يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداينى ئوتتۇرا مەزگىلىدە تەڭشەش-تىزگىنلەش تېخنىكىسى

يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداينى ئوتتۇرا مەزگىلىدە تەڭشەش-تزگىنلەش

يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداينى ئوتتۇرا مەزگىلىدە تەڭشەش-تېزگىنلەش تېخنىكىسى تۈپچىلەشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن غول تارتىش مەزگىلىنىڭ باشلىرىغىچە ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەش، غول تارتىش مەزگىلىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداينى ئوتتۇرا مەزگىلىدە تەڭشەشتىزگىنلەشيۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداينى ئوتتۇرا مەزگىلىدە تەڭشەش-تىزگىنلەش تېخنىكىسى تۈپچىلەشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن غول تارتىش مەزگىلىنىڭ باشلىرىغىچە ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەش، غول تارتىش مەزگىلىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

تۈپچىلەشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن غول تارتىش مەزگىلىنىڭ باشلىرىغىچە 

تۈپچىلەشنىڭ ئاخىرقى ئۆتكۈنچى مەزگىلىدە تەڭشەش-تىزگىنلەش

يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداينى ئوتتۇرا مەزگىلىدە تەڭشەشتىزگىنلەشتۈپچىلەشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بۇغداي تۈپلىرى يىلتىز، يوپۇرماق، غوللىرىنىڭ بۆلىنىپ شەكىللىنىش مەزگىلىدىن يوپۇرماقلىرى ئۇزۇرۇش، غول بوغۇملىرىنىڭ بۆلىنىپ ئۇزۇرۇش مەزگىلىگە ئۆتۈدۇ. بۇ چاغدىكى تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئاساسلىق ئاساسى - ئومۇمى غول سانى باشاق تۇتۇش مەزگىلىدىكى سانغا يەتكەن ھەمدە غول تارتىش مەزگىلىگە كىرەي دەپ قالغان بولۇش. تەڭشەش نىشانى: تۈپ ئىچكى قىسمىدا تەدىرىجى ھالدا يېڭى ئۆسۈش باسقۇچىغا ئېھتىياجلىق بولغان ئىچكى مۇھىتنى بەرپا قىلىش. 

ئىپادىسى: داۋاملىق تۈپچىلەيدۇ، يوپۇرماق رەڭگىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ، غول، يوپۇرماقلىرىنىڭ ئۆسۈش مىقدارى مۇقىم ئاشىدۇ. سانجىدا قار ئېرىشنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئەتىيازدا ئىككى يوپۇرماق مەزگىلىدە بۇغداي تۈپىدىكى نەملىك بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، قوبۇل قىلىدىغان ئازوت كۆپىرەك بولۇپ، غول، يوپۇرماقلار بەك تېز ئۆسۈپ كىتىدۇ، بۇ نورمال ئۆسۈشكە پايدىسىز، ئاساسلىقى ئالدىنقى مەزگىلدە ئازوت، فوسفورنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تەڭشەپ تېزگىنلەپ، بۇغداينى نورمال ئۆستۈرۈش كېرەك. 

غول مىقدارىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش 

يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداينى ئوتتۇرا مەزگىلىدە تەڭشەشتىزگىنلەشئاساسلىقى تۈپچىلەرنى تەڭشەش - تىزگىنلەش كېرەك. غول تارتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يوپۇرماق سانى 4 بولغان غوللاردا ئاسانلا باشاق شەكىللىنىدۇ، يەنى 1 يوپۇرماق مەزگىلىدىكى تېمەن غول ئومۇمى سانى يېتىلگەن باشاق سانىغا باراۋەر بولۇشى كېرەك. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تەجىرىبە بازىسىدىكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، قىشلاشتىن ئىلگىرى 1 يوپۇرماقلىق غولدىن شەكىللەنگەن باشاق سانى نىسبىتى %74، قىشلاشتىن ئىلگىرى 2 يوپۇرماقلىق غولدىن شەكىللەنگەن باشاق سانى نىسبىتى %98، قىشلاشتىن ئىلگىرى 3 يوپۇرماقلىق غولدىن شەكىللەنگەن باشاق سانى نىسبىتى %51، قىشتىن ئۆتكەن غولدىن شەكىللەنگەن باشاق سانى نىسبىتى %6.5. زىچلىقى يۇقىرى، شەكىللەنگەن باشاق سانى نىسبىتى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا غول مىقدارىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشتە بىرلىك كۆلەمدىكى شەكىللەنگەن باشاق سانىنى ۋە ئاساسى مايسىنى ئاساس قىلىش كېرەك. 

تەڭشەش تىزگىنلەشتە، غول تارتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئومۇمى غول سانى شەكىللەنگەن باشاق سانىغا باراۋەر بولسا ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا تىزگىنلەشنى ئاساس قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق تېزگىنلىسە بولىدۇ. تىزگىنلەشتە يېنىك تىزگىنلەشنى ئاساس قىلىش - ئومۇمىي تۈپلەرنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاساسىي تەدبىر. يېنىك تىزگىنلىگەندە ئومى تۈپلەر بىلەن مۇھىت زىددىيىتى ئانچە كۈچلۈك بولمىغاندا ئومۇمى تۈپلەرنىڭ ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارى دائىرىسىدە تەڭشەپ، ئومۇمىي تۈپلەر بىلەن مۇھىتنىڭ ماسلاشقان مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. 

تەڭشەش تىزگىنلەشتە، غول تارتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئومۇمى غول سانى شەكىللەنگەن باشاق سانىدىن ئاز بولسا، كولتىۋاتسىيە قىلىش، قوشۇمچە ئوغۇتلاش، سۇغىرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، تۈپچىلەردە باشاق شەكىلىنىشنى، يەككە تۈپلەردە باشاق شەكىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قايتا كۆكلەش مەزگىلىدە كولتىۋاتسىيە قىلىش، قوشۇمچە ئوغۇتلاش، سۇغىرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ. 

تۈپچىلەشنى تەڭشەش - تىزگىنلەشتە تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ تەكشى ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىش، باشاق شەكىللەنگەن غولىنىڭ ئىگىزلىكى، يوپۇرماقلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە باشىقىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىدە پەرق زور بولىشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش لازىم، يەنى ئومۇمى غول سانىدا شەكىللەنگەن باشاق سانى نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %60 دىن يۇقىرى بولسا مۇۋاپىق ئەمەس، بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە باشاقتىكى دان سانى كۆرىنەرلىك ئازىيىدۇ -دە، ئومۇمى تۈپلەرنىڭ تەكشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن مەھسۇلات كېمىيىپ كىتىدۇ. 

غول تارتىش مەزگىلىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەش 

تۈپ شەكلىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش

غول تارتىش مەزگىلى يىلتىز، غول، يوپۇرماق باشاقلار بىللە ئۆسىدىغان ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ، بۇ چاغدا يىلتىز تارتىشى چوڭقۇر، غول بوغۇمى توم ۋە قىسقا، يوپۇرماقلىرى تىك ئۆسكەن، چاناقلىرىنىڭ بۆلىنىپ يېتىلىشىگە ئېھتىياجلىق ئورگانىك ئوزۇقلۇقلار تولۇق بولسا يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ، يىلتىز سىستېمىسىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشتە ئاساسلىقى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش، چوڭقۇر ئوغۇتلاش كېرەك. يەرنىڭ ئەسلى نەملىكى يېتەرلىك بولسا غول تارتىش مەزگىلىدە سۇغىرىشنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش ئارقىلىق چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. مۇۋاپىق تەڭشەش - تىزگىنلەش ئارقىلىق بىر قەدەر ياخشى تۈپ شەكلىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. 

غولنى تەڭشەش-تىزگىنلەش

غول تارتىش مەزگىلىدە ئاساسلىقى يەككە تۈپلەرنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىگە قارىتا تەڭشەش - تىزگىنلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. غولنىڭ ئۆسۈشىنى تۆت باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ:

1. بۇغۇم ئارىلىقلىرىنىڭ بۆلىنىپ شەكىللىنىش مەزگىلى؛

2. بوغۇم ئارىلىقنىڭ ئۇزۇرۇپ توملىشىش مەزگىلى؛

3. ماددىلارنىڭ تولۇقلىنىش مەزگىلى؛

4. ماددىلارنى چىقىرىش مەزگىلى.

 غولنىڭ شەكىل - ھالەت ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ئالدىنىقكى 3 باسقۇچ. بىرىنچى، ئىككىنچى بوغۇم ئارىلىقنىڭ ئۇزۇرۇپ توملىشىش مەزگىلى، يەنى 3- 4- يوپۇرماقلىرىنىڭ ئۇچى چىققان مەزگىلىدىن بۇرۇنقىسى - بۇغۇم ئارىلىقلىرىنىڭ بۆلىنىپ شەكىللىنىش مەزگىلى، كىيىنكىسى - بىرىنچى، ئىككىنچى بوغۇم ئارىلىقىدىكى ماددىلارنىڭ تولۇقلىنىش مەزگىلى. بۇ مەزگىلدە سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى تېزگىنلەپ، غول - يوپۇرماقلارنىڭ بويىغا زورلاپ ئۆسۈپ، غولى بەك ئىنچىكە ئۇزۇن، غول دىۋارى بەك نېپىز بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ يەنە بۇغداي تۈپلىرى راسا ئۆسۈش مەزگىلىگە كىرگەن چاغدىكى ئوغۇت، سۇغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تەخىرسىزلىكىگە دېققەت قىلىش كېرەك. بۇ چاغدا سۇغىرىش مىقدارىنى بەك كۆپ قىلىۋەتمەي، ھەم بۇغداي تۈپلىرىنىڭ ئوغۇت، سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەم غول، يوپۇرماقلىرىنىڭ بەك ئۆسۈپ كىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بۇغداينى ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم سۇغىرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 1 - سۈيى بىلەن 2 - سۈيىنى قويۇش ۋاقتى ئارىلىقىنى قىسقا قىلىش، ھەر قېتىملىق سۇغىرىش مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك. 

يوپۇرماقنى تەڭشەش-تىزگىنلەش

يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداينى ئوتتۇرا مەزگىلىدە تەڭشەشتىزگىنلەشيوپۇرماقلارنىڭ سانى، چوڭ كىچىكلىكى ۋە شەكىل - ھالىتى ئومۇمى تۈپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۈزگۈچى ئاساسلىق جەھەت بولۇپ، ئۇلارنى تەڭشەش - تىزگىنلەش ئومۇمى تۈپلەردىكى فوتوسىنتېز مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

ئادەتتە ئۇرچۇقسىمان تۈپ شەكلى بۇغداي تۈپلىرى ئارىسىدا ھاۋا ئۆتۈشۈشكە ۋە يورۇقلۇق چۈشۈشكە پايدىلىق، بۇ شەكىلدە ئاستىدىن سانىغاندا 3 - يوپۇرمىقى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاستى - ئۈستىدىكى يوپۇرماقلىرى رەت بويىچە قىسقارغان بولىدۇ. يوپۇرماقنىڭ ئۆسۈش ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆز - ئارا مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن ئاستى قىسمىدىكى يوپۇرماقلارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزگىنلەپ، ئاستىدىن سانىغاندا 4 - يوپۇرمىقنىڭ بەك ئۆسۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يوپۇرماقلار ئۆسۈشكە باشلىغان باسقۇچتا سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى تىزگىنلەش، يەنى بۇغداينىڭ قايتا كۆكلەش مەزگىلىدە (ئەتىيازدا 1 - 2 يۇپۇرماق چىقىرىشقا باشلىغاندا ) سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى تېزگىنلەپ، ئاستىدىن سانىغاندا 4 - يوپۇرمىقنىڭ بەك ئۇزۇن ئۆسۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ئاستىدىن سانىغاندا 3-، 2- يوپۇرمىقنىڭ ئۇزۇرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، قايتا كۆكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە (ئەتىيازدا 2 - يوپۇرمىقى چىقىشقا باشلىغاندىن تارتىپ 3 - يوپۇرمىقى چىقىشقا باشلىغان مەزگىلدە ) سۇغىرىپ، ئوغۇتلاپ، يوپۇرماقنىڭ شەكىل - ھالىتىنى مۇۋاپىق ئۇزۇنلۇققا يەتكۈزۈش كېرەك؛ ئەتىيازلىق 3 - يوپۇرمىقى چىقىشقا باشلىغان مەزگىلدە مۇۋاپىق سۇغىرىپ، ئوغۇتلىغاندا ، يوپۇرماق سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، ھەمدە 5 - يوپۇرمىقىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ ئەتىيازلىق 5 - يوپۇرمىقى چىقىشقا باشلىغان مەزگىلدە سۇغىرىپ، ئوغۇتلاپ، 5 - يوپۇرمىقىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. 

ئۈستى قاتلىمىدىكى يىلتىزىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش

 ئۈستى قاتلىمىدىكى يىلتىزى دېگەندە ئاساسلىقى چېچەكلىگەندىن كىيىن 0 - 5 سانتىمېتىر تۇپراق قاتلىمىدىكى تىيىز قاتلام يىلتىزلىرىنى كۆرسىتىدۇ، غول تارتىش مەزگىلىدىن تارتىپ چېچەكلەپ دان تۇتۇش مەزگىلىگىچە بولغان چاغ ئۇلارنىڭ فونكسىيىسى ئەڭ يۇقىرى مەزگىل ھېسابلىنىدۇ، يۇقىرى قاتلامدىكى يىلتىزلارنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە مىقدارى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئومۇمى تۈپلەرنىڭ كىيىنكى مەزگىلدە فوتوسىنتېز ھاسىلاتلىرىنى جۇغلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يۇقىرى قاتلامدىكى يىلتىزلارنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق تەدبىرلەر: تۇپراقنى مۇنبەتلەشتۈرۈش، مۇۋاپىق قوشۇمچە ئوغۇتلاش، شالاڭ تېرىش، كىيىنكى مەزگىلدە تۇپراق نەملىكىنى ساقلاش قاتارلىقلار. كىيىنكى مەزگىلدە سۇغىرىش مىقدارىنى بەك كۆپ قىلىۋەتمەي، ئاز ئازدىن بىر قانچە قېتىم سۇغىرىش كېرەك. بولۇپمۇ دان تۇتۇش مەزگىلىگە كىرگەندىن كىيىن، پۈتكۈل تۈپ زەئىپلىشىشكە باشلايدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا مەزگىلىدە بەك سوغۇق سۇ بىلەن سۇغىرىلسا ياكى سۇغىرىش مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ تەسىرىدە ۋە ئوكسىگېن يىتىشمىگەچكە يىلتىز سىستېمىسىنىڭ زەئىپلىشىشى تېزلىشىپ، پۈتكۈل بۇغداي تۈپىنىڭ بالدۇر زەئىپلىشىشى ۋە نابۇت بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

باشاق شەكىللىنىش مەزگىلىدىكى ئۆسۈشىىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەش 

باشاق شەكىللىنىش مەزگىلى - بۇغداينىڭ سۇ، ئوغۇت ئېھتىياجىنىڭ كىرىتىك مەزگىلى، شۇنداقلا بۇغداي يوپۇرماق كۆلىمى كوئىفېتسىنتى ئەڭ چوڭ بولىدىغان مەزگىل. ئومۇمى تۈپلەر قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشى - يامانلىقى ئاساسلىقى موشۇ مەزگىلدە ئىپادىلىنىدۇ. مول ھوسۇللۇق ئېتىزدىكى يەككە غولدىكى يوپۇرماق كۆلىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلغاندا، يەككە غولدىكى يوپۇرماق كۆلىمى چېچەكلەش مەزگىلىدە >باشاق شەكىللىنىش مەزگىلىدە > باشاق چىقىرىش مەزگىلىدە بولسا، بۇ باشاق شەكىللىنىش مەزگىلىدە تۈپچىلەر يوپۇرماقلىرىنىڭ سارغىيىپ قۇرۇشقا باشلىغانلىقنى، تەدىرىجى نابۇت بولىدىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. باشاق شەكىللىنىش مەزگىلىدىن باشاق چىقىرىش مەزگىلىگىچە يوپۇرماق كۆلىمىنىڭ ئازىيىشى بىر قەدەر ئاز، باشاق چىقىرىش مەزگىلىدە چېچەكلەش مەزگىلىدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر زور بولسا، بۇ باشاق چىقىرىش مەزگىلىدە ئۆسۈش مەركىزىنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ ئۆسۈشىگە يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ چاغدا تۈپچىلەر كۆپلەپ نابۇت بولىدۇ، بۇ ئومى تۈپلەر قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولغاندا ئىچكى قىسىمنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇپ، ئۆسۈش مەركىزىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. يۇقىرى ھوسۇللۇق ئېتىزدىكى ئومۇمى تۈپلەرنىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى: ئۆسۈش مەركىزىنىڭ ئۆزگىرىشى تەكشى بولۇپ، سىرتقى مۇھىت بىلەن ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزگىرىش ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ئىچىدە بولىدۇ.

ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئالاھىدىلىكى

تۈپچىلەش داۋاملىشىدۇ، يوپۇرمىقى يۇقىرىغا تىك ئۆسىدۇ، يوپۇرماق رەڭگىدە كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇغداي تۈپىنىڭ ئۆسۈشى ئەڭ تېز بولىدۇ، سىرتقى كۆرىنىشى پاكار، تېمەن بولۇپ، ئۈستى قاتلىمىدىكى يىلتىزلار كۆپلەپ شەكىللىنىپ، كىيىنكى مەزگىلدىكى ئۆسۈشىگە ياخشى ئاساس سېلىنىدۇ. غول، يوپۇرماقلارنى تەڭشەش - تىزگىنلەش چاناقلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/169/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#