ستالىن

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ نەچچە ئون يىللىق مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە داھىيىسى ستالىن 1879-يىلى گروزىيىنىڭ گورى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ستالىن
باشقا نامى 朱加什维利
يۇرتى گروزىيەنىڭ گورى شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1953-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 约瑟夫·维萨里奥诺维奇·斯大林
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1878-يىلى ياكى 1879-يىلى
كەسپى سىياسىئون، داھىيى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ستالىنرۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ نەچچە ئون يىللىق مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە داھىيىسى ستالىن 1879-يىلى گروزىيەنىڭ گورى شەھىرىدە تۇغۇلغان. گروزىن تىلى ئۇنىڭ ئانا تىلى بولۇپ،  كېيىن رۇس تىلى ئۆگەنگەن، گروزىن تىلى بىلەن  رۇس تىلىنىڭ پەرقى چوڭ بولغاچقا ئۇ رۇسچىنى گروزىن شىۋىسىدە سۆزلەيتتى. ستالىننىڭ ئائىلىسى ناھايىتى نامرات بۇلۇپ ،دادىسى ھاراقكەش. دادىسى  ھە دېسىلا ئوغلىنى قاتتىق ئۇراتتى. دادىسى قازا تاپقاندا ستالىن ئاران 11 ياشتا ئىدى.

ستالىن دەسلەپتە گورىدىكى چېركاۋ ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇغان. كېيىن تىفلىس تىئولوگىيە ئىنىستوتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1899-يىلى ئىنقىلابىي تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن قوغلانغان. كېيىن ماركىسىزىم ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1903-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. 

ستالىن1917-يىلى، ئۆكتەبىر غەلبە ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە، ستالىن ئىنتايىن پائالىيەتچان بولغان . 1922-يىلى سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ ۋەزىپىنىڭ ئۇنىڭ پارتىيە ئىچىدە ھوقۇق ئىگىلىشىگە ياردىمى بولغان . 

روشەنكى، لېنىن تروتسكىيەنى ئۆزىنىڭ ئىز باسار قىلىشنى خالىمايتتى. چۈنكى، لېنىن تروتسكىيدا رېۋىئونىزم خاھىشلىرى بار دەپ قارايتتى. تروتسكىي كۆپ قېتىم ئارىسالدى بولۇپ تاكى ئىنقىلابنىڭ ھارپىسىدا ئاندىن بولشېۋىكلارغا ئەزا بولۇپ كىرگەنىدى. تروتسكىينىڭ غەيرىي خاراكتېرى، ئۇنىڭ ھەمىشە باش قاتۇرۇپ، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر بىلەن رەھبەرلىك ئورنىغا يامىشىشى، ئۆزىنىڭ ماركسىزم ئىدېئولوگىيەسى ساھەسىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىغا قىلچە پەرۋا قىلماسلىقى لېنىننى تېخىمۇ خاتىرجەمسىزلەندۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لېنىن يەنە ستالىننىڭ ۋۇجۇدىدىكى بەزى پاسسىپ ئامىللاردىنمۇ خەۋەردار ئىدى. بۇلاردىن مۇھىملىرى، ئۇنىڭ يولداشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ۋە شەخسىيەتچىلىك خاھىشى ئىدى. لېنىن مەركىزىي كومېتىتنى كېڭەيتىش، ئىشچى ئەزالارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنى ستالىننىڭ باش شۇجى بولۇشتىكى ئاساسىي شەرتلىرى قىلغانىدى. لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ستالىن سىياسىي كۈرەشلەردە تالانت ئىگىسى ئىدى. كېيىن ئوڭۇشلۇق ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق شەخس بولۇپ قالدى.

1939-يىلى، ستالىن گىتلېر بىلەن مەشھۇر «ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا گىتلېر ئۆز لەۋزىدە تۇرماي، بۇ شەرتنامىنى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى.

ستالىننىڭ مۇنداق ئىككى چوڭ تۆھپىسى بار: ئۇنىڭ بىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنى سانائەتلەشتۈرگەنلىكى ھەمدە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكىدىن ئىبارەت؛ ئىككىنچىسى، دۇنيا مىقياسىدا كوممۇنىزم پرىنسىپلىرىنى تارقاتقانلىقىدىن ئىبارەت. رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنى بېقىندى دۆلەتلىرىدە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ تۆھپە ستالىنغا مەنسۇپ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    33.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    33.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#