شېزۇ مىللىتى

شېزۇ مىللىتى

شېزۇلار ئۆزىنى «شەنخا مىللىتى» دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭ مەنىسى« تاغدا ماكانلاشقان مېھمان »دېگەنلىك بولىدۇ. شېزۇلار ئاساسلىقى فۇجيەن، جېجياڭ، جياڭشى، گۇاڭدۇڭ ۋە ئەنخۇينىڭ تاغلىق رايونلىرىغا تارقالغان.

ئۇيغۇرچە نامى شېزۇ مىللىتى
نوپۇسى 708651 (2010-يىلى)
خەنزۇچە نامى 畲族
چەتئەلچە نامى the she nationality

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شېزۇ مىللىتىرىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، پەنخۇ ئىسىملىك بىر يىگىت باتۇرلۇق بىلەن قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۈشمەن دۆلەتنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن قوشۇنىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى تېزلا مەغلۇپ قىپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭ باتۇرلۇقىغا مەستلىكى كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىپ بېرىپتۇ. پەنخۇ مەلىكە بىلەن ئۆي-ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن تاغدا ماكان تۇتۇپتۇ ۋە ئۈچ ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنت كۆرۈپتۇ. چوڭ ئوغلىنىڭ فامىلىسى پەن، ئوتتۇرانچى ئوغلىنىڭ فامىلىسى لەن، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ فامىلىسى لېي، كۈيئوغلىنىڭ فامىلىسى جوڭ بوپتۇ. ئۇلار ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا بىللە ياشاپ، شېزۇ مىللىتىنى شەكىللەندۈرۈپتۇ.

شېزۇلار ئۆزىنى «شەنخا مىللىتى» دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭ مەنىسى« تاغدا ماكانلاشقان مېھمان »دېگەنلىك بولىدۇ. شېزۇلار ئاساسلىقى فۇجيەن، جېجياڭ، جياڭشى، گۇاڭدۇڭ ۋە ئەنخۇينىڭ تاغلىق رايونلىرىغا تارقالغان. شېزۇلارنىڭ سانى فۇجيەن ۋە جېجياڭ ئىككى ئۆلكىدە بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، شېزۇلار ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ %96 ىنى تەشكىل قىلىدۇ.

 شېزۇلارنىڭ ئۆز تىلى بار بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى خەنزۇلارنىڭ كېجيا تىلىغا يېقىنلىشىپ كېتىدىغان دىئالېكىتتا سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز يېزىقى يوق، ئومۇميۈزلۈك خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ. 

شېزۇ مىللىتىتاغ ناخشىسى − شېزۇلارنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت. شېزۇلار ھېيت-بايرام ۋە تەبرىكلەش سورۇنلىرىدا ناخشا ئېيتىشىپلا قالماستىن، بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇش، ئېتىز-ئېرىقلاردا ئەمگەك قىلغاندا ۋە ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ ناخشا تىلى ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن سۆزلىشىدۇ. بەزى رايونلاردا ھەر يىلى كۆلىمى زور بولغان «پەنشى» شېئىر-قوشاق يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ناخشا ئېيتىش ئۇسۇلى جەھەتتە يالغۇز كىشىلىك ناخشا ئېيتىش، ئىككى كىشىلىك ناخشا ئېيتىش ۋە خور ئېيتىشتىن باشقا، قوش ئاۋازلىق قايتىلىما ناخشا ئېيتىدۇ. بۇ «قوش ئاۋازلىق ئۇلانما ناخشا» دەپ ئاتىلىدۇ. «قوش ئاۋازلىق ئۇلانما ناخشا» دا ناخشىچى بىر كۇپلېتنىڭ ئىككى-ئۈچ سۆزىنى ئېيتىدۇ، يەنە بىر ناخشىچى قالغان كۇپلېتنى ئۇلاپلا ئېيتىدۇ، بۇ جۇڭگو خەلق ناخشىلىرىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان شەكىل.

شېزۇ مىللىتى شېزۇ ئەرلىرىنىڭ كىيىم-كېچىكى يەرلىك خەنزۇلارنىڭ كىيىم-كېچىكى بىلەن ئوخشايدۇ. ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنىڭ ياقىسى، يېڭى ۋە پەشلىرىگە كۆپىنچە جىيەك تۇتۇلىدۇ، بېلىنى رەڭلىك لېنتا بىلەن باغلايدۇ. ئۇلارنىڭ قىسقا تامبال كىيىپ، پۇتىغا گوجەي ئورايدىغان ئادىتى بار. ئاياللار چېچىنى چوققىسىغا بۇرما شەكىلدە تۈرمەكلىۋالىدۇ ياكى ئېگىز كانايچە شەكىللىك باش كىيىمى شەكلىدە بوغۇۋالىدۇ. توي قىلغاندا، قىز-ئاياللار تاج ۋە كۈمۈش چاچقىسقۇچ تاقىۋالىدۇ. شېزۇلارنىڭ ماكانلىشىش ئالاھىدىلىكى چوڭ جەھەتتىن تارقاق بولۇش، كىچىك جەھەتتىن توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتىن ئىبارەت. ئادەتتە بىر نەچچە ياكى 10 نەچچە ئائىلە بىر كەنتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بەزى كەنتلەردە بولسا شېزۇلار بىلەن خەنزۇلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان بولىدۇ. ئىلگىرى بىر جەمەتتىكى كىشىلەر بىر «ئۆيلۈك» ھېسابلىناتتى، بىر ئائىلىدىكىلەر بىر ئۆيدە تۇراتتى. شېزۇلاردا ئوخشاش فامىلىدىكىلەر ئارا نىكاھلانمايدۇ. ئۇلار خەنزۇلار بىلەنمۇ قۇدا-باجا بولۇشمايدۇ.

شېزۇلار ئاساسلىقى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال ۋە تاتلىقياڭيۇ ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇلار توقۇغان گۈللۈك بەلۋاغ ۋە چىخ قالپاق تولىمۇ ئۆزگىچە. چىخ قالپاق بامبۇك چىۋىق بىلەن توقۇلىدۇ، رەڭلىك لېنتا باغلىنىپ، مەرۋايىت قويۇلىدۇ، ئۇ ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، ئاياللار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بېزەك بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#