ئالاغىر قوغۇن

ئالاغىر قوغۇن

ئالاغىر قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ يوپۇرغا ، مارالبېشى رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالاغىر قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ يوپۇرغا ، مارالبېشى رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈش كۈچى ئاجىز ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 251 سانتىمېتىر . توملۇقى 1.4 سانتىمېتىر ، شاخلىنىش كۈچى ئوتتۇراھال ، پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 105 -118 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 6.4 كىلوگرام كېلىدۇ،  بۇ خىل سورت توشۇشقا بىر قەدەر چىداملىق ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ياخشى.


بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ يەتتىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلەكنىڭ بىرىنچى بوغۇمدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۈل ئېچىلىپ 58 -62 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ ، گۈلى قوش جىنىسلىق . 

مېۋىسى 

ئالاغىر قوغۇن شەكلى ئېللىپىسمان ، دىئامېتىرى 20.2 * 33.3 سانتىمېتىر ، پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلمەيدۇ، شاپاق تەگ رەڭگى بوز رەڭدە ئۈستىدە يېشىل رەڭلىك تىلىم ئىزى شەكىللەنگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 1.1 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 5.9 سانتىمېتىر ، رەڭگى قىزغۇچ ، شىرنىلىك ،تالاسى كۆپ ، تەمى ئوتتۇراھال تاتلىق، قەنت مىقدارى % 12 - 7 ئەتراپىدا .

ئۇرۇقى 

ئۇرۇقى سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 1.3 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.55 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 63 گرام كېلىدۇ .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#