دۇتار
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دۇتار چالغۇ مەنبەسى خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن قەدىمكى چۆچەكلەردە تارقىلىپ يۈرگەن.
رىۋايەت قىلىنىشىچە يىراق قەدىمكى زاماندا، ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئاساسلىقى يېمەك-ئىچمەكتە جەرەن ئاساس قىلىدۇ، جەرەننى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۇنىڭ چوڭ ئۈچىيىنى چىملىققا ئوتلاقلارغا خالىغانچە تاشلىغان، كۈن نۇرىدا قاغجىراپ قۇرۇغان كېيىن ئۈچەي شامال ئارقىلىق ئۇچۇرۇلسىلا، بىر خىل يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىدىغانلىقى بايقالغان. بۇ خىل ئاۋاز ۋە ھادىسە ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن بايقالغاندىن كېيىن، كىشىلەر مەقسەتلىك ھالدا قۇرۇغان ئۈچەيلەرنى ئويۇلغان ياغاچ ئۈستىگە قۇيۇپ ئۇ ئارقىلىق ياسالغان چالغۇ، ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ ئاددىي پەيدا بولغان چالغۇلارنىڭ بىرى.
ئەنئەنىۋى دۇتارنىڭ تۈزۈلۈشى تەمبۇرغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، سىرتقى شەكلى خۇددى بىر ئۇزۇن ساپاقلىق چوڭ چۆمۈچكە، ئۇ ئاۋاز ساندۇقى، چالغۇنىڭ بېشى، چالغۇ دەستىسى، قۇلاق، خەرەك ۋە تاتار قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپىدۇ، ياسىلىدىغان ماتىرىياللار :
كۆپىنچە ئۈجمە دەرىخى، تەبىئىي قۇرۇغان بامبۇك، ئۆرۈك دەرىخى ياكى ياڭاق دەرىخى، ئۆلچەملىك رازمېرى بويىچە ئەرلەر، خانىملار ۋە بالىلار ئوخشاش بولمىغان تۈرگە ئايرىشقا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، ئادەتتە چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك ئۈچ خىلغا بۆلۈنگەن. چوڭ سېپىدا يىپەك تار 17 سورت يۆگەلگەن، كىچىكدە 14 سورتى بار، ئەر-ئاياللارنىڭ چېلىشىغا ماس كېلىدۇ.
چالغاندا ئوڭ بەش بارماقنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ، ياكى چىكىش ياكى ئۇرۇش، ياكى تاللاپ ياكى تارتىش، ساز چالغاندا چىققان ئاۋاز كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئاۋاز تۈسى ناھايىتى يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىپ ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇتارنى ئۆزى چېلىپ ئۆزى ناخشا ئېيتىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.