ئەڭ ئۇزۇن قانات

ئاخىرقى بور دەۋرىدە بىر خىل قاناتلىق ئەجدىھا بولۇپ، ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدا ياشىغان. تېكساس شىتاتىنىڭ چوڭ قۇلتۇق باغچىسىدا ئاخىرقى بور دەۋرنىڭ يەر قاتلىمىدىن قاناتلىق ئەجدىھانىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى تېپىلغان. ئۇنىڭ ئىككى قانىتى كېرىلگەندە ئۇزۇنلۇقى 15.5 مېتىرغا يەتكەن. بۇ ئىككى قاناتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇنلىغان ئايروپىلانلارنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. دۇنيا بويىچە بۈگۈنگە قەدەر مەلۇم بولغان ئۇچار قاناتلار ئارىسىدا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن قاناتلىق ئۇچار قانات يوق.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تېكساس قاناتلىق ئەجدىھاسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇۋا قۇش قۇشلارنىڭ بۇۋىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 135 مىليون يىللار ئىلگىرى مىزوزوي ئېراسىنىڭ ئاخىرى يۇرا دەۋرى(يۇرا دەۋرى بۇنىڭدىن 185 مىليون يىللار ئىلگىرى باشلانغان ۋە 135 مىليون يىللار ئىلگىرى ئاخىرلاشقان بولۇپ، دەسلەپكى، ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى دەۋر دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ) ياشىغان. ئۇنداق بولسا، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئاسماندا ئۇچىدىغان جانلىقلار يۇقمىدى؟ تاشقا ئايلانغان كۆپلىگەن قالدۇقلاردىن قارىغاند، بار ئىدى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئۇچار ئەجدىھالار ئىدى. پالېئونتولۇگىيە ئالىملىرى ئۇچار ئەجدىھالارنى ئاسمانغا يۈرۈش قىلغان ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئاۋانگارتى دەپ قارايدۇ. 

ئۇچار ئەجدىھالار ئەڭ بۇرۇن يۇرا دەۋرىدە پەيدا بولغان. ئۇلارنىڭ بەدىنىدە پەي يوق. ئىككى قانىتى شەپەرەڭنىڭ قانىتىغاا ئوخشاش بىر قەۋەت تېرە پەردىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، لەيلەپ ئۇچىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئۇچار قۇشلار ئەجدىھالارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، ئۇلارنىڭ كىچىكلىرى قۇشقاچچىلىك كېلىدۇ. چوڭلىرى قانىتىنى كەرسە ئۇزۇنلۇقى بىر قانچە مېتىردىن ئون نەچچە مېتىرغا يېتىدۇ. 

ئۇچار ئەجدىھالار دەۋرى بىر مەزگىل داۋام قىلغان. بۇۋا قۇش پەيدا بولغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بور دەۋرىدە(بور دەۋرى بۇنىڭدىن 134 مىليون يىللار ئىلگىرى باشلىنىپ، 65 مىليون يىللار ئىلگىرى ئاياغلاشقان. بۇ دەۋرى دەسلەپكى، ئوتتۇرا، ئاخىرقى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ) بىر خىل قاناتلىق ئەجدىھا بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونلىرىدا ئۇچۇپ يۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاخىرقى بور دەۋرىدە بىر خىل قاناتلىق ئەجدىھا بولۇپ، ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدا ياشىغان. تېكساس شىتاتىنىڭ چوڭ قۇلتۇق باغچىسىدا ئاخىرقى بور دەۋرنىڭ يەر قاتلىمىدىن قاناتلىق ئەجدىھانىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى تېپىلغان. ئۇنىڭ ئىككى قانىتى كېرىلگەندە ئۇزۇنلۇقى 15.5 مېتىرغا يەتكەن. بۇ ئىككى قاناتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇنلىغان ئايروپىلانلارنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. دۇنيا بويىچە بۈگۈنگە قەدەر مەلۇم بولغان ئۇچار قاناتلار ئارىسىدا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن قاناتلىق ئۇچار قانات يوق. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ خىل قاناتلىق ئەجدىھانىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ نىسبەتلىك ھالدا ئۆسكەن. بۇنىڭدىن يۇقىرىدىكى ئىككى قاناتنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى يەنىلا «ئەڭ» ئۇزۇن قانات دېگىلى بولمايدۇ. 

تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، تېكساس قاناتلىق ئەجدىھاسىنىڭ بوينى ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە بولۇپ، ئاغزىدا چىش بولماستىن، ئۇنىڭ قۇشلارنىڭكىدەك سۆڭەكسىمان تۇمشۇقى بار. بۇنىڭغا قارىغاندا، ئۇ سېسىپ قالغان گۆشلەرنى يېسە كېرەك. (جى خۇڭ) 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#