەتكەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى مۇزلۇقلارنىڭ تۆۋەن جايىدىكى چىگىرىسى دېڭىز يۈزىدىن 1800 مېتىر ئېگىز ئىدى، ھازىرقى مۇزلۇقلارنىڭ تۆۋەن جايىدىكى چىگىرىسى دېڭىز يۈزىدىن 3200 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئەمەس.»

يۇقىرىدىكى تەبىئىي ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ھازىرقى ۋاقىتتىن ئون نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبئىي ئىقلىمى ھازىرقىغا قارىغاندا نەم بولۇپ ، ھۆل - يېغىن كۆپ ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ، قەدىمقى چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاغلارنىڭ مۇزلۇق ، قارلىق چوققىلىرى ۋە ئىگىز قىيالىرىدىن كۈن نۇرىدا ئېرىپ ھاسىل بولغان سۇلار ناھايىتى مول سۇلۇق دەريالارنى ، چوڭ -چوڭ ئىچىكى دېڭىزلارنى ، كۆللەرنى پەيدا قىلغانىدى.بۇنداق شارائىت ئوتتۇرا ئاسىيادا دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرگەندىن تاشقىرى ، ئورمانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ قولاي شارائىت يارىتىپ بەرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمى (ئاساسەن تارىم ۋادىسى) ۋە غەربىي قىسىمى (سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسى) ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ناھايىتى مۇنبەت ۋە ھوسۇللۇق رايونلىرى ئىدى.

شۇ چاغلاردا تارىم ۋادىسىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى، جۇڭغارىيىدىكى قۇربان تۇڭغۇت (قازان قۇم) قۇملۇقى، تۈركمەنىستاندىكى قىزىلقۇم چۆللۈكى، ئۆزبىكىستاندىكى قارا قۇرۇم قاتارلىق چۆللۈكلەر يوق ئىدى. ھازىرقى سايرام ، باغراش، لوپنۇر، بارىكۆل، بالقاش، ئارال كۆللىرى ناھايىتى چوڭ كۆللەر ئىدى. تارىم دەرياسى، ئىلى دەرياسى، سىر دەرياسى ،ئامۇ دەرياسى،چۇ دەرياسى ، تالاس دەرياسى قاتارلىق دەريالارنىڭ سۇلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارماق غوللىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى خۇددى ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك قاپلاپ تۇراتتى.

گىئولوگىيە ۋە ئاخېلوگىيە ئىلمىنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ئىلمى تەكشۈرۈشلىرى ئارقىلىق چىقارغان توغرا ھۆكمىگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىيتىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن. شۇ سەۋەپتىن، ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ئاسىيانىڭ شەرق ۋە غەرپ تەرەپلەرگە كۆچۈپ كېتىشىگە مەجبۇر بولغان. شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقي بۆلىكى بولغان تارىم ۋادىسىدا ياشايدىغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىر قىسىمى ئالتاي ئارقىلىق كۆچۈپ، ھازىرقى مۇڭغۇلىيە ۋە بايقال كۆلى ئەتراپلىرىغا كەتكەن. مىلادى 840-يىلى مۇڭغۇلىيەدىن شىنجاڭغا كۆچكەن شەرقىي ئۇيغۇرلار بولسا بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇن تارىم ۋادىسىدىن مۇڭغۇلىيەگە ۋە بايقال كۆلى ئەتراپلىرىغا كۆچكەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەۋلادى ئىدى.

بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇنقى كۆچۈشتە تارىم ۋادىسىدىن لاداق يولى ئارقىلىق شىمالىي ھىندىستانغا كۆچكەن ئەجدادلىرىمىز ھىندىستاننىڭ ئەسلى يەرلىك خەلقى بولغان داراۋىدلارنىڭ قەدىمكى ھىندىستان مەدىنىيتىگە ئۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتكەن.XX ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ئارخىلوگىيە ئالىملىرى ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى ھاراففا، موھىنجودارا قاتارلىق قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ خارابىلىرىنى تەكشۈرگەندە، تېپىلغان ھەيكەللەر ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈرك(ئۇيغۇر) تىپىغا كىرىدىغان ۋە بېشىدىكى چاچلىرى قىيىقچە بىلەن باغلانغان بىر ھەيكەل چىققان.

كىلىماتى 

ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولغاچقا، شەرقىي جەنۇبىي چېتى ئېگىز تاغ بىلەن ئايرىلىپ ھىندى ئوكيان، تىنچ ئوكيان ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمى، بۇ رايوننىڭ كىلىماتى تىپىك مۆتىدىل بەلباغ قۇملۇق، ئوتلاق چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا ئىگە، ئۇنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى: بىرىنچى ، ھۆل –يېغىن ئاز، ئىنتايىن قۇرغاق. ئادەتتە، يىللىق يېغىن مىقدارى 300 مىللىمېتىر تۆۋەن، ئارال دېڭىزى ئەتراپى ۋە تۈركمەنىستان چۆل يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى پەقەت75 مىللىمېتىردىن 100 مىللىمېتىرغىچە، ھالبۇكى، تاغلىق رايونلاردا يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، فەرغانە تېغى غەربىي جەنۇبىي ئېتىكىدىكى بەزى رايونلار 2000 مىللىمېتىر، لېكىن تاغ ئىچىدە قۇملۇق رايونى بار، يامغۇر مىقدارى ئاز ، مەسىلەن، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاران 60 مىللىمېتىر؛ 

سۇ رايى ئالاھىدىلىكى

يەر شەكلى ئالاھىدىلىكى شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالى پەس، شۇڭا دەريا يۆنىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن غەربىي شىمال يۆنىلىشتە ئاقىدۇ. سۈيى ئاز، ئاز سۇ ئېنېرگىيىسى. كەلكۈن مەزگىلى ئەتىياز ۋە ياز، سەۋەبى مۇزلۇق تاغنى ئېرىتىش ۋە ياز پەسلىدىكى يامغۇرسۈيىگە تايىنىلىدۇ. 

دەريا كۆللەر  

تەبىئىي جۇغراپىيەلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق دەريالارنىڭ ھەممىسى ئوكيانغا تۇتىشىدۇ، دەريا سۈيى يەر سۇغىرىشتىن سىرت، باشقا قۇرۇقدىلىپ قالغان رايونلارغا ئىشلىتىلىدۇ، ياكى غايىپ بولغان چۆل، ياكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى كۆللەرگە قۇيۇلىدۇ. 

بۇ ھەيكەل بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇن تارىم ۋادىسىدىن شىمالىي ھىندىستانغا كۆچكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىيانلار ھىندىستانغا كۆچۈپ كېلىشتىن بىر نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا ھىندىستاننىڭ ئاساسىي يەرلىك خەلقى دارۋىدلار بىلەن بىللە ياشىغان دەۋىرىگە مەنسۇپ.

شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى 1971- يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئىپتىدائىي قەبىرىستانلىقتىن بىر ياش ئايال بىلەن بىر كىچىك بالىنىڭ جەسىتىنى تاپقان . نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتى كاربون 14 تەجىربىخانىسى قەبىرىستاندىن تېپىلغان ياغاچلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق جەسەتلەر نىڭ بۇنىڭدىن 6412 يىل بۇرۇن دەپنە قىلىنغان جەسەت ئىكەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلانغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەر«خەلىق گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ (ئۇيغۇرچە)1981-يىل 2-ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جەسەتلەر توغرىسىدا شىنجاڭ گېزىتىدە مۇنداق دىيىلگەن:«بۇ جەسەتلەر يەر يۈزىدىن ئېگىزرەك بولغانقۇرغاق قۇم دۆۋىسىدىن قېزىۋېلىنغان، گۆرنىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ياغاچ قويۇلغان بولۇپ، يەر ئۈستىدىن كۆرنۈپ تۇرىدۇ.گۆر تىك قىلىپ قېزىلغان.جەسەتلەر گۆردە ئوڭدا ياتقۇزۇلغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغاچ تاختايۋە تاختاينىڭ ئۈستىگە قوي تېرىسى بىلەن چىغ توقۇلما يېپىلغان.جەسەت ناھايىتى قۇپال توقۇلغان رەخىتكە ئورالغان بولۇپ ،ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا كىگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن. ئۇنىڭ سېرىق ئۇزۇن چاچلىرى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. كۆزلىرى يوغان كىرپىكلىرى ئۇزۇن، قاڭشارلىق... بۇ قەدىمكى جەسەتلەر بىلەن بىرگە قېزىۋېلىنغان ئاخىرەتلىكلەر ئىچىدە ناھايىتى نەپىس توقۇلغان چىغ سېۋەتلەر بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىگە زىرائەت دانلىرى سېلىنغان، ئەمما بۇ دانلار چىرىپ ئۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن.بالا جەسەت بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سېۋەتتىن ئۆز پېتى ساقلانغان بۇغداي چىقتى.»

بۇ ئىككى جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقى بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇنقى كۆچۈشتە باشقا جايلارغا كەتمەي تارىم ۋادىسىدا داۋاملىق ياشاپ قالغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىتنىك خۇسۇسىيتى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىنى تەتقىق قىلىشتا بىباھا ئەھمىيەتكە ئىگە.

شۇنى ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇ كى ، تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئەڭ قەدىمكى يەرلىك ئاساسى خەلق سېرىق تەنلىكلەرگە مەنسۇپ بولماستىن ۋە شۇنىڭدەك ئارىيان نەسىللىك خەلىقمۇ بولماستىن دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى.

بۇ رايوننىڭ يەر شەكلى، يەر شەكلى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق، ئۇنىڭ نوپۇسنىڭ تارقىلىشى ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى : بىرىنچى، نوپۇس زىچلىقى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھەر كۋادرات كىلومېتىر ئاران 12 ئادم . بۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستان ۋە تۈركۈمەنىستان ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كۋادرات كىلومىتېرغا ئاران 6.1 ۋە 7.2 ئادەم، پەقەت ئۆزبېكىستان نوپۇس بىرقەدەر زىچ، سانى 514 كە يەتتى؛ ئىككىنچى، نوپۇسنىڭ تارقىلىشى تولىمۇ تەكشىسىز. تاغلىق رايوندا ھەر بىر كۋادرات كىلومىتېرغا ئاران بىردىن ئىككىگىچە، بۇ قاراقۇرۇم قۇملۇقى، قىزىلقۇم ۋە قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى چۆللۈك ئاساسەن ئىنس - جىندىن ئەسەر يوق، نۇرغۇن ئاھالىلەر بوستانلىقى ۋە چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدا زىچ. مەسىلەن، باياشات پەرغانە ئويمانلىقى ھەربىر كۋادرات يەتكىنى يەتكەن ئادەم . قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە تۇرۇشلۇق چۇ دەرياسى ئويمانلىقى جۇمھۇرىيەت زېمىنىنىڭ %12 نى ئىگىلەيدۇ، جۇمھۇرىيەت % 35 بولغان نوپۇس مەركەزلەشكەن؛ ئۈچۈنچى، تۇغۇلۇش نىسبىتى بىلەن تەبىئىي ئېشىش نىسبىتى يۇقىرى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك % 30 يۇقىرى، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى % 25 ئەتراپىدا بولىدۇ. تۆتىنچى، 20- ئەسىردىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى 20 - 30 يىل ، مۇتلەق نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى تېز. 

20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق مىللەتلەر، تۈركمەنلەر، ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار، تاجىكلار، پۇشتۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن. سوۋېت دەۋرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن روسىيە ۋە باشقا سلاۋىيانلار ئاھالىلەر كۆچۈپ كىرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى مىللەتلەر، مەسىلەن، تاتارلار، نېمىسلار، كورېئانلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن زورلۇق ۋاستىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كىرگەن. 21 - ئەسىردىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردە كۆپ مىللەتلىك بىر پۈتۈن دۆلەت بولۇپ قالدى.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بولسا ئىسلام دىنى ئاساس قىلىنغان كۆپ دىنلىق رايون. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئاساسلىق، قازاق، تۈركمەن، ئۆزبېك، جىرجىستان، تاجىكستان، پۇشتۇ مىللىتى ھەممىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#