پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

2002-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا ماقۇللاندى .

ئۇيغۇرچە نامى پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国民办教育促进法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى(2002-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا ماقۇللاندى) 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتىگىيىسىنى يولغا قويۇش، پۇقرا مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقرا مەكتەپلىرى ۋە تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە مائارىپ قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلدى. 

2-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت ئاپپاراتىدىن باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دۆلەت مالىيە خىراجىتىدىن باشقا خىراجەتتىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتتە مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتى قۇرۇش پائالىيىتىدە تەتبىقلىنىدۇ. بۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرى مائارىپ قانۇنى ۋە مائارىپقا دائىر باشقا قانۇنلار بويىچە بولىدۇ. 

3-ماددا پۇقرا مائارىپ ئىشلىرى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ، سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمى.

دۆلەت پۇقرا مائارىپىدا پائال ئىلھام بېرىش، زور كۈچ بىلەن قوللاش، توغرا يېتەكلەش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ. 

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پۇقرا مائارىپ ئىشلىرنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. 

4-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى قانۇن، نىزامغا رىئايە قىلىپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىشى لازىم. 

پۇقرا مەكتەپلىرى مائارىپ بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش پرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

5-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى قانۇندا ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە، دۆلەت پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. دۆلەت پۇقرا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

6-ماددا دۆلەپ پۇل ئىئانە قىلىپ مەكتەپ قۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. دۆلەت پۇقرا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ ۋە تەقدىرلەيدۇ. 

7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پۇقرا مائارىپى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش ۋە ماكرولۇق باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. 

گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى پۇقرا مائارىپىغا ئائىت خىزمەتلەرگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ. 

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ پۇقرا مائارىپى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى پۇقرا مائارىپىغا ئائىت خىزمەتلەرگە ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ. 

2-باب قۇرۇش 

9-ماددا پۇقرا مەكتىپى قۇرغۇچى ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولۇشى كېرەك.

پۇقرا مەكتىپى قۇرغۇچى شەخسنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە تولۇق ھەق-تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. 

پۇقرا مەكتىپى قانۇنىي ئىگىلىك شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك. 

10-ماددا پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشتا، شۇ جاينىڭ مائارىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، مائارىپ قانۇنى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك.

پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشتا، شۇ دەرىجىلىك، شۇ خىلدىكى ھۆكۈمەت مەكتىپىنىڭ قۇرۇش ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىدۇ.

11-ماددا ئوقۇش تارىخى مائارىپى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مائارىپى ۋە باشقا مەدەنىيەت، مائارىپىنى يولغا قويىدىغان پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلايدۇ، كەسپىي ماھارەت ئاساس قىلىنغان كەسپىي سالاھىيەت، كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن يېتىشتۈرىدىغان پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلايدۇ ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

12-ماددا پۇقرا مەكتپى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) قۇرۇش دوكلاتى، ئۇ، ئاساسلىقى: قۇرغۇچى، تەربىيىلەش نىشانى، مەكتەپ كۆلىمى، قاتلىمى، شەكلى، شارائىتى، ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، خىراجەت غەملەش ۋە باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؛ 

(2) قۇرغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئولتۇرۇشلۇق جايى ياكى نامى، ئادرېسى؛

(3) مۈلۈك مەنبەسى، مەبلەغ سوممىسى شۇنىڭدەك كۈچكە ئىگە ئىسپات ھۆججىتى، ئۇنىڭدا مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق يېزىلغان بولۇش؛ 

(4) ئىئانە-ھەدىيە خاراكتېرلىك مەكتەپ مۈلكى بولسا، ئىئانە-ھەدىيە كېلىشىمنى تاپشۇرۇش، ئۇنىڭغا ئىئانە-ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئىئانە ئۇسۇلى شۇنىڭدەك كۈچكە ئىگە ئالاقىدار ئىسپات ھۆججەتلىرى ئېنىق يېزىلغان بولۇشى شەرت. 

13-ماددا تەستىقلىغۇچى ئورگان پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىق ھەققىدە يازما قارار چىقىرىشى كېرەك. 

قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە قوشۇلغانلىرىغا تەستىقنامە بېرىشى، قۇشۇلمىغانلىرىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك. 

قۇرۇش تەييارلىق مۇددىتىنى ئۈچ يىلدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۈچ يىلدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر قايتا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. 

14-ماددا پۇقرا مەكتىپىنى رەسمىي قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك: 

(1) تەييارلىق تەستىقنامىسى؛

(2) تەييارلىق ئەھۋالى دوكلاتى؛ 

(3) مەكتەپ نىزامنامىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك مەكتەپ كېڭىشى، مۇدىرىيىتى ياكى باشقا تەدبىر ئاپپاراتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى؛

(4) مەكتەپ مۈلكىگە ئائىت كۈچكە ئىگە ئىسپات ھۆججىتى؛ 

(5) مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچى، مالىيە خادىملىرىنىڭ سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتى. 

15-ماددا مەكتەپ قۇرۇش شارائىتى ھازىرلاپ، ئۆلچەمگە يەتكۈزگەنلەر رەسمىي قۇرۇشنى بىۋاستە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 12-ماددىسىدا ۋە 14-ماددىسىنىڭ(3) -، (4) -، (5) -تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

16-ماددا پۇقرا مەكتىپىنى رەسمىي قۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغاندا، تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا يازما قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۇنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈشى كېرەك؛ پۇقرا ئالىي مەكتىپىنى رەسمىي قۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغاندا، تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىق ھەققىدە يازما قارار چىقارسا ھەمدە ئۇنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزسىمۇ بولىدۇ.

17-ماددا تەستىقلىغۇچى ئورگان رەسمىي قۇرۇش تەستىقلانغان پۇقرا مەكتىپىگە مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ. 

تەستىقلىغۇچى ئورگان رەسمىي قۇرۇشنى تەستىقلىمىغانلىرىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. 

18-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسى ئالغان ھەمدە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن تىزىملاتماقچى بولغان بولسا، تىزىملىغۇچى ئورگان ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىپ بېرىشى كېرەك. 

3-باب مەكتەپ تەشكىلاتى ۋە پائالىيىتى 

19-ماددا پۇقرا مەكتىپىدە مەكتەپ كېڭىشى، مۇدىرىيىتى ياكى باشقا شەكىلدىكى تەدبىر ئاپپاراتى قۇرۇش كېرەك. 

20-ماددا مەكتەپ كېڭىشى ياقى مۇدىرىيىتى قۇرغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى، مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. كېڭەش ئەزالىرى ياكى مۇدىرلاردىن تەركىب تاپىدۇ. كېڭەش ئەزالىرى ياكى مۇدىرلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى بەش يىلدىن ئارتۇق ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى لازىم. 

مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدرىيىتى بەش يىلدىن ئارتۇق ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى لازىم. 

مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى بەشتىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، كېڭەش باشلىقى ياكى باش مۇدىرلىققا بىر ئادەم قويۇلىدۇ. كېڭەش باشلىقى، كېڭەش ئەزالىرى ياكى باش مۇدىر، مۇدىرلارنىڭ ئىسىملىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرىلىدۇ. 

21-ماددا مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:(1) مەكتەپ مۇدىرىنى تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەش ۋە بوشىتىش؛ 

(2) مەكتەپ نىزامنامىسىنى تۈزىتىش ۋە مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى تۈزۈش؛ 

(3) تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈش، يىللىق خىزمەت پىلانىنى تەستىقلاش؛ 

(4) مەكتەپ خىراجىتىنى غەملەش، خامچوت، نەقچوتنى تەكشۈرۈش؛ 

(5) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شىتاتى ۋە مائاش ئۆلچىمىنى بېكىتىش؛ (6) مەكتەپنى ئايرىش، قوشۇۋېتىش، تاقاشنى قارار قىلىش؛

(7) باشقا چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىش. 

باشقا شەكىلدىكى تەدبىر ئاپپاراتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ يۈرگۈزىدۇ.

22-ماددا پۇقرا مەكتىپىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىللىكىنى كېڭەش باشلىقى، باش مۇدىر ياكى مەكتەپ مۇدىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

23-ماددا پۇقرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى شۇ دەرىجىلىك شۇ خىل ھۆكۈمەت مەكتىپى مۇدىرىنى تەيىنلەش شەرتىدىن پايدىلىنىپ تەكلىپ قىلىپ تەيىنلىنىدۇ، ياش چەكلىمىسى مۇۋاپىق قويۇۋېتىلسە بولىدۇ ھەمدە ئۇ تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىلىدۇ. 

24-ماددا پۇقرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ: 

(1) مەكتەپ كېڭىشى، مۇدىرىيىتى ياكى باشقا شەكىلدىكى تەدبىر ئاپپاراتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش؛ 

(2) تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش، يىللىق خىزمەت پىلانى، مالىيە خامچوتى ۋە مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى تۈزۈش؛ 

(3) مەكتەپ خىزمەتچىلىىرنى تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەش، بوشىتىش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش؛ 

(4) ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتىگە تەشكىللەش، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ 

(5) مەكتەپنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛

(6) مەكتەپ كېڭىشى، مۇدىرىيىتى ياكى باشقا شەكىلدىكى تەدبىر ئاپپاراتى بەرگەن باشقا ھوقۇقلار. 

25-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا تۈرى، ئوقۇش يىل چېكى، ئوقۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى ياكى تەربىيىلەش لاياقەتنامىسى بەرسە بولىدۇ. 

كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ھۆكۈمەت تەستىقلىغان كەسپىي ماھارەتنى باھالاش ئاپپاراتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتەلىگەنلىرىگە دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېرىلسە بولىدۇ. 

26-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلار ئاساس قىلىنغان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى قاتارلىق شەكىللەرنى قانۇن بويىچە قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. sfsef 

پۇقرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە باشقا خىزمەتچىلىرى ئىشچىلا ئۇيۇشمىسى قانۇنىغا بىنائەن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق.

4-باب ئوقۇتقۇچى ۋە تەربىيىلەنگۈچى 

27-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تەربىيىلەنگۈچىسى قانۇندا ھۆكۈمەت مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تەربىيىلەنگۈچىسى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە. 

28-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى تەكلىپ قىلىپ تەيىنلىگەن ئوقۇتقۇچىلاردا دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بولۇشى كېرەك.

29-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىدىيە، ئەخلاق ۋە كەسىپ جەھەتتىن تەربىيىلىشى كېرەك. 

30-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاش، پاراۋانلىق تەمىناتى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى ھەمدە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك.

31-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى كەسىپ جەھەتتە تەربىيىلەش، ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەش، ئوقۇتۇش تارىخى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىستاژىنى ھېسابلاش، مۇكاپاتلاش-تەقدىرلەش، ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بىلەن قانۇن بويىچە ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە. 

32-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.

پۇقرا مەكتەپلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئونىتىپ، تەربىيىلەنگۈچىلەرنى تەقدىرلەيدۇ ياكى ئۇلارغا چارە كۆرىدۇ.

33-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىدە تەربىيىلەنگۈچىلەر يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش، ئىلغار سايلاش قاتارلىق جەھەتلەردە شۇ دەرىجىلىك شۇ خىل ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە تەربىيىلەنگۈچىلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە.

5-باب مەكتەپ مۈلكى ۋە مالىيىسىنى باشقۇرۇش 

34-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى قانۇن بويىچە مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈمى ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى تۇتۇشى كېرەك. 

35-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى قۇرغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە سالغان مۈلكى، دۆلەت مۈلكى، قوبۇل قىلغان ھەدىيە مال-مۈلۈك ۋە مەكتەپ جۇغلانمىسىدا قانۇنىي ئىگىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

36-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى ئوچۇق مەزگىلدە بارلىق مۈلكىنى ئۆزى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسىنىڭ ئېگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرا مائارىپى ئاپپاراتىدىن قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

37-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى ئوقۇش تارىخى بويىچە تەربىيىلەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ھەق تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى ئۆزى بېكىتىپ ئالاقىدار تارماقلارغا تەستىقلىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ، باشقا تەربىيىلەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ھەق تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى ئۆزى بېكىتىپ ئالاقىدار تارماققا ئەنگە ئالدۇرىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. 

پۇقرا مەكتەپلىرى ئالغان ھەقنى ئاساسلىقى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشى كېرەك. 

38-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ مۈلكىنى ئىشلىتىش ۋە مالىيىسىنى باشقۇرۇش تەستىقلىغۇچى ئورگان ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.

پۇقرا مەكتەپلىرى ھەر بىر بوغالتىرلىق يىلى ئاخىرلاشقاندا، مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتى تەييارلاپ، بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشىغا ھاۋالە قىلىشى ھەمدە نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى لازىم. 

6-باب باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش 

39-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.

40-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار پۇقرا مەكتەپلىرىنى قانۇن بويىچە مائارىپ تەپتىشلىكى قىلىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، ئىجتىمائىي ۋاستىچى تەشكىلاتلارنى مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە مائارىپ سۈپىتىنى باھالاشقا تەشكىللەيدۇ ياكى ئۇلارغا باھالاشنى ھاۋالە قىلىدۇ ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. 

41-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قائىدىسى ۋە ئېلانىنى تەستىقلىغۇچى ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. 

42-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزسە، تەربىيىلەنگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

43-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي ۋاستىچى تەشكىلاتلارنىڭ پۇقرا مەكتەپلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىدۇ. 

7-باب يۆلەش ۋە مۇكاپاتلاش

44-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، پۇقرا مەكتەپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلەتسە، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلىسا ۋە تەقدىرلىسە بولىدۇ. 

45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خىراجەت جەھەتتە ياردەم بېرىش، بىكار تۇرغان دۆلەت مۈلكىنى ئىجارە بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پۇقرا مەكتەپلىرىنى يۆلىسە بولىدۇ. 

46-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن باج ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

47-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرى بويىچە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىئانە-ھەدىيىسىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. 

دۆلەت پۇقرا مەكتەپلىرىگە مال-مۈلۈك ئىئانە-ھەدىيە قىلغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تەقدىرلەيدۇ. 

48-ماددا دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پۇقرا مائارىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كرېدىت ۋاسىتىسى ئارقىلىق قوللاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. 

49-ماددا خەلق ھۆكۈمىتى پۇقرا مەكتەپلىرىگە مەجبۇرىيەت مائارىپيى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھاۋالە قىلىشتا، ھاۋالە كېلىشىمى بويىچە مۇناسىپ مائارىپ خىراجىتى ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك. 

50-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىشتە، خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت پاراۋانلىق يېرىگە ۋە قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. مائارىپ يېرىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

51-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى مەكتەپ ئېچىش تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەن، تەرەققىيات فوندىنى قالدۇرۇپ قويغان ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە باشقا زۆرۈر خىراجەتنى ئاجرىتىۋالغاندىن كېيىن، مەبلەغ چىقارغۇچى مەكتەپ باشقۇرۇش قالدۇقىدىن مۇۋاپىق نەپ ئالسا بولىدۇ. مۇۋاپىق نەپ ئېلىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

52-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت-ياقا نامرات رايونلارغا بېرىپ پۇقرا مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىدۇ.

8-باب ئۆزگەرتىش ۋە تاقاش 

53-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنى ئايرىش، قوشۇۋېتىشنى مالىيە ھېساباتى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ.

پۇقرا مەكتىپىنى ئايرىش، قوشۇۋېتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك، پۇقرا ئالىي مەكتىپىنى ئايرىش، قوشۇۋېتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە يازما جاۋاب بەرسىمۇ بولىدۇ. 

54-ماددا پۇقرا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسىنى ئۆزگەرتىشنى قۇرغۇچى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويۇشى شەرت، مالىيە ھېساباتى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ. 

55-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ نامى، قاتلىمى، تۈرىنى ئۆزگەرتىشنى مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ.

باشقا پۇقرا مەكتىپىگە ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماس قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك، پۇقرا ئالىي مەكتىپىگە ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە يازما جاۋاب بەرسىمۇ بولىدۇ.

56-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى تاقىۋېتىش كېرەك: 

(1) مەكتەپ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاقاشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە تەستىقلىغۇچى ئورگان تەستىقلىغانلىرى؛ 

(2) مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغانلىرى؛ 

(3) مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلماي، داۋاملىق ئېچىشقا ئامالسىز قالغانلىرى. 

57-ماددا پۇقرا مەكتىپىنى تاقاشتا، مەكتەپىكى ئوقۇغۇچىلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغان پۇقرا مەكتەپلىرىنى تاقاشتا، تەستىقلىغۇچى ئورگان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى داۋاملىق ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياردەملىشىشى كېرەك. 

58-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرنى تاقاشتا، مالىيە ھېساباتىنى قانۇن بويىچە ئېنىقلاش كېرەك. 

پۇقرا مەكتەپلىرىدىن تاقاشنى ئۆزى تەلەپ قىلغانلىرىنىڭ ھېساباتىنى شۇ مەكتەپ ئۆزى ئېنىقلايدۇ، تەستىقلىغۇچى ئورگان قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرغانلىرىنىڭ ھېساباتىنى شۇ ئورگان ئۆزى ئېنىقلايدۇ، مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلماي، داۋاملىق ئېچىشقا ئامالسىز قېلىپ تاقالغانلىرىنىڭ ھېساباتىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئېنىقلايدۇ.

59-ماددا پۇقرا مەكتىپىنىڭ مال-مۈلكىدىن قەرز تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۈزۈلىدۇ:(1) تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى، پارچە خىراجىتى ۋە باشقا خىراجەتلىرىنى قايتۇرۇش؛ 

(2) ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى بېرىش؛ 

(3) باشقا قەرزلەرنى ئۈزۈش.

پۇقرا مەكتىپىنىڭ يۇقىرىقى قەرزلەرنى ئۈزگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مال-مۈلكى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

60-ماددا پۇقرا مەكتىپى تاقالغاندا، تەستىقلىغۇچى ئورگان مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى يىغىۋالىدۇ، تامغىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە تىزىمدىن ئۆچۈرىدۇ. 

9-باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

61-ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىدىن مائارىپ پائالىيىتىدە مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 

62-ماددا تەستىقلىغۇچى ئورگان ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار پۇقرا مەكتەپلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرسىنى سادىر قىلغانلىرىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بار بولسا، ئالغان ھەقنى قايتۇرغۇزۇۋالغاندىن كېيىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: 

(1) پۇقرا مەكتىپىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىۋەتكەن، قوشۇۋەتكەنلەر؛

(2) پۇقرا مەكتىپىنىڭ نامى، قاتلىمى، تۈرى ۋە قۇرغۇچىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛ 

(3) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ساختا قائىدە ياكى ئېلان چىقىرىپ، پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛ 

(4) ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى، تەربىيىلەش گۇۋاھنامىسى، كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى قانۇنسىز بەرگەنلەر ياكى ياسىۋالغانلار؛

(5) قالايمىقان باشقۇرۇپ ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار؛

(6) ساختا ئىسپات ھۆججىتىنى تاپشۇرۇپ ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسنى قوللىنىپ، مۇھىم پاكىتنى يوشۇرۇپ، مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛

(7) مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئېلىپ ساتقان، ئىجارە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەنلەر؛ 

(8) يامان غەرەزدە مەكتەپنى تاقىغان، مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالغان ياكى مەكتەپ ئېچىش خىراجىتىنى ئىشلىتىۋالغانلار. 

63-ماددا تەستىقلىغۇچى ئورگان ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىملارغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: 

(1) قۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، مۆھلەت ئۆتكىچە جاۋاب بەرمىگەنلەر؛

(2) مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىلتىماسنى تەستىقلىغانلار؛ 

(3) باشقۇرۇشتا بىپەرۋالىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

(4) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئالغانلار؛

(5) پۇقرا مەكتىپىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلەر؛ 

(6) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار. 

64-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەردىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پۇقرا مەكتىپى ئاچقانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن پۇقرا مەكتىپى ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا تەستىق رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ مەكتەپ ئېچىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىرىنى ئوقۇتۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

10-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

65-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پۇقرا مەكتىپى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان باشقا پۇقرا مائارىپى ئاپپاراتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مەكتەپ مۇدىرى پۇقرا مائارىپىدىن باشقا مائارىپ ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەمۇرىي مەسئۇلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مەكتەپ مۇدىرى پۇقرا مائارىپىدىن باشقا مائارىپ ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەمۇرىىي مەسئۇلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

66-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىزىملىغان پۇقرالارنىڭ تىجارەتلىك تەربىيىلەش ئاپپاراتىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 

67-ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئېچىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزىدۇ.

68-ماددا بۇ قانۇن 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، 9971-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «ئىجتىمائىي كۈچلەر مەكتەپ ئېچىش نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#