ياغلىق توقاچ

مايلىق توقاچ
ياغلىق توقاچ  ئاق ئۇن، خېمىرتۇرۇچ ، سۈت ، قۇيرۇق ياغ ، سۇ يېغى(قوي يېغى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ) ، تۇز قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تەييارلىنىدغان ناننىڭ بىر تۈرى، شەكلى كۆركەم ،تەملىك ،يىيىشلىك بولۇش ئالاھىدىلىكى بار.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماتېرىياللىرىئاق ئۇن تۆت كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 70 گرام، سۈت بىر يېرىم كىلوگرام، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، سۇ يېغى(قوي يېغى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ) 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. ئىسسىق سۈتكە تۇز قۇيىمىز. خېمىرتۇرۇچنى يۇمشىتىمىز. ئۇلارنى ئۇنغا سېلىپ ۋە داغلانغان سۇ يېغىنى قۇيۇپ يۇغۇرىمىز. خېمىر بولغاندىن كېيىن 175 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، گىرۋىكىنى قېلىنراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزراق قىلىپ توقاچ ياساپ، گىرۋىكىگە پىچاق ياكى تاغاق بىلەن گۈل چېكىپ ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ چېكىپ، يۈزىگە داستىخان يېپىپ 10-15 مىنۇت تىندۈرۇلىدۇ.

2. تونۇرنى قىزىتىش، ناننى يېقىش، پىشۇرۇش گىردە ناننىڭكىدەك بولىدۇ. نان پىشقاندىن كېيىن قىزىق ۋاقتىدا يۈزىگە ئېرىتمىگەن قۇيرۇق ياغنى سۈركەپ، ئىككى ناننىڭ يۈزىنى بىر-بىرىگە يېقىپ شامالدىتىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#