ئىسلاندىيە

ئىسلاندىيە

ئىسلاندىيە ياشاش قىيىن دۆلەت. بۇ دۆلەتنىڭ زېمىنى ئاساسەن قار-مۇز بىلەن قاپلانغان ياكى چۆللۈك بولۇپ، يەر كۆلىمىنىڭ %70 ى ئىنسان ياشاشقا ماس كەلمەيدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئىسلاندىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى ئىسلاندىيە
پايتەختى رېيكياۋىك
نوپۇسى 32.56 مىليون (2014-يىلى)
باشقا نامى مۇز دۆلىتى
خەنزۇچە نامى 冰岛共和国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋرۇپا
دۆلەت تىلى ئىسلاندىيە تىلى
چەتئەلچە نامى The Republic of Iceland

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىسلاندىيەئىسلاندىيە ياشاش قىيىن دۆلەت. بۇ دۆلەتنىڭ زېمىنى ئاساسەن قار-مۇز بىلەن قاپلانغان ياكى چۆللۈك بولۇپ، يەر كۆلىمىنىڭ %70 ى ئىنسان ياشاشقا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ زېمىنى ئىرېلاندىيەدىن كۆپ بولسىمۇ، ئارانلا 32.56 مىليون (2014-يىلى) نوپۇسى بار، ئاھالىنىڭ كۆپىنچىسى غەربىي جەنۇبتىكى پايتەخت رېيكياۋىك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەر-بازارلاردا ياشايدۇ.

ئىسلاندىيە ياۋروپانىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر تاغلىق ئارال . ئارالدىكى ئەڭ چوڭ مۇزلۇق ۋاتنا مۇزلۇقى. بۇ غايەت زور مۇزلۇقنىڭ ئىگىلىگەن مەيدانى 8400 كۋادىرات كىلومېىتر بولۇپ، مەزكۈر دۆلەتنىڭ يەر مەيدانىنىڭ 12 دىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ . كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى ، بەزى ھاللاردا مۇزلۇقنىڭ ئاستى قىسمىغا لاۋا ئاقمىسى، يانار تاغ ئېغىزى ۋە ئىسسىق كۆل جايلاشقان ، ۋاتنا مۇزلۇقىدا غايەت زور يانار تاغ ئىغىزى بولۇپ ،گرىم يانار تاغ ئېغىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . 

يانار تاغ ئېغىزى ئىچىدىكى ئىسسق كۆلنىڭ چوڭقۇرلۇقى 488 مىتىر ، ئۇنى 200 مېتىر قېلىنلىقتىكى قېلىن مۇز قاتلىمى قاپلاپ تۇرىدۇ ، لېكىن يەر ئاستىدىن چىققان ئىسسقلىق ئېنىرگىيىسى بىر قىسىم مۇز قاتلىمىنى ئېرىتىۋېتىدۇ . ئوت بىلەن سۇ تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان بۇ ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرە ئىسلاندىيىگە « ئوت بىلەن مۇزدىن شەكىللەنگەن ئارال » دېگەن نامنى ئاتا قىلغان . 

ئىسلاندىيەبۇ ئەلدە ھەممە ئىش ئىسلاندىيە تارىخى بىلەن زىچ باغلانغان. ئىسلاندىيە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى پادىشاھسىز دۆلەت. ئىسلاندىيە پارلامېنتى مىلادى 930–يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي پارلامېنت ھېسابلىنىدۇ. 1262-يىلى، ئىسلاندىيەلىكلەر نورۋېگىيەگە ئەل بولۇپ، مۇستەقىللىقىدىن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ، مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنى يوقاتمىغان. كېيىن، ئىسلاندىيەلىكلەر بىر نەچچە ئەسىرگىچە دانىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ ئېزىلگەندىن سىرت، ناچار كېلىمات پەيدا قىلغان ئېغىر نامراتلىق ۋە بىر قاتار تەبىئىي ئاپەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ناچار شارائىتلارغا تىز پۈكمەي، يۇرت-ماكانىنى قوغدىغان. ئىسلاندىيە شېئىرلىرىدا ۋەتەن مۇھەببىتى باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار دۆلىتىنىڭ تارىخىدىن پەخىرلىنىش بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدۇ.

ئىسلاندىيە ئىسلاندىيەنىڭ قىش پەسلىدە كۈندۈزى قىسقا بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئونغىچە تاڭ يورۇمايدۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ بولمايلا قاراڭغۇ چۈشىدۇ. شىمالىي قۇتۇپ شامىلى ۋە دېڭىز ئېقىمى ھاۋانى سوغۇق ۋە قۇرغاقلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ روھىي كەيپىياتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئەكسىچە، ياز ئايلىرىدا يېرىم كېچىدىمۇ قۇياشنى كۆرگىلى بولىدۇ. قۇياش شىمالدىكى ئۇپۇق سىزىقىدىن ئاستا-ئاستا ئولتۇرۇپ، ئارقىدىن يەنە كۆتۈرۈلىدۇ. 

ئىسلاندىيەئىسلاندىيە دېڭىز قولتۇقىنىڭ يۇقىرى كەڭلىككە جايلاشقان، بىراق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىللىق دېڭىز ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. غەرب شامىلى مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز-ئوكيان كىلىماتىغا تەۋە.  ئوخشاش كەڭلىكتىكى رايونلار ئالاھىدە كىلىماتى 

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئىللىق ئېقىمى ئاساسلىقى ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپىدە ئېقىپ ئۆتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ غەرب ۋە شىمال تەرەپتە بىر ئايلىنىپ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا، شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى قىش پەسلىدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن، ياز پەسلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى پۈتۈن ئارال بويىچە ℃12 ~ ℃7 سېلسىيە گىرادۇس ئارىلىقىدا.

ئىسلاندىيەنىڭ ھاۋارايى ئۆزگىرىشچان بۇلۇپ مول ھۆل-يېغىن ئېلىپ كېلىدۇ، غەربىي جەنۇبىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 1000-2000 مىللىمېتىر ئارىلىقىدا، شىمالىي ۋە شەرقىي شىمالى قىسىمىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولۇپ  400 - 600 مىللىمېتىر.  

ئىسلاندىيە شىمالىي قۇتۇپقا يېقىن بولسىمۇ لېكىن قىش پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋە ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 2 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ؛ ياز پەسلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20-℃7 ئوتتۇرىسىدا.

6-ئايدىن 8-ئايغىچە ئىسلاندىيە قۇتۇپ كۈندۈزى ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، كېچە يوق دېيەرلىك، ئالاھىدە تەبىئىي بۇلۇپ، ساياھەت ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن چىدىر تىكىپ دالا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، كېچىدە يول يۈرۈش قاتارلىقلاردا ناھايىتى قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. 

1-ئايدىن 3-ئايغىچە  مۇز تۇتۇشنىڭ ياخشى مەزگىلى، بۇنىڭدىن سىرت يەنە باشقا تېخىمۇكۆپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغىلى بولدۇ.مەسىلەن: قار تېيىلىش، دالىدا ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق.

ئىسلاندىيەئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇپ، مەدەنىيەت تەۋەلىكى سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلى مەدەنىيەت قاتلىمىغا تەۋە. ئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ تىلى سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدا ئومۇملاشقان شىمالىي ياۋروپا تىلى. ئىسلاندىيەلىكلەر كىتابخۇمار، يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغان مىللەت بولۇپ، ئوتتۇرىچە كىتاب سېتىۋېلىش مىقدارى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى كۈچلۈك بولۇپ، تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ.

ئىسلاندىيەئىسلاندىيىنىڭ يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى مول بۇلۇپ ئارشاڭ كەڭ تارقالغان. بېلىقچىلىق، سۇ مىقدارى ۋە يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى مول، ئەمما باشقا تەبىئىي بايلىقلىرى كەمچىل بۇلۇپ نېفىت قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلدۇ. ئېچىشقا بولىدىغان يىللىق سۇ مىقدارى بىلەن توك چىقىرىش مىقدارى دەرىجىس، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيىسى، يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى 7 مىليارد 200 مىليون.[0]

ئىسلاندىيەئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش ئىقتىدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇلار ياشاش مۇھىتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان يانارتاغقا مۇھەببەت باغلىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن قورقمىغان، ھەتتا ئۇنى بويسۇندۇرغان. مەسىلەن: 1973-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچىدە، خېمېي ئارىلىدىكى بېلىقچىلار كەنتىگە يېقىن جايدا يانارتاغ پارتلىغان، ئەتىسى سەھەردە، ئارالدىكى 5000 ئاھالە پايتەختكە بىخەتەر چېكىنگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يانارتاغ بىلەن ئۇزاققا سوزۇلغان كۈرەشنى باشلىغان. تاغلىق كەنت چوغدەك يېنىپ تۇرغان ۋولقان كۈلى ۋە ماگمىنىڭ ئاستىدا قالغان، توپ-توپ پىدائىيلار قايتۇرما زەربىگە ئۆتكەن. ئۇلار دېڭىز پورتىنى زىياندىن ساقلاش ئۈچۈن، سۇ پومپىسى بىلەن نەچچە مىليون گاللون دېڭىز سۈيىنى تارتىپ چىقىرىپ، ئۈزلۈكسىز يامراۋاتقان ماگمىغا چېچىپ سوۋۇتقان ھەم ئۇنىڭدىن بارلىققا كەلگەن تاغ جىنسلىرى بىلەن توساق شەكىللەندۈرۈپ، ماگما ئېقىنىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن. بەش ئايدىن كېيىن يانارتاغ پارتلاشتىن توختىغان، ماگما ئېقىنى تىزگىنلىنىپ دېڭىز پورتى ئامان قالغان. خېمېيدا يېپيېڭى، مەزمۇت دولقۇن توسۇش دامبىسى شەكىللەنگەن.

بۈگۈنكى خېمېي گۈللەنگەن، ئاۋات دېڭىز پورتىغا ئايلاندى. كەنتتىن چېكىنگەنلەر قايتىپ كېلىپ يۇرتىنى قايتا قۇردى. ماگمىلارنىڭ قالدۇق ئىسسىقلىقى قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ پار بىلەن ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەبىئىي يېقىلغۇسىغا ئايلاندى، بۇ ئىنسانلارنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم يانارتاغ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/10176.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#