ئېفىئوپىيە ۋەتەن ئۇرۇشى
ئېفىئوپىيە ۋەتەن ئۇرۇشى __ ئېفىئوپىيە خەلقنىڭ ئىتالىيە فاشىستلىرى تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ بۇ ئۇرۇش يەنە ئېفىئوپىيەنىڭ ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى 2-قېتىملىق ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىتالىيە 1895-يىلىدىن 1896-يىلىغىچە ئېفىئوپىيەنىڭ ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا قاتتىق مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئېفىئوپىيەنى يۈتۈۋېلىش قارا نىيىتىدىن ئىزچىل تۈرىدە زادىلا ۋاز كەچمىدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى مۇسسۇلىنى تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىتالىيەنىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكسى ئېرېتىريىنى ئىتالىيەگە قاراشلىق سومالى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ھەمدە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ قىزىل دېڭىزىدىن ھىندى ئوكيانغا بارىدىغان سۇ يولىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتا شەكىللەنگەن مۇستەقىل ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئېفىئوپىيەنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى تۈزگەن. 1934-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىتالىيە ئېفىئوپىيەگە قوشنا ئىتالىيە قارمىقىدىكى سومالىنىڭ چېگرىسى ئەتىراپىدىكى ۋار-ۋاردا قەستەن چېگرا ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، ئېفىئوپىيە تەرەپتىن يۈز نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە يارىدار بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ھەمدە ۋار-ۋارنى ئىشغال قىلغان. ئارقىدىنلار يەنە بۇ ۋەقەنى ئېفىئوپىيە تەرەپ پەيدا قىلغان، دەپ تۆھمەت چاپلىغان. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ سۈلھى-سالا قىلىشى بىلەن دۆلەتلەر ئىتتىپاقى 1935-يىلى 9-ئايدا تاجاۋۇزچىلارغا چاپان ياپىدىغان كېسىم چىقىرىپ، ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خورىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ قويغان.
1935-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى تەييارلىقى تەق 300 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا ئىگە ئىتالىيە جەڭ ئېلان قىلمايلا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئېفىئوپىيەگە شىمالدىن، شەرقتىن ۋە جەنۇبتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ئېفىئوپىيە خەلقى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىغا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلانغان. تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا (1935-يىلى 10-ئايدىن 1936-يىلى 5-ئايغىچە) ئېفىئوپىيە ئارمىيەسى پادىشاھ ھايلى سېلاسسى رەھبەرلىكىدە تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇنتىزىم ئۇرۇش قىلغان. گەرچە ئىتالىيە ئارمىيەسى 10-ئايدىن 11-ئايغىچە كەينى-كەينىدىن ئادۇۋا قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، بىراق، ئېفىئوپىيە ئارمىيەسى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن، تاجاۋۇزچىلارنىڭ «چاقماق پىلانى» ئەمەلگە ئاشمىغان، 1936-يىلى 1-ئايدىكى نانپىئېن جېڭىدە ئىتالىيە قوشۇنى ئېغىر چىقىمدار بولغان. كارول ناملىق قارا كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىمۇ چېكىندۈرۈلگەن. ئېفىئوپىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ھەققانىي ئۇرۇشى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ۋە دېمۇكىراتىك كۈچلەرنىڭ تۈرلۈك ياردىمىگە ئېرىشكەن. بىراق، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ئىتالىيەنى مەيلىگە قويۇۋېتىش سىياسىتىنى قوللانغان.
1936-يىلى 2-ئايدا ئىتالىيە ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيە جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ ھۇجۇمنى كۈچەيتكەچكە، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولغان. شۇ يىلى 3- ئايدا سېلاسسىي زور قوشۇن توپلاپ ئاساڭجى كۆلى ئەتىراپىدا ئىتالىيە قوشۇنلىرى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. جەڭ نەتىجىسىدە، ئىچكى خائىننىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن ئېفىئوپىيە قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچى تارمار قىلىنغان. 4- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيە قوشۇنلىرى پايتەخت ئەددىس-ئەبىبىگە قىستاپ باردى. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سېلاسسى چەت ئەلگە مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتتى. 5- كۈنى ئىتالىيە قوشۇنلىرى ئەددىس-ئەبىبىنى ئىشغال قىلغان. 5-ئاينىڭ 9-كۈنى موسسۇلنى ئېفىئوپىيەنى يۇتۇۋالغانلىقىنى جاكارلاپ، ئېفىئوپىيە بىلەن ئېرېتىرىيىنى، ئىتالىيەگە قاراشلىق سومالىي بىلەن قوشۇپ، ئىتالىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقا ئىمپېرىيەسى قىلىپ قۇرغان. ئېفئوپىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇشى شۇنىڭدىن كېيىن 2- باسقۇچقا كىرگەن (1936-يىلى 5-ئايدىن 1941- يىلى 11- ئايغىچە) ئېفىئوپىيە خەلقى پايتەخت قولدىن كەتكەندىن كېيىن تۈرلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىنى قۇرغان. خەلقنىڭ پارتىزانلىق ئۇرۇشى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم شەكىلى بولۇپ قالغان. 1938-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە ئادەم سانى ئۇلغىيىپ، 400 مىڭ كىشىگە يەتكەن پارتىزانلار قوشۇنى فاشىستلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە كۈچلۈك زەربە بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزىلار ۋە تاغلىق رايونلارنىڭ بەشتىن تۆت قىسىمىدىن كۆپرەكىنى كونترول قىلغان.
1939-يىلى 9-ئايدا 2-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇمىيۈزلۈك پارتلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئېفىئوپىيە خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە پايدىلىق ئۆزگىرىش بولغان. 1941-يىلى 1-ئايدا ئەنگلىيە قوشۇنلىرى سۇدان ۋە كىنىيىدىن ئىتالىيەگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقىدىكى ئىتالىيە قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى. 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سېلاسسى ۋەتەنپەرۋەر قوراللىق كۈچلەرنى باشلاپ، سۇداندىن مەملىكىتىگە قايتقان. 4-ئاينىڭ 2-كۈنى پارتىزانلار قوشۇنى ئىتتىپاقداش ئارمىيىگە ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ، ئەددىس-ئەبىبىنى قايتۇرۇۋالغان. 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سېلاسسى پايتەختكە قايتىپ بېرىپ، ئۆز تەختىدە ئولتۇرغان. ئەنگلىيە-مىسىر بىرلەشمە ئارمىيەسى قالدۇق دۈشمەننى قوغلاپ يوقاتقان، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى گۇندىردىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭدە زور غەلىبىگە ئېرىشكەن. ئېفىئوپىيەنىڭ ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاياغلاشقان.
ئېفىئوپىيە ۋەتەن ئۇرۇشى ئېفىئوپىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش تارىخىدىكى شانلىق بىر سەھىپە بولۇپ قالغان. تىز پۈكمەس ئېفىئوپىيە خەلقى ئالتە يىل چىڭ تۇرغان بۇ ئۇرۇش جەريانىدا ئىتالىيە فاشىستلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، فاشىستزىمغا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.