كۆكتاش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ سۇلفات كىسلاتا تۇزلىرى تۈرىدىكى كان ماددىسى كۆكتاشنىڭ كىرىستال رۇدىسى ياكى سۈنئىي ياسالما، تەركىبىدە سۇ تۇتقان مىس سۇلفات كىسلاتاسىدۇر. مىس كانلاردىن قېزىپ ئېلىپ كۆك رەڭلىك ۋە سۈزۈكلىرى تالىۋېلىنىدۇ، بۇ رۇدىنىڭ تازىلاپ ئېلىنغان ماددىسى ياكى سۈنئىي ياسالغىنى «كۆكتاش» ياكى «دانە پەرەك» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۆلچەمسىز، كاللەك شەكىللىك كىرىستال جىسىم، رەڭگى توق كۆك ياكى سۇس كۆك، يېرىم سۈزۈك بولىدۇ، ئەينەكتەك پارقىرايدۇ، ئۆزى چۈرۈك بولۇپ، ئاسان ئېزىلىدۇ، تەمى قېرىق، پۇراقسىز كېلىدۇ.
بۇنىڭدا ئاساسلىق مىس سۇلفات (Copper sulfate) بار.
ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.
تۆتىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
جاراھەت قۇرۇتۇش، ئارتۇق گۆشنى يېيىش، غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش.
ھەر خىل يارا ۋە جاراھەتلەر، ئىچى سۈرۈش ھەمدە قان بوزۇلۇشتىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
1. كۆكتاشنىڭ كۈشتە قىلىنغان تالقىنىنى مۇناسىپ ياغلار بىلەن مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا سىرتتىن چېپىپ بەرسە، زەخمىلەرنى، جاراھەتلەرنى پۈتتۈرىدۇ.
2. كۆكتاشنىڭ كۈشتە قىلىنغان تالقىنىنى يەرلىك ئورۇنغا مۇۋاپىق سېپىپ بەرسە، كۆزنىڭ بۇرجەكلىرى، ياش خالتىسى، چىش مىلىكىگە چۈشكەن قاپارتقۇلار ۋە چىش مىلىكى قاناش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زەھەرلىك، سىرتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە زىيان قىلىدۇ.
قايماق، سۈت، تۇخۇم ئېقى، شورپا قاتارلىقلار.
مەدەستان.
يۈننەن، شەنشى، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
مەلھىمى زەنكار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.