نجامېنا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نجامېنا __ چادنىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى. غەربىي چېگرىسىغا جايلاشقان، لوگون، شەرىئەت ئىككى دەريا قوشۇلغان جايدىكى شەرقىي شىمال تەرەپ. ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 510 مىڭدىن ئاشىدۇ(1984). يەر مەيدانى 15 مىڭ كۋادرات كىلومېتر.
نجامېناشەرىئەت دەرياسى شەھەر ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئۇ نجامېنانىڭ ھاياتلىق بۇلىقى، شۇنداقلا شەھەر مەنزىرىسىگە ھۆسىن قوشىدۇ.
نجامېنا ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىغا سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شىمالىي تەرىپى لىۋىيە، جەنۇبىي تەرىپى ئوتتۇرا ئافرىقا، كامېرون بىلەن چېگرىلىنىدۇ. غەربتە نىگېر ، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەرقىي سۇدان بىلەن چېگرىداش. يەر تۈزۈلۈشى بىر قەدەر تەكشى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 500~300 مېتىر، پەقەت شىمالىي، شەرق،جەنۇبىي چېگرا رايونى ئېگىز تاغلىق رايون. شىمالىي قىسمى سەھرايى كەبىر ياكى يېرىم قۇملۇق، پۈتۈن مەملىكەت يەر مەيدانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمنى ئىگەللەيدۇ. شەرقىي قىسمى ئېگىزلىك رايونلار؛ ئوتتۇرا غەربىي ئۈچۈن كەڭ يالانما تۈزلەڭلىك؛ غەربىي شىمال قىسمىدىكى تىبېستى ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2000 مېتىرغا يېتىدۇ.
شىمالىي قىسىمنىڭ كىلماتى تروپىك بەلباغ قۇملۇق كىلىماتىغا تەۋە. جەنۇبىي قىسمى تىروپىك بەلباغ ئوتلاق ئىقلىمىغا تەۋە .
بۇ يەرنىڭ كىلىماتى ئىسسىق، ئېگىز مايمۇن بولكا دەرىخى، پاكار ئۆسكەن چاتقاللار پۈتۈن شەھەرنى يېشىللىق بىلەن قاپلىغان.
نجامېنانجامېنا قەدىمدە سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى مۇھىم سودا پونكىتى بولغان، كېيىن تەدرىجىي كېڭىيىپ، تەرەققىي قىلىپ، دكلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرىگە ئايلانغان. نجامېنا شەھىرى چادنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى. بۇ جايغا پاختا، خاسىڭ قاتارلىق دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى توپلىنىپ تارقىتىلىدۇ. بۇ جايدا ياغ چىقىرىش، شېكەر، ئۇن، چىگىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق قاتارلىق كچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان.ئۇنىڭ ئىقتىسادىي، قاتناش مەركىزى، بېلىقچىلىق بايلىقى مول ئىشلەپچىقىرىلغان «شاڭۋېي بېلىقى»، «شەرىئەت شاھزادىسى» دەپ نام ئالغان. لوگونې، شارى دەريالىرى ئارقىلىق قاتناش قىلىشقا بولىدۇ.چەت ئەللەر بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى تاشيولى ۋە ئاۋىئاتسىيە پونكىتى بار. تاشيول ئارقىلىق نېگىرىيە، ئوتتۇرا ئافرىقا، كامېرونلارغا بارغىلى بولىدۇ.
نجامېنا چاد (كىلىمات ماتېرىيالى)
ھاۋا رايى ئىستانسىنىڭ ئورنى : شىمالىي كەڭلىك 12.1 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 15.0 گىرادۇس، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 295 مېتىر.
كىلىمات ماتېرىيالى | چىسلا | 1-ئاي | 2-ئاي | 3-ئاي | 4-ئاي | 5-ئاي | 6-ئاي | 7-ئاي | 8-ئاي | 9-ئاي | 10-ئاي | 11-ئاي | 12-ئاي |
ئەڭ يۇقىرى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى(سېلسىيە گرادۇس) | 1961-1990 | 32.4 | 35.2 | 38.7 | 41.0 | 39.6 | 37.2 | 33.5 | 31.6 | 33.7 | 36.9 | 35.8 | 33.5 |
ئەڭ تۆۋەن ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى(سېلسىيە گرادۇس) | 1961-1990 | 14.3 | 16.6 | 21.0 | 24.8 | 25.8 | 24.7 | 23.1 | 22.4 | 22.7 | 21.8 | 17.8 | 14.8 |
يامغۇر مىقدارى(مىللىمېتىر) | 1961-1990 | 0.0 | 0.0 | 0.3 | 10.3 | 25.8 | 50.3 | 144.0 | 174.4 | 84.3 | 20.3 | 0.1 | 0.0 |
كۈندىلىك ئوتتۇرىچە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى (سائەت) | 1961-1990 | 9.6 | 9.6 | 9.1 | 9.1 | 9.2 | 8.6 | 6.9 | 6.5 | 7.6 | 9.2 | 10.0 | 9.8 |
نجامېنا چاد ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، ئاساسلىق سودا ئوبيېكتى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ياپونىيە تۆمۈر يولى يېتەرلىك ئەمەس بۇلۇپ، ئاساسلىقى تاشيول بىلەن تۇشۇشقا تاينىدۇ. تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 33 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 600 كىلومېتىر ئاسفالىت يول ، كۆپ ساندىكى تاشيول پەقەت قۇرغاقچىلىق پەسلدىلا قاتنىشى قولايلىق. پايتەختكە ئەڭ يېقىن قوشنا دۆلەت دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزى بولسا كامېرون دۇئالا، ئارىلىقى 1970 كىلومېتىر. نجامېنا خەلقئارا ئايرودرومى بوئىن 747 تىپلىق قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئۇزۇن مۇساپىلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلار فرانسىيە، كامىرون، لىۋىيە، سۇدان، ئىفئوپىيە ۋە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قاتارلىق چاددا ئۇچۇپ قونۇشقا بولىدۇ.
نجامېنابۇ جايدا خەلقئارا ئايرودرومى، چاد ئۇنۋېرسىتېتى، 9-ئەسىردىن بۇيانقى ئاسارئەتىقىلەر ساقلانغان مۇزېيى ۋە باشقا مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بار.
داڭلىق مۇزېيلارنىڭ ئىچىدە 9 قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تاش ئويما قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى بار. كۇرتس تېغى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3415 مېتىر بولۇپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا ئافرىقا رايونىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق دەريا-ئېقىنلاردىن لوگون دەرياسى، شەرىئەت دەرياسى قاتارلىقلار بار . چاد كۆلى ئافرىقا ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى، سۇ ئورنى پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. كۆلىمى 1 ~ 25 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.