پىل چىشى

پىل چىشى

پىل چىشى بىر خىل ئاق رەڭلىك قاتتىق جىسىم. ئاساسلىق تەركىبى چىش دېنتىن ماددىسى، سۆڭەكنىڭ تەركىبى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تار مەنىدە ئېيتقاندا، ئەركەك ئاسىيا پىلى، ئافرىقا پىلى، مامونتنىڭ ھىڭگاڭ چىشى، كەڭ مەنىدە بېگېموت، ياۋا توڭگۇز، دېڭىز پىلى، كىت قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ھىڭگاڭ چىشى ياكى چىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى پىل چىشى
ئىنگلىزچە نامى ivory
پىنيىنچە يېزىلىشى xiàng yá
رەڭگى ئاق، سارغۇچ، سۇس سېرىق
قاتتىقلىق دەرىجىسى 2.45
خەنزۇچە نامى 象牙
خىمىيەلىك تەركىبى فوسفات ۋە ئورگانىك ماددا
كرىستال ھالىتى كرىستالسىز جىنس
كېلىش مەنبەسى ئۆلتۈرۈش، تەبىئىي چىش ئالمىشىش، تەبىئىي ئۆلۈش
قوغداش ئەھدىنامىسى نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ياۋايى ھايۋانات ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەسلى ۋە ئۇرۇقى خەلقئارالىق سودا ئەھدىنامىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىل چىشىپىل چىشى بىر خىل ئاق رەڭلىك قاتتىق جىسىم. ئاساسلىق تەركىبى چىش دېنتىن ماددىسى، سۆڭەكنىڭ تەركىبى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تار مەنىدە ئېيتقاندا، ئەركەك ئاسىيا پىلى، ئافرىقا پىلى، مامونتنىڭ ھىڭگاڭ چىشى، كەڭ مەنىدە بېگېموت، ياۋا توڭگۇز، دېڭىز پىلى، كىت قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ھىڭگاڭ چىشى ياكى چىشىنى كۆرسىتىدۇ.

پىل چىشى قەدىمكى بىر خىل قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ، پىل چىشىدىن ئويۇلغان بۇيۇم، يالغان چىش، يەلپۈگۈچ، شىشىخال قاتارلىقلارنى  ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. يېقىنقى زامان زىننەت بۇيۇملىرىنى ياكى پىل چىشىدىن ئويۇلغان بۇيۇم، بىليارت شارچىسى، ئۈستىگە چېكىت ئويۇلغان كۇب شەكىللىك ئۇرۇق، پىئانىنو كۇنۇپكىسى، شاھمات، تۈگمە قاتارلىقلارنى بۇيۇملارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، سۇلياۋ پەيدا بولغاندىن كېيىن، پىل چىشىنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە ئورنىنى ئالدى، ئەمما پىل چىشى كەم ئۇچرايدىغان، بەزى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى يەنىلا پىل چىشىدا ياسىلىدۇ.

بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئۇدۇل چىشى ياكى ھىڭگاڭ چىشىنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، شۇڭا، ئوخشاش بولمىغان ھايۋانلاردىن كەلگەن «پىل چىشى» ماتېرىياللىرى ئاساسەن ئوخشاش. ئوخشاش بولمىغان ھايۋانلارنىڭ پىل چىشى رەڭگىدە ئازراق پەرىق بولۇشى مۇمكىن. ئاساسەن بەزى ھايۋانلارنىڭ چىشىنى ناھايىتى ئاسانلا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ چىشى تەركىبىدىكى خىمىيىلىك قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ، خىمىيىلىك تەركىبىدىكى زەررىچىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئەسۋابى ياكى مىكروسكوپتا كۆزىتىشكە بولىدۇ. 

چىش ۋە ھىڭگاڭ چىش ئەسلىدە ئوخشاش ماددا. چىش ئالاھىدىرەك بولۇپ، چايناش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھىڭگاڭ چىش بولسا ئۇزۇن بولۇپ، كالپۇكىنىڭ سىرتىغا سوزۇلۇپ چىققان چىش، ئۇلار چىشتىن تەرەققىي قىلغان، ئادەتتە مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ ساندىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ چىشى چىش يىلتىزى ۋە چىش تاجىسىدىن تەركىب تاپىدۇ.

پىل چىشىچىش ۋە ھىڭگاڭ چىشنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولۇپ، ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ چىش يىلىكى، چىش ئىلىكى بوشلۇقى، چىش ماددىسى، چىش سۆڭەك ماددىسى، چىشنىڭ ئېمال ماددىسىدىن تۈزۈلگەن.

چىش ئىلىكى بوشلۇقى دىۋارىدىكى چىش دېنتىن ماددا ھۈجەيرىسى چىش دېنتىن ماددىسىنى سىرتقا چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پىل چىشى ئويمىچىلىق بۇيۇمى ئاساسلىقى چىش دېنتىن ماددىسىدىن تەركىب تاپقان، ئۇ چىش ياكى ھىڭگاڭ چىشنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى. چىش دېنتىن ماددىسى بولغان ئانئورگانىك قىسمى ئاساسلىقى كاربون ئاپاتىت، چىش دېنتىن ماددىسى ئىچكى قىسمىدا ناھايىتى كىچىك تۇرۇبا يولى بار، بۇ تۇرۇبا يولى چىش يىلىكىگە قاراپ سىرتىدىكى رادىئاتسىيەنى چىش سۆڭەك ماددىسىغا قويۇپ بېرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ھايۋانلارنىڭ چىشى ئىچىدىكى تۇرۇبا قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنىڭ دىئامېتىرى 2.2 ~ 0.8 مىكرونغىچە بولىدۇ. ھەر بىر ھايۋاننىڭ مىكرو نەيچىسىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ.

1. پىل چىشىنىڭ رەڭگى ۋە ئۈزۈلمە يېرىقنى كۆزىتىش. 

2. ئويما بۇيۇملارنىڭ سەنئەت ئۇسلۇبى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىش.

3. كونا ماتېرىيال، يېڭى ئويمىغا دىققەت قىلىش.

پىل چىشى4. ئويۇلغان شەكلىنى پەرق ئېتىش.

«مەنبە»سىى پىل ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئاسىيا پىلىنىڭ چىشى. 

«توپلاش» كۆپىنچە پىل چىشى ئويمىچىلىقىدا ئېشىپ قالغان پارچە ماتېرىيالى دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ. 

«دورا ماتېرىياللىرى» كۆپۈنچە ئۇۋاق ھالەت، شەكلى ناھايىتى تەرتىپسىز. سىرتقى يۈزى سۇس قىزىل ياكى سېرىق رەڭدە ھەمدە تىك قاتار تېيىز ئېرىقچە ھالەتتە. ئىچى كۈمۈش رەڭلىك. يالپاقلانغىنى، ئۇزۇنىسىغا كەسمە يۈزىدە تىك ۋە توغرىسىغا كېسىشكەن دولقۇنسىمان، توغرا كەسمە يۈزىدە مەركەزداش ھالقىسىمان داغ بار. قاتتىق ھەم چۈرۈك. پۇراقسىز. سىرتى تېيىز قىزىل رەڭدە، ئىچكى يۈزى ئاق، مايلىشاڭغۇ كۆرۈنگىنى ياخشى. ئافرىقا پىلىنىڭ چىشىمۇ ئوخشاش دورا قىلىنىدۇ. 

خىمىيىۋىلىك تەركىبىدىكى كالتسىي فوسفات %57 ~ %60، چىش ئاساسىي ماددىسى %40 ~ %43 ۋە ئاز مىقداردا ماي قاتارلىقلار بار.

پىل چىشىنىڭ تەركىبىدە ئورگانىك ماددا بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: 

【 خۇسۇسيەت تەمى】تاتلىق، تەبىيىتى سوغاق.

« چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەن دورا ئۆسۈملۈكلىرى»: تەبىيىتى سوغاق.

«كۈن خۇا زى دورا ئۆسۈملۈكلىرى»: تۈز.

«تاللانغان دورا تۈرلىرى»: تەمى سۇسراق، تەبىئىتى مۆتىدىل، زھەرسىز.

«قامۇس»: تاتلىق، تەبىيىتى سوغاق، زھەرسىز.

【 دەستۇر 】:«دورىلىق گىياھلار يېڭى توپلىمى»: يۈرەك، بۆرەك.

【ئاساسلىق رولى】:ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، چۆچۈشنى بېسىش، زەھەر قايتۇرۇپ، گۆش ئۈندۈرۈش. تۇتقاقلىق كېسىلىنى، سۆڭەك قىزىش، بەلغەم ئىسسىق، غەلۋىرەك چىرىش كېسىلىنى داۋالاش. 

«چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەن دورا ئۆسۈملۈكلىرى»: شامالدارىغان تۇتقاق ئىسسىق، سۆڭەك قىزىش، يارا قاتارلىقلارغا ئۇۋاق دورا قىلىنىدۇ.

«كۈن خۇا زى دورا ئۆسۈملۈكلىرى»: سۈيدۈك كەلمەسلىككە قاينىتىپ ئىچىلىدۇ، كىچىك تەرەت كۆپلۈككە كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ يىيىلىدۇ.

«ئېسىل دورا گىياھلىرى»: گۆشكە كىرىپ كەتكەن تۆمۈر ۋە باشقا نەرسىلەرنى داۋالاشتا، قىرىپ ئېلىپ، يارا ئۈستىگە سۈرۈش.

«تېببىي ئىلىمدىن دەسلەپكى بايان»: ئاخىرقى، باشلىقى قاتارلىق يارا، بوۋاسىر ئاقمىسى ساقايتىدۇ، گۆش ئۈندۈپ ئېغىزىنى ئىتىشى ئەڭ تېز.

«دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرىنىڭ تەپسىراتى»: يامان چاقا، زەھەرنى ھەيدەيدۇ، ئەت قونماق، ئەت ئۆستۈرىدۇ، نەيسىمان ئورگانلارنى ئىتىدۇ.

«دورا ئۆسۈملۈكلىرى»: مىجەزنى تەڭشەپ، بۆرەك ئوتىنى قايتۇرىدۇ، تەلۋە شامالدارىشنى، سۆڭەك قىزىش، بەلغەم ئىسسىقنى داۋالايدۇ.

پىلنىڭ ئولتۈرۈلۈشكە ئۇچرىماسلىقنى قوغداش ئۈچۈن، 1973-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن ۋاشىنگتون دا 21 دۆلەتنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى «نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ياۋايى ھايۋانات ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەسلى ۋە ئۇرۇقى خەلقئارالىق سودا ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالىغان.

پىل چىشىمەزكۇر ئەھدىنامە پىل چىشى سودىسىنى قاتتىق چەكلىگەن، جۇڭگو 1981-يىلى بۇ ئەھدىنامىگە كىرگەن.

ئەمما پىل چىشى سودىسى ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسى، ئۇنىڭدىن باشقا پىل چىشى ئويمىچىلىقى قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئەھدىنامە 2008-يىلى ياپونىيە پىل چىشىنى قانۇنلۇق ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ تەستىقلانغان.

«جۇڭگو پىل چىشى بۇيۇملىرىنى مەنئى قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ۋاقىتلىق پىل چىشى سودىسى مەنئى قىلىغان، 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ قانۇنلۇق پىل چىشى ئىمپورت-ئېكسپورت مەنئى قىلىنپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى چەكلەش بىكار قىلىنىدۇ».

دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#