سوزاپ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سوزاپ بولسا سوزاپ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك سوزاپنىڭ پۈتۈن چۆپى بۇلۇپ،ئۆسۈملۈكنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىرگە يېتىدۇ ، پۈتۈن كۆچىتى تۈكسىز ، يۇپۇرمىقى ئۇششاق ۋە يۇمىلاق، رەڭگى سېرىق، مېۋىسى 4 ~ 5 دانە بولۇپ ، پىشقاندا يېرىلىدۇ.ناھايىتى پۇراقلىق،6-7-ئايلاردا پۈتۈن ئۆسۈملۈكىنى يىغىۋېلىندۇ.ئېلىمىزنىڭ جەنۇبى رايونلىرى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
مېڭە ، ئاشقازان، پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، زەھەر قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئەقىلنى زىيادە قىلىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش ، قۇرۇتۇش، تېرىنى غىدىقلاش، قىزارتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەكىس تەسىرى
سوزاپنىڭ ئۇچۇچان مېيى سېسىق پۇراقلىق، غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، تىرىگە ئىشلەنگەندە، كۆيگەندەك تۇيغۇ بولىدۇ. تېرىنى قىزارتىپ قاپاراتما ھاسىل قىلىدۇ. ئىچىدىن ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازاننى قاتتىق ئاغرىتىپ، قۇسۇش، ئەس – ھۇشى تۇتۇقلىشىش، تارتىشىپ قېلىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مىقداردىن ئېشىپ كەتكەندە جىگەر ۋە بۆرەككە زىيانلىق.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
1. ئۇرۇقنىڭ سۇدىكى قايناتمىسىنىڭ چاشقاننىڭ بالياتقۇسىغا نىسبەتەن غىدىقلاش تەسىرى بار بولۇپ، بالياتقۇنىڭ دەۋرىيلىك قىسقىرىشىنى تېزلىتىدۇ. 2. مىكرو ئورگانىزىمـلارغا قارشـى تۇرۇش تەسـىرى بار.3 . مۇسكۇللارنى بوشۇتۇش تەسىرى بار؛ 4. قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، تاجسىمان يۈرەك ئارتېرىيىسىنىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار. 5. ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرىدۇ. 6. زەھەرلىك تەسىرى: تەركىبىدىكى ئۇچۇچان ماي غىدىقلىغۇچى پۇراققا ئىگە بولۇپ، ئىستېمال قىلىنسا ئاشقازان ئاغرىش قۇسۇش، پەي تارتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 7. تېرە كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن مەلۇم ئۈنۈمى بار ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سىپورالىن، كىسانتوتوكىسىندىن ئۇكۇل ياساپ تېرىگە ئۇكۇل قىلىپ ئولتىرا بىنەپشە نۇر بىلەن نۇرلاندۇرۇلسا ، نۇر چۈشكەن يەرنىڭ تېرىسى قىززىيدۇ ، پىگمىنت كۆپىيىدۇ ، بەرەس كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .
پـۈتـۈن چۆپـىـدە كـۆپ خـىـل ئـۇچـۇچـان مـاي بـار بـولـۇپ، ئۇنىـڭدىـن بـاشـقـا گـراۋېـئـولـىـن (gracvoline)، كـۇكـۇســاگـنـىـن (kokusaginine)، ســىكــىمـمئانىـن (sikimianine) ،-b مېسـوكـىدىـكتـەمـىنـن (b-methoxydictamnine)، ئەدىيولنىن (edulinene) ، ئابورىنـىـن (arborinine)، -Yگاردىـن (y-Fagarine)، گـرەۋئېولىنـىـن (graveolinene)،رۇتـاكـرىـدون (rutacridone)، N – مـېسـىـل پـلاتمـىـسمـىـن (N-methylplatydesmin)، رىيۇبالىنىدىن (rubalinidin) رىيۇتالىنىدىن (rutalinidin) قاتارلىق بىئولوگىيىلىك ئىشقارلار ۋە ھەر خىل فلەۋونوئىد قاتارلىق ماددىلار بار. يىلتىز قىسمىدا يەنە گـراۋكـرىدوندىئـول (gravecridonediol) قاتـارلىق بـىـئولـوگىـيىـلىـك ئىـشقارلار. گـراۋىـلـلـىفـرىـون (gravelliferone)، چەلـپـگەنـسىـت (chalepensin)، 3 ـ (1، 1، دىمسىللالى) خېـرنـىئـازىـن 3-(1,1-dimethylalyl)herniarin]]، كـسانـسلېـتىن (xanthyletin)، مارمەسىن (marmesin) قاتارلىق ماددىلار بار.
1. سوزاپنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ، زەيتۇن يېغى بىلەن قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ياغلىسا بوغۇم ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىق، سۇلۇق ئىششىقلارغا شىپا بولىدۇ
2، سوزاپ، ئۇد سەلىب، لاچىندانە، قاقىلە، ئۇستىقۇددۇس قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ، چايلىق تەييارلاپ ئىچسە ئاشقازان ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
3.سۇزاپتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ، سوقۇپ ،مۇۋاپىق مىقداردىكى گۈل يېغى بىلەن زىماد تەييارلاپ، يىلان، چايان چاققان، چىشلىگەن جايلارغا سۈركىسە مەنپەئەت قىلىدۇ .
4. سوزاپ ،سېرىق چېچەك قاتارلىقلاردىن مۇئاپىق مىقتاردا ئېلىپ سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىستېمال قىلسا ھېق تۇتۇشقا مەنپەت قىلىدۇ.
مەلھىمى سوزاپ ،سوزاپ يېغى
ئاشقازان ئاجىزلىقى، جىگەر قېتىش،بەھەق، ئاق كېسەل، قۇلاق ئاغرىقى، تەمرەتكە، پالەچ، تەشەننۇج، بوغۇم ئاغرىقى، ھەرخىل سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.