گولدىباخ قىياسى
گولدىباخ قىياسى ماتېماتىكا نەزىرىيەسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان يېشىلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى (دۇنيادىكى يېقىنقى زامان ئۈچ چوڭ ماتىمىكىلىق قىيىن تېمىلارنىڭ بىرى).
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گولدىباخگولدىباخ قىياسى ماتېماتىكا نەزىرىيەسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان يېشىلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇ قىياس ئەڭ دەسلەپتە 1742-يىلى گېرمانىيەلىك خىرىستىيان ماتېماتىك گولدىباخ شىۋىتسارىيەلىك ماتېماتىك لېينخاردئەيلېر(Leonhard Euler) غا خەت يېزىپ، خېتىدە مۇنداق بىر قىياسنى ئوتتۇرىغا قويغان: خالىغان ئىككىدىن چوڭ بولغان پۈتۈن جۈپ ساننى ھامان ئىككى دانە تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى بىلەن ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
1920-يىلى نورۋېىگىيەلىك ماتېماتىك بىران Viggo Bru''9+9'' نى ئىسپاتلىغان.
1924-يىلى گېرمانىەيلىك ماخ Friedrich Daniel Ernst Schleiermacher ''7+7'' نى ئىسپاتلىغان.
1937-يىلى ئىتالىيەلىك لېيسى ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ''7+5″، ''4+9″، ''3+15″،''2+336'' ، ''1+4'' نى ئىسپاتلىغان.
1966-يىلى جۇڭگولۇق چېن جىڭرۈن''1+2'' نى ئىسپاتلىغان.
2013-يىلى Harald Andrés Helfgott (ئاستىدىكى رەسىمدىكى كىشى شۇ)تورد ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ ئاجىز گولدىباخ قىياسىنىڭ تەلتۆكۈس ئىسپاتلانغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئۆزۈممۇ ئىتراپ قىلىمەن مەن ھازىرمۇ ماتېماتىكا مەستانىسى. تولۇقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتلىرىمدا ماتېماتىكا كىتابنىڭ ئوقۇشلۇق ئۈچۈن بېرىلگەن ماقالىلەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتۇم. ئېسىمدە خاتا قالمىغان بولسا گولدىباخ قىياسىنى شۇ چاغلاردا ئاڭلىغانىدىم. بۇنداق ماتېماتىكا لىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئالسام رېيمان قىياسى، فەرمات ئاخىرقى تېئورمىسى، مېيسىن تۈپ سانى، NP تولۇق مەسىلىسى، تۆت رەڭ تېئورمىسى، سېتاپۇن قىياسى، خوجى قىياسى (Hodge Conjecture) قاتارلىقلارنى ئەسلىشىم مۇمكىن. مەن ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كىنولارنىڭ بېرى خاككېر ئىمپىرىيەسى(The Matrix) ، ئەمەلىيەتتە بۇ كىنو ماتېماتىكا بىلەن پىروگراممىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.