مۇز توپ

مۇز توپ تەنھەركىتى

مۇز توپ «مۇز ئۈستىدىكى چوماق توپ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىدۇر. مۇز توپ توپ دەپ ئاتالغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ قاتتىق كاۋچۇكتىن ياسالغان يۇمىلاق ياپراقچىدىن ئىبارەت.


ئۇيغۇرچە ئىسمى مۇز توپ
خەنزۇچە ئىسمى 冰球

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇز توپمۇز توپ «مۇز ئۈستىدىكى چوماق توپ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىدۇر. 

مۇز توپ توپ دەپ ئاتالغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ قاتتىق كاۋچۇكتىن ياسالغان يۇمىلاق ياپراقچىدىن ئىبارەت. 1855-يىلى كانادانىڭ كىنگستون شەھىرىدە بىر خىل مۇز ئۈستى ئويۇنى تارقالغان، قاتناشقۇچىلار پۇتىغا كانكى تېڭىپ، قولىغا ئەگرى تاياق ئېلىپ مۇزى قاتقان كۆلنىڭ ئۈستىدە يۇمىلاق ياغاچ ياپراقچىسىنى قوغلىشىپ ئۇرۇپ، تىكلەپ تۇرغۇزۇلغان ئىككى تال ياغاچنى ۋاراتا قىلغان ۋە ياغاچ ياپراقچىسىنى ۋاراتاغا كۆپ كىرگۈزگەن تەرەپ ئۇتقان بولىدۇ دەپ بەلگىلىمە چىقارغان. مانا بۇ، ھازىرقى زامان مۇز توپىنىڭ ئەجدادىدۇر. ھازىرقى زامان مۇز توپتا مەيداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئۈسكۈنىلەرنىڭ سۈپىتى، مەيدانغا چۈشىدىغان ئادەم سانى، مۇسابىقە قائىدىسى دېگەنگە ئوخشاشلارغا بىر قاتار ئېنىق ئىلمىي بەلگىلىمىلەر تۇرغۇزۇلغان، بۇ تۈردە ئۆزگىرىشچان، تېز مۇز تېيىلىش ماھارىتى بولۇشلا ئەمەس، يەنە ئەپچىل تاياق ماھارىتىنى ئىگىلەش ھەمدە نىسبەتەن كۈچلۈك قارشىلىشىشىچانلىققىمۇ ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

مۇز توپدۇنيادىكى چوڭ مۇز توپ مۇسابىقىلىرىدىن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن باشقا، ئەڭ مۇھىم مۇسابىقە دۇنيا مۇز توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ، 1924-يىلىدىن باشلاپ، 1940-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلمىگەندىن سىرت، ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلمەكتە. قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەنلىكى ۋە سەۋىيىمۇ بىردەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇسابىقە تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قاراپ A، B، C ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، كانادا، چېخوسلوۋاكىيە، شۋېتسىيە، فىنلاندىيىلەر ئۇزاق مەزگىل دۇنيا مۇز توپىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ تۇرغان. ئېلىمىزدە مۇز توپ ھەرىكىتى باشلانغىنىغا60 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي قانات يايغىنى كېيىنكى 40 يىل ھېسابلىنىدۇ. 1972-يىلى دۇنيا مۇز توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ C گۇرۇپپىسىغا قاتناشقاندىن بۇيان ئىككى قېتىم B گۇرۇپپىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما پۇت تىرەپ تۇرالماي، كېيىنكى يىلى C گۇرۇپپىغا چۈشۈپ قالغان، 1989-يىلىغا كەلگەندە يەنىلا C گۇرۇپپىنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيىسىدە تۇرماقتا.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#