ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتەپ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتەپ

بۇ مەكتەپنى 1947-يىلى 5-ئايدا سابىق رەئىس گېنىرال ۋاڭ جىن ئۆز قولى بىلەن شەنشى ئۆلكىسى لىشى ناھىيىسى ياڭ جياخۇي كەنتىدىكى بۇتخانىدا قۇرغان. ئەسلى ئىسمى خې لوڭ پەرزەنتلەر مەكتىپى ئىدى.

ئۇيغۇرچە نامى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتەپ
قۇرغۇچىسى ۋاڭ جىن
شىنجاڭدا قۇرۇلغان ۋاقتى 1949-يىلى
ئەسلى نامى خې لوڭ پەرزەنتلەر مەكتىپى
دەسلەپ قۇرۇلغان ۋاقتى 1947-يىلى 5-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ مەكتەپنى 1947-يىلى 5-ئايدا سابىق رەئىس گېنىرال ۋاڭ جىن ئۆز قولى بىلەن شەنشى ئۆلكىسى لىشى ناھىيىسى ياڭ جياخۇي كەنتىدىكى بۇتخانىدا قۇرغان. ئەسلى ئىسمى خې لوڭ پەرزەنتلەر مەكتىپى ئىدى. مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە پەقەتلا ئىكى نەپەر ئوقۇتقۇچى، بىر نەچچە ئاشپەز، ئۈچ قوشما شەكىلدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش سىنىپى. 30 دىن ئارتۇق  ئوقۇغۇچى بولغان مەكتەپ ئىدى. 1948-يىلى 5-ئايدا مەكتەپ ھەربىيلەرگە ئەگىشىپ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خېجىن ناھىيىسىنىڭ گاۋجيا كەنتىگە كۆچۈپ، «2-كالۇننا پەرزەنتلەر مەكتىپى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 

1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قوشۇنغا ئەگىشىپ شىنجاڭغا كىرىپ، مەكتەپ نامى 1-ئاۋغۇست پەرزەنتلەر مەكتىپى، كېيىن ھەربىي رايون پەرزەنتلەر مەكتىپى دەپ ئاتالغان. ئوقۇغۇچىلار 300 دىن كۆپرەك بولۇپ، ئالتە سىنىپ 10 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بار ئىدى. 1952-يىلى 7-ئايدا مەكتەپ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغان ھەم تەرەققىي قىلىپ بەش سىنىپ، 500 نەپەر ئوقۇغۇچى غا يەتكەن. 1953-يىلى يازدا مەكتەپ قىزىل تاغ ئاغزىدىكى كونا بۇتخانىدىن ھازىرقى ئورنىغا كۆچكەن. 1955-يىلى 7-ئايدا تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى تەسىس قىلغان. 1958-يىلى ئوقۇغۇچى سانى كۆپىيىپ مىڭغا، ئوقۇتقۇچى 70 كە يەتكەن. 

1959-يىلى 9-ئايدا مەكتەپ ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ باھالانغان. 1965-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىن يەرلىككە تاپشۇرۇپ بېرىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە قاراشلىق بولغان ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ بېكىتىلگەن. 1969-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 18-ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1980-يىلى قايتىدىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىكىگە تاپشۇرۇلۇپ، ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى دېگەن نامى ئەسلىگە كەلگەن. بۇ مەكتەپ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 120000 كۋدرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 68000 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. مەكتەپنىڭ 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 233، ئوقۇتۇش سىنىپى 28، بالىلار باغچىسى، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچتىكى ئوقۇغۇچى سانى 4457 نەپەر.

1989-يىلى مەملىكەتلىك تەنتەربىيە ئۆلچىمىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، 1990-يىلى مەملىكەتلىك ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرىدىكى ئىلغار كوللكېتىپ ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. ئىككى قېتىم تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئوقۇتۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#