ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتى

ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتى

ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتى 1984-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاقسۇ مائارىپ يولى 15-نومۇردا قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1984-يىلى
تەۋە رايۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
خەنزۇچە نامى 阿克苏教育学院
مەكتەپ تىپى چوڭلار مائارىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتىئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتى 1984-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاقسۇ مائارىپ يولى 15-نومۇردا قۇرۇلغان. 1985-يىلى 9-ئايدا ماتېماتىكا كەسپىگە بىرىنچى قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1999 -يىلى 9-ئايدا ماتېماتىكا كەسپىگە بىرىبچى قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1991-يىلى 9-ئايدا دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈپ، 

ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭدىكى تۆت لاياقەتلىك مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ بىرى بولۇپ رەسمىي بېكىتىلگەن. باشقارما دەرىجىلىك ئورۇن،كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە. مەزكۇر مەكتەپ ئاقسۇ ۋىلايەتتىكى بىردىنبىر مۇنتىزىم چوڭلار ئالىي تېخنىكۇم مەكتىپى بولۇپ، ئاساسلىقى ۋىلايەت ۋە جەنۇبىي مۇنتىزىم چوڭلار ئالىي تېخنىكۇم مەكتىپى بولۇپ، ئاساسلىقى ۋىلايەت ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرىنى ئىش ئورنى بويىچە تەربىيىلەش ۋەزىپىلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئوقۇتۇش خەنزۇ، ئۇيغۇر تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپتە ماتېماتىكا، ئەدەبىيات، فىزىكا، خىمىيە،بىئولوگىيە، تارىخ، جۇغراپىيە سىياسىي مائارىپ، خەنزۇ تىلى، تەنتەربىيە، باشلانغۇچ مائارىپى قاتارلىق 13 خىل پېداەوگىكا كەسپى تەسىس قىلىنغان. «2+3» تۈرىدىكى كەسىپلەر بىلەن بىر ۋاقىتتا جگمئىيەتكە يۈزلىنىپ سودا، كاتىباتلىق، بوغالتىرلىق مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىنى ئاچقان. مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن 2080 نەپەر تەربىيىلىگەن. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تەربىيىلەش، يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنى بويىچە تەربىيىلەش، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەربىيىلەش، كومپيۇتېر ئىش ئورنى تەربىيىلىشى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارغان. ۋىلايەتلىك خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى نۇقتىسى، ئورتاق تىل سەۋىيە ئۆلچەم نۇقتىسى قاتارلىقلار بۇ مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 122666 كۋادرات مېتىر، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب سانى 1.5 تۈمەن پارچە. مەكتەپ شتاتى 167، 1999-يىلى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 72 نەپەر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 447 نەپەر.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#