جاۋ شىگۇاڭ

جاۋ شىگۇاڭ

 جاۋ شىگۇاڭ ئەر، خەنزۇ، 1901-يىلى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باۋشەن ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن، ۋەتەنپەرۋەر گېنرال.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جاۋ شىگۇاڭ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1901-يىلى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باۋشەن ناھىيەسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 赵锡光
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1955-يىلى ئۆكتەبىر
مىللىتى خەنزۇ
كەسپى ھەربىي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاۋ شىگۇاڭۋەتەنپەرۋەر گېنرال جاۋ شىگۇاڭ ئەر، خەنزۇ، 1901-يىلى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باۋشەن ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىدا يۈننەن چامباشچىلىق سارىيىدا ئوقۇپ ئەسكەر بولغان، بىرىگادا كوماندىرى جۇدې قىسمىدا يۈەن شىكەيگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە دۆلەت ئارمىيىسىدە بالداقمۇ-بالداق ئۆرلەپ گېنراللىققا كۆتۈرۈلگەن.

دۆلەت ئارمىيەسى

جاۋ شىگۇاڭ جاۋ شىگۇاڭ1940-يىلى جاۋ شىگۇاڭ گومىنداڭنىڭ دۆلەت ئارمىيەسى مەلۇم قىسمىغا قوماندانلىق قىلىپ ياپۇن تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش، لىڭتۇڭ دەرياسىدا مۇداپىئە كۆرۈش جەريانىدا ئالاھىدە لوياڭغا بېرىپ 8-ئارمىيەنىڭ قوماندانى جۇدې بىلەن كۆرۈشكەن، كېيىن جاۋ شىگۇاڭ گومىنداڭنىڭ 8-ئۇرۇش رايۇنى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا كۆتۈرۈلگەندە قول ئاستىدىكى قوشۇنلارغا: «8-ئارمىيەنىڭ دېموكراتىك ئىستىلى ياخشى ئىكەن. بىز ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ، ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشقا پايدا يەتكۈزۈىشىمىز لازىم» دەپ، جۇدې، ماۋزىدۇڭ قوماندانلىقىدىكى 8-ئارمىيەنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىستىلى، تەرتىپ-ئىنتىزامىنى تەشەببۇس قىلغان.

1944-يىلى ئاۋغۇسىت جاللات شېڭ شىسەينىڭ كەشى ئىچكىرىگە توغرىلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭنى ئەمەلىي تۈردە كونتىرول قىلىش ھوقوقىغا ئېرىشكەن گومىنداڭ شىنجاڭغا 100 مىڭ كىشىلىك دۆلەت ئارمىيىسىنى كىرگۈزگەن. جاۋ شىگۇاڭ دۆلەت ئارمىيەسى 42-كورپوس بىلەن 1946-يىلى شىنجاڭغا چىقىپ قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەردىكى قومانلىق ئىشتابىدا تۇرۇپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىچكى-تاشقى مۇداپىئەسىگە مەسئۇل بولغان.

42-كورپۇس قايتا رەتكە سېلىنىپ 42-دېۋىزىيە بولغاندا، جاۋ شىگۇاڭ دېۋىزىيە كوماندېرى، قوشۇمچە شىنجاڭ گارنىزونىنىڭ گېنرال لېيتېنانىت دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش قوماندانى، جەنۇبى شىنجاڭ گارنىزونىنىڭ قوماندانى بولغان. ئەينى چاغدىكى جەنۇبى شىنجاڭ قارىمىقىدا 40 مىڭ كىشىلىك دۆلەت ئارمىيەسى بولۇپ، ئۇلار تۇرپاندىن شىزاڭنىڭ ئالىي رايۇنىغىچە ئىچكى-تاشقى مۇداپىئەگە مەسئۇل بولغان. گارنىزون ئىشتابى ئەنئەنە بويىچە قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەردە تۇرغان. ئۇنىڭ 42-دېۋىزىيەسىگە بىۋاستە قاراشلىق ئاتلىق 9-بېرىگادا قەشقەردە، 231-بېرىگادا تۇرپاندا، 128-بېرىگادا قاراشەھەردە، 65-بېرىگادا ئاقسۇدا، ئاتلىق 4-بېرىگادا يەكەندە تۇرغان.

ھەقىقەتكە قايتىش

جاۋ شىگۇاڭ1949-يىلى فېۋرال جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيەسى چاڭجىياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈشكە تەييارلانغان، غەربىي شىمالدا ئازادلىق ئارمىيە شىئەننى مۇاسىرىرىگە ئېلىۋالغان، گومىنداڭنىڭ خۇزۇڭنەن، ما بۇفاڭ قىسىملىرى شىئەننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، جان تالىشىۋاتقان چاغدا جۇڭخۇا مىنگونىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى لى زۇڭرىن بۇ خىل ھالاكەتلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن، شىنجاڭ گارنىزونىنىڭ باش قوماندانى گېنرال پولكوۋنىك تاۋ سىيۆگە شىنجاڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈن بىر بىرىگادا ئەسكەر قالدۇرۇپ، قالغان قوشۇننى ئىچكىرىگە يۆتكەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. تاۋ سىيۆ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ گارنىزونىنىڭ ئالىي يىغىنىنى چاقىرىپ، لى زۇڭرىننىڭ تېلگىرامما بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈپ، قانداق قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلغان. بەزى گېنراللار بۇيرۇق بويىچە ئىچكىرىگە يۆتكىلىشنى تەشەببۇس قىلسا، بەزى گېنراللار قىيىنچىلىق، توسالغۇلارنى تەكىتلەپ، شىنجاڭدا تۇرىۋېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. گېنرال جاۋ شىگۇاڭ: «تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، مەنچىڭ ھۆكىمىتى چىرىك ۋە ئىقتىدارسىز بولغاچقا، چىگرا رايون خەلقىنىڭ ئۆلەر-تىرىلىشى بىلەن كارى بولمىغان، چىگرا بولسىمۇ ئۇنى قوغدىمىغان. 19-ئەسەرنىڭ 60-يىللىرىدا ياقۇەپبەگ جاھانگىرلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئازغىنە كۈچى بىلەن مۇستەققىل پادىشاھلىق تىكلىگەن. شېڭ شىسەي دەۋرىدە قەشقەردە جاھانگىرلارنىڭ كۈشكۈرتىشى ئاستىدا ئاتالمىش «شەرقىي تۈكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغان. شىنجاڭنىڭ زىمىنى كەڭ، يەر شارائىتى مۇرەككەپ، قاتنىشى قولايسىز. قوشۇنلىرىمىزنى شىنجاڭدىن ئېلىپ كەتسەك، بۇ گۈزەل دىيار چوقۇم چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئۇ چاغدا بىز ھەربىيلەر ئەبەدىي گۇناھكار بولۇپ قالىمىز!» دەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، تاۋ سىيۆنىڭ كەسكىن بىر پىكىرگە كېلىشىگە ياردەملەشكەن.      

1949-يىلى ئىيۇلدىن ئاۋغۇسىتقىچە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىئەن، باۋجى، تىيەنشۈي، لەنجۇ، شىنىڭ شەھەرلىرىنى ئېلىپ، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشىيا، چىڭخەيلەرنى ئازاد قىلغان. ئارقىدىنلا نىشاننى شىنجاڭغا قارىتىپ، 100 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇن جىيۇچۈنگە يىغىلىپ بۇيرۇق بېرىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان. جۇڭگو كومونىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ سىياسىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قاتتىق بېسىمى، ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى بىلەن ئاۋغۇسىت ئېيىدا تاۋ سىيۆ جاۋ شىگۇاڭنى قاراشەھەرگە چاقىرتىپ، مەخپىي مەسلىھەت قىلىپ، تىنىچلىق بىلەن ھەقىقەتكە قايتىش قارارىغا كەلگەن. جاۋ شىگۇاڭ قەشقەرگە قايىتقاندىن كېيىن، قول ئاستىدىكىلەرگە ۋەزىيەتنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، تىنىچلىق بىلەن ھەقىقەتكە قايتىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا، ئەتراپلىق ئىشلىگەن.

1949-يىلى 25-سىنتەبىر تاۋ سىيۆ بىلەن جاۋ شىگۇاڭ شىنجاڭ گارنىزونىنىڭ باش ۋە مۇئاۋىن قوماندانلىق سالاھىيىتى بىلەن باش بولۇپ، شىنجاڭدىكى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ بىرىگادا كوماندىرىدىن يۇقىرى 14 گېنرالنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇپ، رەئىس ماۋزېدۇڭ، باش قوماندان جۇدېغا تېلگىرامما يوللاپ، تىنىچلىق بىلەن ھەقىقەتكە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جاۋ شىگۇاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى ئارقىلىق ئۇلارغا يەنە بىر قېتىم تېلگىرامما يوللاپ، ئۆزىنىڭ بارلىق قوشونى بىلەن گومىنداڭ ھوكۈمىتىدىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، جوڭگو كومونىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ قەشقەر ۋە پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى بارلىق كۈچى بىلەن كونتىرول قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنىچ ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىغان ۋە 1947-يىلىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەن. ئاتلىق 9-بېرىگادادىكى ئاز سانلىق ئەكسىيەتچى ئوفىسسىرلار پىلانلىغان دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىپ چەتكە قېچىش ۋەقەسىنى تىنچىتقان. چوڭ مىلتارىسىت خۇ زۇڭنەننىڭ جەمەتى، ئاتلىق 4-بېرىگاداسىنىڭ كوماندىرى جاھىل ئۇنسۇر تاڭ جىڭرەننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، تىنىچ ھەقىقەتكە قايتىش يولىدىكى پۇتلىكاشاڭ، توسالغۇلارنى تازلىغان.

ھەقىقەتكە قايتىشقا قارشى گېنراللاردىن ما چىڭشىياڭ، يېچىڭ، لۇشۇرىن ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى تاۋ سىيۆنىڭ قوشۇلىشى بىلەن لاداخ يولى ئارقىلىق ھىندىستانغا كەتمەكچى بولۇپ، قەشقەردە چۈشكۈن قىلىپ ئۆتكەندە جاۋ شىگۇاڭ ئومومىي ۋەزىيەتنى مۇھىم بىلىپ، ئۇلارنى تېزرەك قەشقەردىن يولغا سېلىۋېتىش كويىدا پايپېتەك بولۇپ يوللۇق تۇتۇپ، مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يول بۇيى ئۇلارنىڭ سەپىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، چىگرادىن ئۆتكۈزىۋېتىپ، چاتاقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ۋەزىيەتنىڭ تىنىچ-مۇقىملىقىنى ساقلاپ قالغان. جاۋ شىگۇاڭ قەشقەرنىڭ كونا-يېڭى شەھەرلىرىدە ھەربىي ھالەت جاكارلاپ، كېچە-كۈندۈز قوراللىق چارلاشنى كۈچەيتىپ، باشباشتاق ھەربىيلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئوت قويۇش ۋە بۇلاڭ-تالاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى ساقلاپ، 1949-يىلى 26-نويابىر كۈنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قەشقەر شەھىرىگە كىرىشىنى كۈتۈۋالغان.

شىنجاڭنىڭ تىنىچ ئازاد بولۇشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ۋەتەنپەرۋەر گېنرال جاۋ شىگۇاڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 22-بىڭتۇەننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، قوشۇمچە 9-كورپۇسنىڭ قوماندانى بولۇپ، 1955-يىلى ئۆكتەبىر شىخەنزىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#