بالىلارنىڭ تەپەككۇرى

بالىلارنىڭ تەپەككۇرى

بالىلار پسىخىكىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەربىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر شەكلى بولىدۇ. بەزى بالىلاردا كۆپىنچە «ئىندۇكسىيە تەپەككۇرى» «ئوخشاش پىكىر تەپەككۇرى» بولىدۇ. بەزى بالىلاردا «ئوخشاش بولمىغان پىكىر تەپەككۇرى» كۆپرەك بولىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىلارنىڭ تەپەككۇرىبالىلار پسىخىكىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەربىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر شەكلى بولىدۇ. بەزى بالىلاردا كۆپىنچە «ئىندۇكسىيە تەپەككۇرى» «ئوخشاش پىكىر تەپەككۇرى» بولىدۇ. بەزى بالىلاردا «ئوخشاش بولمىغان پىكىر تەپەككۇرى» كۆپرەك بولىدۇ. مۇستەقىل كۆز قارىشى بار ۋە مۇستەقىل ئويلىيالايدىغان بالىلار قارىغۇلارچە باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشمەيدۇ. تەپەككۇرىمۇ جانلىق بولىدۇ. ئۆزىنىڭ پىكىرىنى دادىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. 

بالىلارنىڭ تەپەككۇرى بىر ياشتىن كېيىن پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى تەپەككۇر ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تەپەككۇرى بولۇپ، شەيئىلەرنىڭ بىۋاسىتە سېزىمى ئارقىلىق پەيدا بولغان تەپەككۇرىدىن ئىبارەت.

بالىلارنىڭ تەپەككۇرىبالىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكىگە زىت ھالدا، ئاتا-ئانىلار بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئۆزىدە شەكىللەنگەن مۇستەقىل تەپەككۇرىگە دىققەت قىلىپ، بالىنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكىر تەپەككۇرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

1. دېموكراتىك ئائىلە كەيپىياتى بەرپا قىلىش، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ پىكرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، بالىلارنىڭ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئىلھاملاندۇرۇپ، بالىنىڭ مەلۇم بىر مەسىلە ئۈستىدە «تالاش-تارتىش قىلىش» غا رۇخسەت قىلىپ، بالىلارنىڭ بەھۇزۇر سۆزلىشىش ۋە سىناپ بېقىشىغا پۇرسەت بېرىش كېرەك. بۇ خىل دېموكراتىك، باراۋەرلىك بار ئائىلە كەيپىياتى ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلاردا ئاندىن مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بولىدۇ.

2. بالىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق خىياللىرىنى قوللاش. مۇستەقىل تەپەككۇر بىلەن مول بولغان تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى ئايرىلمايدۇ. بەزى بالىلار دائىم ئالاھىدە ئۇسۇل ۋە خىيالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئاتا-ئانىلار بۇنداق ۋاقىتتا ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش دەپ قاراپ، دەرھال ئىنكار قىلىۋەتمەسلىك، بەلكى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ خىل تەپەككۇرىنى تېخىمۇ قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش. ئاتا-ئانىنىڭ ھۇزۇرلىنىش پوزىتسىيىسى بالىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەپەككۇرىنى غىدىقلىغۇچى ئۈنۈملۈك دورا بولۇپ، بالا بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، دادىللىق بىلەن ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. ئاندىن باشقىلاردا بولمىغان پىكىرلەردە بولالايدۇ.

3. بالىنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشاش بولماسلىقىغا ئىلھام بېرىش. ئاتا-ئانىلار بالىنى قانداق ئىش قىلغاندا چوڭلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىدۇ. چوڭلار بالىلارغا ياخشى بولسۇن دەيدۇ دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك. بىز دائىم ئاتا-ئانىلارنىڭ: «سەن xxxx گە ئوخشاش بولۇشۇڭ كېرەك» «مەن نېمە قىلىۋاتىمەن، سەن نېمە قىلىۋاتىسەن» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمىز. بۇنداق بالىلاردىن قانداقتۇر بىر ئىجادچانلىقنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار دائىم «سېنىڭ ئامالىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوخشىمايدۇ» «سېنىڭ قانداق ياخشى ئامالىڭ بار؟ » دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق بالىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، بالىلاردا «باشقىلارغا ئەگىشىپ ماڭماسلىق» ئىدىيىسى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

4. بالىنىڭ «ئوخشاش بولمىغان تەپەككۇرى» نى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك، تۇرمۇشتا، ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلارغا بىر قىسىم سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بالىنى ئوخشاشمىغان نۇقتىنى نەزەردە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. مەسىلەن: گېزىتنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟ خېتىنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللار بالىنىڭ تەپەككۇر جەريانىغا ناھايىتى پايدىلىق.

بالىلارنىڭ تەپەككۇرىبىر ياشتىكى بالىلارنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتىدە دەسلەپكى يىغىنچاقلىنىش ۋە خۇلاسە مەيدانىغا كېلىدۇ. بىراق تەپەككۇرى بۇرۇنقىدەكلا كونكرېت بولۇپ، مۇئەييەن ھەرىكەتكە تايىنىشقا موھتاج بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ھەرىكەتتە مۇئەييەن مەقسەت ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئائىلە باشلىقى بالا ئامراق بولغان ئويۇنچۇقنى گىلەم ئۈستىگە قويۇپ باقسا، بىراق بالىنىڭ قولى يەتمىسە، بالا گىلەمنى ئالدىغا تارتىپ، ئويۇنچۇقنى ئالىدۇ. بالىنىڭ بۇ ھەرىكىتى مەلۇم مەقسەتنى ئاساس قىلغان. بۇ بالىنىڭ ھەرىكىتىدە مۇئەييەن ئەقىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇلار بەدەن ۋە سىرتتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى بىر قىسىم ئويۇنلارنى تەشكىللەپ، بالىنىڭ مەلۇم ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتەلەيدىغان-يېتەلمەيدىغانلىقىغا قاراپ بېقىش. مەسىلەن: بالا ياخشى كۆرىدىغان بېرەر ئويۇنچۇققا يىپ چىگىپ قويۇپ، ئويۇنچۇقنى بالىنىڭ قولى يەتمەيدىغانراق يەرگە قويۇپ، بالىنىڭ يىپنى تارتىپ ئويۇنچۇقنى يېنىغا ئەكىلەلەيدىغان ياكى ئەكىلەلمەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ «ئۆي بېزەش» ئويۇنىدا بۇ خىل ئالاھىدىلىك روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. بالا بەزى ۋاقىتتا قونچاقنى ئۆزى دەپ ھېسابلايدۇ. ئۆزىنى بولسا ئانا دەپ ھېسابلاپ، ئانىسىدىن دوراپ، قونچاقنى باقىدۇ. بۇ باسقۇچتا يەنە سۆز ئارقىلىق بىر قىسىم تەپەككۇر پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بىراق يەنىلا شەيئىلەرنىڭ ماھىيەت ئالاھىدىلىكىنى بىلەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى چوڭلارنىڭكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىدىغان سۆزلىرى يەنىلا بىر ئاز بولغاچقا، پەقەت چەكلىك سۆز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

بالىلارنىڭ تەپەككۇرىبالىلاردىكى تەپەككۇرى شەيئىلەرگە بولغان تەسىرات ۋە ئۆزىدىكى ھەرىكەتتىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇلار پەقەت بىۋاسىتە سېزىم ياكى ئۇچرىغان شەيئىلەر ئارقىلىق تەپەككۇر قىلىدۇ. بىۋاسىتە سەزگۈ شەيئىلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىن ئايرىلىپ قالسا، ھەرىكەتتىن توختاپ قالسا، تەپەككۇرىمۇ ئۆرۈلۈپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ تەپەككۇر چۈشەنچىسى پەقەت شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، مەسىلەن: رەڭ، شەكىل، چوڭ-كىچىكلىكى قاتارلىق تۈرلىرىگە ئاساسەن كەلگەن بولۇپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى، خۇسۇسىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا دائىم خاتالىشىدۇ. ئۈچ ياشتىن كېيىنكى بالىلارنى ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ تۇرمۇش دائىرىسى كەڭرى بولىدۇ. سوئال سوراشقا ئامراق كېلىدۇ. قىزىققانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز بالىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۈچ ياشقا كىرگەندىن كېيىنكى بالىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرى ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى تەپەككۇرىنى ئاساس قىلغان ئاساستا تۆۋەندىن-يۇقىرىلىقىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. كونكرېت، سىمۋوللۇق ھالدا تەپەككۇر قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئاساسلىقى شەيئىلەرنىڭ كونكرېت سىمۋوللۇق شەكلى ياكى تەسەۋۋۇرىنى باغلاش ئارقىلىق كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار رەسىم ياكى ھەققىي شەيئىلەر ئارقىلىق شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ. مەسىلەن: ئېگىزلىكى ئوخشاش بولمىغان «ئېگىز» ، «پاكار» دېگەن ئۇقۇمنى، كىتابنىڭ قېلىن-نېپىزلىكىگە ئاساسەن «قېلىن، نېپىز» دېگەن ئۇقۇمنى چۈشىنىۋالىدۇ. ئەگەر ھەقىقىي شەيئىلەر ياكى رەسىمدىن ئايرىلسا ئېغىز ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇلار نېمىنى «ئېگىز، پاكار، قېلىن، نېپىز» دەپ ئاتىسا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ئامالسىز. شۇڭا، بۇ مەزگىلدە چوڭلار رەسىملەر توپلىمىدىن، رەسىمدىن ۋە ھەقىقىي شەيئىلەردىن پايدىلىنىپ، ئاددىي بولغان قائىدىلەرنى چۈشەندۈرسە، ئۇلار قوبۇل قىلالايدۇ ۋە چۈشىنەلەلەيدۇ. 

بالىلارنىڭ تەپەككۇرىتەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرى بولسا ئەكسچە ئوي-پىكىر قىلىش ئادىتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەككە تەپەككۇرنىڭ چۈشىنىشلىك بولغان بىر خىل ئىپادىسى. تەتۈر يۆنىلىشلىك تەپەككۇر بولسا تەپەككۇرنىڭ جانلىقلىقىنى، ئەتراپلىقلىقىنى، يېڭىلىق يارتىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بالىلاردا تەتۈر يۆنىلىشلىك تەپەككۇرنى يېتىلدۈرگەندە بىر خىل ئەركىن بولغان كەڭرى كەيپىياتنى ياراتقىلى بولىدۇ. بالا بۇ يەردە خالىغانچە دۇنيا توغرىسىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ. بالا كىچىك بولغاچقا، بەزى ۋاقتىدا بەزى تەسەۋۋۇرلىرى تەتۈر يۆنىلىش مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى سەل دائىرىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت. بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ خىلمۇخىل تەسەۋۋۇرى بىلەن ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىغا ئىلھام بېرىشى ۋە بالىنى قوللاش كېرەك. بولۇپمۇ بالىنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرى بىلەن ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەلۋەتتە زىيادە چەكتىن ئېشىپ كەتكەن خىيال بىلەن ئۇسۇلنى ماسلاشتۇرغاندا ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەسلىكى مۇمكىن. تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرىنى مەشىق قىلدۇرغاندا بەلگىلىك بىلىم ئاساسىي بولۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا بالىغا تەبىئەت جەمئىيەتتىكى خىلمۇخىل مۇھىم نەرسىلەرنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: تېلېۋىزور كۆرۈش، كىتاب كۆرۈش، مۇزىيخانىلارنى زىيارەت قىلىش، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىقلار. بالىلارغا مەقسەتلىك ھالدا تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرىنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك. مەسىلەن: بالىنىڭ جاۋابىغا قارىتا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوئال سوراش، مېڭىسىنى جىددىي ئىشلىتىش مەشىقى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#