ئەمەن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
توسالغۇلارنى ئېچىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتلىرىنى سۈرۈش، ئۆپكىنى تازىلاش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيز ماڭدۇرۇش، تەرلىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، چاچ ئۆستۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار.
ئەمەننىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى فىللاندىرىن (Phellandrene )، كادىنېن (Cadinene)، تويىل ئالكاھول (Thujyl alcohol) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ياۋا ئەمەننىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن %50 تىن يۇقىرى ئۇچۇچان ماي تۇتىدۇ. يەنە %10.13 كان ماددىلىرى، %2.5 ماي، %25.85 ئاقسىل، ۋىتامىن C,B2,B1,A قاتارلىقلار بار.
سۈيدۈك ۋە ھەيز تۇتۇلۇش، قىزىتما، ھەر خىل سۇلۇق ئىششىق، قىيىن تۇغۇت، كۆكرەك ئاغرىقى، نەپەس سىقىلىش، بۆرەك ۋە دوۋسۇنغا تاش پەيدا بولۇپ قېلىش، يانپاش ۋە بوغۇم ئاغرىقى، يىرىڭلىق تېرە جاراھەتلىرى، ئاشقازان- ئۈچەيلەردىكى قۇرتنى ئۆلتۈرۈش، چاچ ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1.ئەمەن، سانا، ئۇبھەل، خىيارشەنبەرلەردىن 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ، بادام يېغى قۇيۇپ ئىچسە ھەيىزنى راۋان قىلىدۇ.
2. 5 گرام ئەمەننى 10 گرام بابۇنە گۈلى بىلەن قاينىتىپ ئىلىمان ھالەتتە ئابىزەن قىلسا، بالىياتقۇ ئىششىقىنى قايتۇرىدۇ.
3. 10 گرام ئەمەن ياپرىقىنى قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچسە، كۆكرەك ئاغرىقى، نەپەس سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ، ئاشقازان – ئۈچەيلەردىكى قۇرتنى ئۆلتۈرىدۇ.
4. ئەمەننى ئابدىمىلىك يېغى ياكى تۇرۇپ يېغى بىلەن قوشۇپ، باشقا سۈركىسە، چاچ چۈشۈشتىن ساقلايدۇ، چاچنى تېز ئۆستۈرىدۇ.
5. ھەمەل قىلىنسا قورساقتىكى ھامىلىنى چۈشۈرىدۇ، كۆرپە ئاستىغا سېلىنسا ھاشارەتلەرنى قاچۇرىدۇ.
(1) باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش تەسىرى بار. ياۋا ئەمەن،ئەمەن چىۋىقلىرى ياكى تۈتۈنى بىلەن ئۆي دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ. ياكى ئېگىر ۋە زەرنىخ بىلەن ياكى ساڭشو(苍术)، زەرنىخ، داغۇر كىرەش قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىسلىسا، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى،B تىپلىق قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى، شەكىل ئۆزگىرىشچان تاياقچە باكتېرىيىسى، بوغما تاياقچىسى، ئۈچەي كېزىكى تاياقچە باكتېرىيىسى، يېشىل يىرىڭ تاياقچىسى، قۇرۇق چۆپ تاياقچە باكتېرىيىسى، ئىشقار ھاسىل قىلغۇچى تاياقچە باكتېرىيىسى، سىل تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرۈش ياكى تورمۇزلاش تەسىرى بار. ياۋا ئەمەن بىلەن ئىسلىسا ، نۇرغۇنلىغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى زەمبۇرۇغلارنىمۇ تورمۇزلايدۇ. ياۋا ئەمەننىڭ قاينىتىلمىسى تەجرىبە نەيچىسى ئىچىدە ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى،قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىسى، ئۆپكە ياللۇغى قوش شارچە باكتېرىيىسى، بوغما تاياقچىسى، تولغاق تاياقچىسى، ئۈچەي كېزىكى تاياقچىسى ۋە پارازىت تاياقچە باكتېرىيىسى، ۋاباۋبىرئون قاتارلىقلارنى تورمۇزلايدۇ. (2) باشقا تەسىرى: ئەمەن قايناتمىسىنى ئۆي توشقىنىغا بېرىلسە، قان قېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە قىزىتما قايتۇرىدۇ.
ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەردە باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ، بەدەننى قۇرۇتىدۇ ھەم بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.